ئىلغار ياسىمىچىلىقنى سىجىل زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك

2026-09-19 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ ئىلغار ياسىمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

ئىلغار ياسىمىچىلىقنى سىجىل زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك

لى چياڭ مەملىكەتلىك ئىلغار ياسىمىچىلىق يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى


شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ئىلغار ياسىمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ ئىلغار ياسىمىچىلىقى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىپ، يېڭىلىق يارىتىش كۈچى، رىقابەت كۈچى، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى كۆرۈنەرلىك كۈچىيىپ، ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىدا پۇختا قەدەم تاشلاندى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى مۇساپىدە، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، يېشىللاشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىلغار ياسىمىچىلىقنى سىجىل زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۆز ئالدىغا تىزگىنلەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىلغار ياسىمىچىلىقنى تايانچ قىلغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەملەپ ۋە زورايتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

مەملىكەتلىك ئىلغار ياسىمىچىلىق يىغىنى 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىن 17 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى يەتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى چياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

لى چياڭ سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىدا ئىلغار ياسىمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، يۆنىلىشى، يولى ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىسى چوڭقۇر بايان قىلىنغان، ناھايىتى كۈچلۈك ئىستراتېگىيەلىككە، يېتەكچىلىككە، قاراتمىلىققا ئىگە بولۇپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنى مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. بىز ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىلغار ياسىمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە قىلىپ، سىجىل كۈچەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش نىشانىغا قاراپ قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

لى چياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى يۈزلىنىشىگە ماسلىشىپ، يېڭى بىر ئەۋلاد ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىقنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، تەرەققىيات تەدبىرى جەھەتتە رەقەملىك ئەقلىي ئىقتىدار ئارقىلىق كۈچ قوشۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، تېخنىكا لىنىيەسى جەھەتتە يۇقىرى دەرىجىلىكلىشىش، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئىشلەپچىقىرىش شەكلى جەھەتتە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، مەنزىرە كەسىپ ھالىتى جەھەتتە ساھە ھالقىپ يۇغۇرۇلۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ياسىمىچىلىقنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش، يېشىللىشىش، يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىغا كۈچەپ تۈرتكە بولۇش كېرەك.

لى چياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دىققەتنى نۇقتىلىق ساھەلەردە ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىش، دەل جايىدا كۈچەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىلغار ياسىمىچىلىقنىڭ يېڭىلىق يارىتىش كۈچى، رىقابەت كۈچى، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش موتورى بەرپا قىلىپ، ئاساس تەتقىقات تىرىكىنى مۇستەھكەملەپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇپ قوللىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى كۆلەملىك قوللىنىشنى تېزلىتىپ، كېلەچەك كەسىپلەرنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ يېڭىلىنىپ دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار + ياسىمىچىلىق» ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ رەقەملىشىش، ئاقىللىشىشقا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش، قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يۇمشاق - قاتتىق ماتېرىيال ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. ئىلغار ياسىمىچىلىق ۋە زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، مۇلازىمەت تىپىدىكى ياسىمىچىلىقنى ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ئىلغار ياسىمىچىلىق توپىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، تۈر ۋە قاتلامغا ئايرىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىنى كۈچەيتىپ، سىياسەت ۋە ئامىل تەمىناتىنى كۈچەيتىپ، ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىپ، ئىلغار ياسىمىچىلىق تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گوچىڭ خۇلاسە سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، زۇڭلى لى چياڭنىڭ سۆزىدىكى تەلەپلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىلغار ياسىمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاچقۇچنى چىڭ تۇتۇپ، نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېڭى بىر ئەۋلاد ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىقنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەسىپ سىستېمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە يۇغۇرما تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك. بازار مېخانىزمىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئۆلچەم سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، تەرتىپسىز بولغان، ئاقىلانە بولمىغان رىقابەتنى سىجىل تەرتىپكە سېلىپ، كارخانىلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا پائال ياردەم بېرىپ، ئىلغار ياسىمىچىلىق تەرەققىياتىنىڭ ياخشى ئېكولوگىيەسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك.

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى، جياڭسۇ ئۆلكىسى، خۇبېي ئۆلكىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

ۋۇ جېڭلۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى. ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە پىلانى ئايرىم تۈزۈلىدىغان شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرى، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى قىسمەن پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، كارخانىلار، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئورگىنىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ياسىمىچىلىق ساھەسىدىكى ئالاقىدار كارخانىلاردىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.