«جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى، ئۇيۇشۇش كۈچى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك»

2026-09-19 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

—— باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى فەن سىشياڭ، تاڭ جيەنخۇي

2026 - يىلى 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنىدىن 27 - كۈنىگىچە، دۆلىتىمىز «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى» يولغا قويۇلغاندىن كېيىنكى تۇنجى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەشۋىقات ھەپتىلىكىنى كۈتۈۋالىدۇ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش توغرىسىدىكى كۆپ خىل شەكىللىك تەشۋىق - تەربىيە پائالىيىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مەركەزلىك قانات يايدۇرۇلىدۇ.

جۇڭخۇا مىللىتى ھەرقايسى مىللەتلەر يۇغۇرۇلغان كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلەشكەن چوڭ ئائىلە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دۆلىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مىللەتلەر خىزمىتىنى مىسلىسىز تارىخىي يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، بىر قاتار مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقىرىپ، دۆلىتىمىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى.

ئانارگۈللىرى ئېچىلىپ بەخت ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلار قېرىنداشتەك يېقىن ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىدى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ دەۋر كۈچلۈك ساداسى جۇڭگو زېمىنىدا ياڭرىدى.

«جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى ۋە مىللەتلەر رايونىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىش كېرەك»

«ماقۇللاندى!»

2026 - يىلى 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، خەلق سارىيىدا ئالقىش ساداسى ياڭرىدى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى، بۇ، يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر ساھەسىدىكى تۇنجى مەخسۇس قانۇن.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى تۈزۈش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرما قىلغان مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە ۋە قانۇن چىقىرىش ۋەزىپىسى بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن قانۇنچىللىق ئۇلىنى پۇختىلاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە چېگرا رايوننىڭ مۇستەھكەملىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «ئىككى بىلەن بىرلەشتۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، «ئىككى ئومۇمىيەت»نى كۆزلەپ، ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيەسىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىدە يېڭى تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلدى.

ھازىر، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت بىلەن خەۋپ - خەتەر، خىرىس تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان، ئېنىقسىز، مۆلچەرلىگۈسىز ئامىللار كۆپىيىۋاتقان مەزگىلدە تۇرماقتا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرى يېڭى ۋەزىيىتىنى قانداق يارىتىش كېرەك؟

«جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئۇل خاراكتېرلىك ئىش سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇش، ياخشى تۇتۇش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر ئويلىنىپ يىراق كەلگۈسىنى كۆزلەپ، يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

2014 - يىلى 5 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى»نى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. يەنە شۇ يىلى ئېچىلغان مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا: «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئىدىيە ئاساسىنى پۇختىلاشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.

شۇنىڭدىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ئىجادىي ھۆكۈمنى چۆرىدەپ بىر قاتار مۇھىم بايان ۋە چۈشەندۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى −

2017 - يىلى، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدا «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش»نى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم ئۇنى پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولدى؛ 2019 - يىلى، مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا «تۆت ئورتاق»تىن ئىبارەت جۇڭخۇا مىللىتى تارىخ قارىشىنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويدى؛ 2021 - يىلى، مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىدا «جەزمەن پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش» قاتارلىق «12 جەزمەن»نى ئوتتۇرىغا قويدى؛ 2024 - يىلى، مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا جۇڭخۇا مىللىتى تارىخ قارىشىنى «تۆت ئورتاق»تىن «بەش ئورتاق»قا كېڭەيتتى...

چاڭبەيشەن تېغى ۋە خېيلۇڭجياڭ دەرياسىدىن يۈننەن - گۇيجوۋ ئېگىزلىكىگىچە، نەنخەي دېڭىزى ساھىلىدىن ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىي چېگرا رايونىغىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەر مىللەت ئامما بىلەن كۆپ قېتىم يۈزتۇرا ياكى خەت ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرۇپ، خەلقنىڭ يۈرەك ساداسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى، كۆپچىلىك بىلەن مىللەتلەر رايونىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا ئورتاق توختىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنىڭ قەلبلەردىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا تۈرتكە بولدى.

خۇنەن شياڭشى خۇايۈەن ناھىيەسى شىبادۇڭ كەنتىدە «نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش» ئىدىيەسىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى؛ ئىچكى موڭغۇلدا تۆت ئەۋلاد بىللە ياشايدىغان «كۆپ مىللەتلىك ئائىلە»گە كىرىپ، «ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك» دەپ كۆرسەتتى؛ گۇيجوۋدا سەمىمىي ھالدا يۇرتداشلارغا: «جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلە، 56 مىللەت 56 گۈل» دېدى؛ جېجياڭ جىڭنىڭ شېزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ: «مىللەتلەر رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە ئورتاق بېيىشىنى پائال ئالغا سىلجىتىش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى...

ئورتاق ماكان، ئورتاق سالاھىيەت، ئورتاق ئىسىم، ئورتاق ئارزۇ، 56 مىللەت ئۇيۇشسا بۇ دەل جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى.

2025 - يىلى، شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا شىزاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى، بۇلار پارتىيە ۋە دۆلەت تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىش.

2026 - يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى قىلغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ ئىككى «تۇنجى قېتىملىق ئىش»نى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «مەن شىزاڭ، شىنجاڭغا بېرىپ تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە قاتناشتىم، قارلىق ئېگىزلىكتىن تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغىچە، ھەر مىللەت ئامما قەلبداش بولۇپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتى، كۆپچىلىك ئاپئاق خادا، قىزغىن ناخشا - ئۇسسۇللىرى بىلەن ۋەتەنگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى ئىپادىلىدى، بەختلىك تۇرمۇشنى مەدھىيەلىدى.»

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى ۋە كېڭەيدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى، مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچى زور دەرىجىدە كۈچەيدى.

«جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرى، بىر مەقسەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرماقتا، بۇ، يېڭى دەۋردىكى دۆلىتىمىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ جانلىق تەسۋىرى»

بىر - بىرىگە گىرەلەشتۈرۈپ سېلىنغان يىزۇ مىللىتىنىڭ يېڭى تۇرالغۇلىرى، تاغنى بويلاپ ياسالغان لەنمېي باغچىسى، تۇتاش يېيىلغان يورۇقلۇق ۋولت تاختىلىرى... سىچۇەن جاۋجۆ ناھىيەسىنىڭ جيېفاڭگوۋ بازىرى خوپۇ كەنتىگە كىرگەندە، گۈللەپ ياشنىغان مەنزىرە كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ. بۇ، كەنت ئاھالىسى جىدى ئېرزىنىڭ ئەسلىمىسىنى سەككىز يىل بۇرۇنقى ۋاقىتقا قايتۇرۇپ كەلدى −

2018 - يىلى باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ دالياڭشەن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى بۇ كەنتكە كېلىپ، نامرات يىزۇ ئاممىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، شۇ جايدىكى كادىرلار، ئامما بىلەن نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرلىرى ئۈستىدە ئورتاق كېڭەشتى.

بۈگۈنكى كۈندە، لەنمېي كەسپى ۋە ئۆزگىچە مەدەنىيەت - ساياھەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلغان خوپۇ كەنتىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر رايونىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقانلىقىنىڭ جانلىق ئىخچام كۆرۈنۈشى بولۇپ قالدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىدە تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قىياپىتى، مىللەتلەر رايونىنىڭ قىياپىتى، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ قىياپىتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قىياپىتىنىڭ ھەممىسىدە تارىخىي خاراكتېرلىك غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بولدى.

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق مەنىۋى ماكانى كۈچەپ بەرپا قىلىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كۈچلۈك مەنىۋى مەدەنىيەت تىرىكى بىلەن تەمىنلەندى −

ناخشا - ئۇسسۇللۇق تىياتىر «ئۇزۇن سەپەر، ئۇزۇن سەپەر»، ئۇسسۇللۇق شېئىرىي تىياتىر «ئورتاق ماكان»، دىراما «مەڭگۈ ئاياغلاشمايدىغان يىماكەن نەزمىسى»... ھازىر، 7 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات - سەنئەت كۆرىكى ئۆتكۈزۈلۈۋاتىدۇ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتقان، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن، ئەنئەنىۋى ۋە زامانىۋى ئالاھىدىلىككە ئىگە بىر تۈركۈم تىياتىر نومۇرلىرى بېيجىڭدىكى ھەرقايسى چوڭ تىياتىرخانىلاردا ئورۇنلىنىپ، تاماشىبىنلارغا يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر مەدەنىيەت - سەنئىتىنىڭ سالاپىتىنى ھېس قىلدۇردى.

مەدەنىيەت بىر مىللەتنىڭ روھى، مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ يىلتىزى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «جەزمەن جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ قەلبى زىچ ئۇيۇشۇش، مەنىۋى جەھەتتىن بىر - بىرىگە تايىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەيدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى رىشتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.»

«شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق» قاتارلىق مۇھىم ئەسەرلەرنىڭ مىللەتلەر تىل - يېزىقىدىكى نۇسخىلىرى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىدىيە ئۇلۇغ كۈچىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىندى؛ مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيەت تۇلپار مۇكاپاتى، مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر مۇنەۋۋەر ئۇسسۇل ئەسەرلىرى كۆرىكى قاتارلىق پائالىيەتلەر گىرەلىشىپ بىر - بىرىنى جۇلالاندۇردى؛ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق مەنىۋى ماكانى قۇرۇلۇشى باش تېمىسىدىكى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى خېنەن، لياۋنىڭ قاتارلىق جايلاردا ئۆتكۈزۈلۈپ، مىللەت روھى ۋە دەۋر روھى ئەۋج ئالدۇرۇلدى... جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق مەنىۋى ماكانى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى مەنزىرىلىرى ئاستا - ئاستا نامايان قىلىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ مەنىۋى ۋە مەدەنىيەت ئاساسى پۇختىلاندى.

ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشى تېخىمۇ كېڭىيىپ، چوڭقۇرلىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولغان بەختلىك ماكان ئورتاق بەرپا قىلىندى −

جۇڭچيۇ بايرىمىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونى گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسى جۇڭچيۇ بايرىمىلىق يۈز ئائىلە زىياپىتى پائالىيىتىگە تەييارلىق كۆرۈۋاتاتتى، ھەر مىللەت ئائىلىلىرى ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتىدۇ.

«باش شۇجى شى جىنپىڭ مەھەللىمىزدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا: مەھەللىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ شاد - خۇراملىققا چۆمگەنلىكىنى ھېس قىلدىم، دېگەنىدى، بۇ، بىزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتتى» دېدى مەھەللە پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ ياۋۋېن.

باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، يۈننەن «ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەش قەلبداشلار لاگېرى» ماركا قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر ئوبلاست (شەھەر)دە بىر ماركا بولۇش، بىر جايدا بىر ئۆزگىچىلىك بولۇش»نى شەكىللەندۈردى؛ گەنسۇ «ئانار گۈلى ئېچىلدى. بىر مەقسەتتە ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش» تېمىسىدىكى تەيۋەنلىك ياش - ئۆسمۈرلەر لۇڭشاڭ مەدەنىيىتى بويىچە تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش لاگېرى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى قىرغاقتىكى ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، بىر مەقسەتتە بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشى ئۈچۈن ئالماشتۇرۇش سۇپىسى بەرپا قىلدى؛ گۇاڭدۇڭ گىرەلەشمە مەھەللە قۇرۇلۇشىنى تۇتقا قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى مەھەللە ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى... پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقى مىسلىسىز بولدى، بىللە ياشاپ بىللە ئۆگىنىپ، ئورتاق قۇرۇپ ئورتاق بەھرىلىنىپ، بىللە ئىشلەپ بىللە كۆڭۈل ئېچىپ، بىر مەقسەتتە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچى مۇجەسسەملەندى.

مىللەتلەر رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى تېزلىتىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشقا قاراپ بىرلىكتە ئاتلىنىشىغا تۈرتكە بولۇندى −

ھەيۋەتلىك كوئېنلۇن، كۆز يەتكۈسىز قارلىق دالا. 20 يىل كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆتۈپ كەتتى.

2026 - يىلى 7 - ئايدا، چىڭخەي - شىزاڭ تۆمۈريولى پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلانغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى كۈتۈۋالدى. يېڭى دەۋردىن بۇيان، چىڭخەي - شىزاڭ تۆمۈر يولىنى ئاساسىي ئوق، لاسا - رېكازې تۆمۈريولى ۋە لاسا - لىنجى تۆمۈريولىنى ئىككى قانات قىلغان ئېگىزلىك تۆمۈر يول رامكىسى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكى تۆمۈريولىنىڭ تىجارەت مۇساپىسى نۆۋەتتە 4000 كىلومېتىردىن كۆپرەككە يېتىپ، قارلىق ئېگىزلىكنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك قۇۋۋەت قوشتى.

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2020 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە، دۆلىتىمىزدىكى بەش ئاپتونوم رايوننىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يىغىندىسى 6 تىرىليون 10 مىليارد يۈەندىن 8 تىرىليون 660 مىليارد يۈەنگە كۆپىيىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن5.5 ئاشقان.

يېڭى دەۋردىكى چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى، كۆكخوت - باۋتوۋ - ئېردۇس - يۈلىن، نىڭشيادىكى خۇاڭخې بويى، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكى قاتارلىق شەھەرلەر توپى تېز يېتىلدۈرۈلدى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇلدى... بىر قاتار تەدبىرلەر ئارقىلىق مىللەتلەر رايونىنىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە تېز سىڭىشىشىغا مەدەت بېرىلىپ، ھەرقايسى رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە تېخىمۇ زىچ باغلىنىشى، يۇغۇرۇلۇپ بىر گەۋدىگە ئايلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشى كاپالەتلەندۈرۈلۈپ ۋە ياخشىلىنىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇلدى.

كۈنلەر باياشاتلىققا تولدى، تۇرمۇش گۈزەللەشتى، ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلىرى بەخت ناخشىسىنى بىرلىكتە ئېيتتى، ناخشا سادالىرى ھەر تەرەپكە تارالدى.

«ھەر مىللەت خەلق قەلبداش بولۇپ قول تۇتۇشۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ شان - شەرەپتىن ئورتاق بەھرىلىنىشى كېرەك»

«پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە زىچ تايىنىپ ۋە ئۇلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشۇپ، جاسارەت بىلەن يېڭى تارىخىي شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتايلى!» 2026 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارغا چاقىرىق قىلدى.

ئىدىيە نۇرى گۈللىنىش مۇساپىسىنى يورۇتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەرگە سىڭگەن، ئۇ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال.

كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، جەزمەن باشتىن - ئاخىر پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىدىكى ئورتاق ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساسنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى تەبرىكلىنىۋاتقان پەيتتە، گۇاڭشى نەننىڭ شەھىرىنىڭ لياڭچىڭ رايونى لياڭچىڭ بازىرى پەنلۇڭ مەھەللىسى پارتىيە كومىتېتى شەرەپ بىلەن «مەملىكەت بويىچە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى» دېگەن نامغا ئېرىشتى، شۇ جايدىكى كادىرلار ۋە ئامما ھەسسىلەپ روھلاندى.

«بۇ، مەھەللە پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىغا بولغان بىر مۇئەييەنلەشتۈرۈش.» پەنلۇڭ مەھەللىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ليۇ يەنلىن مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەھەللىمىزدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا بەرگەن تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دىققەتنى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق بىرىكمە كۈچنى يېتەكلەش، مۇلازىمەتنى ئاساس قىلىپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاھالىلەرنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى سىجىل ئاشۇرىمىز.

پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈپ ئاساسى، جان تومۇرى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىلا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ، پەقەت جۇڭگوچە سوتسىيالىزملا ھەرقايسى مىللەتلەرنى ئۇيۇشتۇرالايدۇ، ھەرقايسى مىللەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرالايدۇ، ھەرقايسى مىللەتلەرنى گۈللەندۈرەلەيدۇ.

بېيدوۋ يۇلتۇزىنى بەلگە قىلىپ ماڭساق يولدىن ئېزىپ قالمايمىز، كوممۇنىستىك پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭساق بەختلىك بولىمىز. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش ئارقىلىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈردى.

كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنى بەخت - سائادەت ۋە جاپادا بىللە بولۇش، شەرەپ - نومۇستا بىللە بولۇش، ھايات - ماماتتا بىللە بولۇش، تەقدىر - قىسمەتتە بىللە بولۇشتىن ئىبارەت ئورتاق گەۋدە ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

«1947 - يىلى 4 - ئايدىن 5 - ئايغىچە ئۇلانخوتتا ئېچىلغان ئىچكى موڭغۇل خەلق ۋەكىللىرى يىغىنىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى تۇنجى ئۆلكە دەرىجىلىك مىللىي ئاپتونوم رايون قۇرۇلدى...» ئىچكى موڭغۇل شىڭئەن ئايمىقى ئۇلانخوت شەھىرىدىكى 1 - ماي يىغىنى ئېچىلغان جايدىكى چوڭ زالدا، كۆرۈنۈشلۈك تىياتىر «1 - ماي يىغىنى» ئورۇنلىنىۋاتاتتى، تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىشكە كەلگەن بالىلار قىزىل ھېكايىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى.

بىر گەۋدىلەشكەن قىزىل تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش بازىسىنى بەرپا قىلىشتىن قوشماقلىشىپ ئورتاق بەرپا قىلىشنى قانات يايدۇرۇشقىچە، شىڭئەن ئايمىقى كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يىلتىز تارتقۇزۇشقا تۈرتكە بولدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسى» «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ۋەزىپىسى».

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، پارتىيە كومىتېتى بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت قانۇن بويىچە باشقۇرىدىغان، بىرلىك سەپ خىزمىتى تارماقلىرى باشلامچىلىق بىلەن ماسلاشتۇرىدىغان، مىللەتلەر خىزمىتى تارماقلىرى مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىدىغان، ھەرقايسى تارماقلار بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ ھەمكارلىشىدىغان، پۈتۈن جەمئىيەت ئورتاق قاتنىشىدىغان مىللەتلەر خىزمىتى ئەندىزىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانى، ھەرقايسى ساھەلىرىگە يەنىمۇ سىڭدۈرۈلۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى، ئۇيۇشۇش كۈچى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولماقتا.

كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، جەزمەن ھەرقايسى مىللەتلەرنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئۇيۇشتۇرۇپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئورتاق گۈللىنىپ ۋە تەرەققىي قىلىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

«فۇجيەن - نىڭشيا ھەمكارلىقى قاتارلىق پايدىلىق تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، تەتبىقلاپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەمكارلىق مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەمكارلىق ئۇسۇلىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ھەمكارلىق ساھەسىنى كېڭەيتىپ، شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىمنىڭ كەسىپلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش، خادىملار ھەمتۈرتكە بولۇش، تېخنىكىنى ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش، ئىستىلدا ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.» «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلىدا، شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىم ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىم ھەمكارلىقى خىزمىتىنى دائىملىق ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

فۇجيەن - نىڭشيا ھەمكارلىقىنىڭ كۈچ قوشۇشىدا، نىڭشيا مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىنى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات داغدام يولىدا ماڭدى.

شىزاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان، چىڭخەيگە ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شۇ جايدىكى كادىرلار، ئامما بىلەن قول تۇتۇشۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى؛ مىللەتلەر رايونىدىكى ھەر مىللەت ئامما شەرقىي، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشتى، ئىگىلىك تىكلىدى، خاتىرجەم ئولتۇراقلاشتى... ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلىشى، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشى دەل جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ھاياتلىق مەنبەسى، كۈچ مەنبەسى، ئۈمىد مەنبەسى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «بىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىغا تايىنىپ تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ياراتتۇق، يەنە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىغا تايىنىپ يېڭى شانلىق سەھىپىلەرنى داۋاملىق پۈتۈشىمىز كېرەك.»

يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلار قەلبداش بولۇپ قول تۇتۇشۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى جەزمەن ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى)