تەبرىك خەت
جىلىن داشۆ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى پەيتىدە، مەن بارلىق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار، خىزمەتچى خادىملار ۋە كەڭ مەكتەپداشلارنى تەبرىكلەيمەن!
يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، جىلىن داشۆنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنىۋېرسال ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، دىققەتنى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پەن، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردە شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
شى جىنپىڭ
2026 - يىلى 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى)
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى خەت ئەۋەتىپ جىلىن داشۆ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىنى تەبرىكلىدى، بارلىق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار، خىزمەتچى خادىملار ۋە كەڭ مەكتەپداشلارنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، جىلىن داشۆنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنىۋېرسال ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، دىققەتنى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پەن، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردە شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
جىلىن داشۆ 1946 - يىلى قۇرۇلغان. 80 يىلدىن بۇيان، مەكتەپ ئېسىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ھەر ساھە، ھەر كەسىپلىرى ئۈچۈن زور بىر تۈركۈم ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ يەتكۈزۈپ بەردى.