(2026 - يىلى 10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى)
شى جىنپىڭ
يولداشلار:
بۈگۈن، بىز داغدۇغىلىق يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلەۋاتىمىز.
90 نەچچە يىل ئىلگىرى، دۆلىتىمىز ۋە مىللىتىمىز ئىچكى ئەنسىزلىك ۋە تاشقى پاراكەندىچىلىك ئىچىدە قالغان، ياپون قاراقچىلىرى جۇڭگوغا بولغان تاجاۋۇزچىلىقىنى تېزلەتكەن، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى ئىنقىلابىي تايانچ بازىلارغا ئارقا - ئارقىدىن كەڭ كۆلەملىك «قورشاپ يوقىتىش» ئۇرۇشى قوزغىغانىدى. «سول»چىل دوگمىچىلىقنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى خاتا رەھبەرلىكى تۈپەيلىدىن، مەركىزىي ئىنقىلابىي تايانچ بازىلارنىڭ 5 - قېتىملىق «قورشاپ يوقىتىش»قا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەغلۇپ بولدى، باشقا ئىنقىلابىي تايانچ بازىلارمۇ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى، پارتىيەمىز ۋە قىزىل ئارمىيە ھايات - ماماتلىق ئەڭ خەتەرلىك پەيتكە دۇچ كەلدى.
مۇشۇنداق كەسكىن ۋەزىيەتتە، 1934 - يىلى 10 - ئايدىن 1936 - يىلى 10 - ئايغىچە، پارتىيەمىز قىزىل ئارمىيەنىڭ 1 -، 2 -، 4 - يۆنىلىش ئارمىيەسى ۋە 25 - جۈنىگە رەھبەرلىك قىلىپ، جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن، تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەرنى باشتىن كەچۈردى. قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەردە ئون نەچچە ئۆلكىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ، 25 مىڭ چاقىرىم يول يۈرۈپ، 100گە يېقىن دەريانى كېسىپ ئۆتۈپ، ئاپئاق قارلىق تاغلاردىن ھالقىپ، بىپايان ئوتلاقلاردىن ئۆتۈپ، 600 قېتىمدىن ئارتۇق ئۇرۇش قىلىپ، مىليوندىن ئارتۇق دۈشمەن ئارمىيەسى ئەسكىرىنىڭ قورشاپ توسۇشىنى تارمار قىلىپ، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە قىزىل ئارمىيەنى يوقىتىش سۇيىقەستىنىڭ ئۈزۈل - كېسىل مەغلۇپ بولغانلىقىنى جاكارلاپ، شىمالغا يۈرۈش قىلىپ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك يۆتكىلىشنى غەلىبىلىك ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتتى.
قىزىل ئارمىيەنىڭ ئاساسىي كۈچى ئۇزۇن سەپەرنى باشلىغاندىن كېيىن، ئىنقىلابىي تايانچ بازىلاردا قالغان قىزىل ئارمىيە قوشۇنى ۋە پارتىزانلار ئەترىتى، غەربىي شىمال رايونىدىكى قىزىل ئارمىيە، شەرقىي شىمال ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش بىرلەشمە ئارمىيەسى، گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان رايونلاردىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى ھەمدە پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدىكى باشقا ھەرقايسى تەرەپتىكى كۈچلەر ئىنتايىن قىيىن مۇھىتتا كۈرەشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇزۇن سەپەرنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن ھەممەيلەن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى.
قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپەردىن ئىبارەت جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن بۇ ئىنقىلابىي ئۇلۇغ ئىشى پارتىيەمىز، دۆلىتىمىز، ئارمىيەمىز تارىخىدا ئۇلۇغ ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش مۇساپىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. تاغنى تالقان، چۆلنى بوستان قىلغان بۇ قەھرىمانلىق داستانى جۇڭگو ئىنقىلابى ئابىدىسىگە مەڭگۈ ئويۇلدى، يۈز مىليونلىغان خەلق قەلبىدە مەڭگۈ ساقلايدۇ.
بۇ يەردە، مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن، قىزىل ئارمىيەگە رەھبەرلىك قىلىپ بۇ تارىخىي ئۇلۇغ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغان يولداش ماۋ زېدۇڭ، جوۋ ئېنلەي، جۇ دې قاتارلىق پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئىنقىلابچىلارغا، ئۇزۇن سەپەردە قان كېچىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلغان ۋە ھەرقايسى جايلاردا ئىنقىلابىي كۈرەشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرغان قىزىل ئارمىيە كوماندىر - جەڭچىلىرىگە، ئەينى يىللاردا قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپىرىگە ياردەم بەرگەن ھەر مىللەت خەلققە، بولۇپمۇ ھەرقايسى ئىنقىلابىي تايانچ بازىلاردىكى خەلققە، بارلىق ھايات تۇرۇۋاتقان پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرىگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن!
مەن مۇنداق تەكلىپ بېرىمەن: ھەممەيلەن ئورنىمىزدىن تۇرۇپ، ئۇزۇن سەپەر يولىدا ۋە ھەرقايسى جايلاردىكى ئىنقىلابىي كۈرەش داۋامىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلارغا سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈرەيلى!
يولداشلار!
بىزنىڭ تارىخنى ئەسلىشىمىز جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈندۇر. 90 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، ئاشۇ جاپا - مۇشەققەتلىك ۋە شانلىق مۇساپىگە قايتا نەزەر سالساق، ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنىڭ مۇقەررەر ئىكەنلىكى، ئۇنىڭغا پارتىيە ۋە خەلق ئارمىيەسىنىڭ مەزمۇت قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان غەلىبە يولى مۇجەسسەملەنگەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يېتەلەيمىز.
− قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپىرىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبە يولى پارتىيەنىڭ توغرا رەھبەرلىكىگە تايىنىپ ئېچىلغان. ئۇزۇن سەپەرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، «سول»چىل لۇشيەن خاتالىقى پارتىيە ۋە قىزىل ئارمىيەگە ئىنتايىن زور زىيان سالغان. 1935 - يىلى 1 - ئايدا، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى زۇنيى يىغىنىنى ئۆتكۈزدى، ئەمەلىيەتتە يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىدىكى ۋە قىزىل ئارمىيەدىكى رەھبەرلىك ئورنى تىكلەندى، يولداش ماۋ زېدۇڭ ئاساسىي ۋەكىللىكىدىكى ماركسىزملىق توغرا لۇشيەننىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىدىكى رەھبەرلىك ئورنى تىكلىنىشكە باشلىدى، يولداش ماۋ زېدۇڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيەنىڭ 1 - ئەۋلاد مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپى شەكىللىنىشكە باشلىدى، پارتىيەمىز جۇڭگو ئىنقىلابىدىكى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان ھالدا ھەل قىلىدىغان يېڭى باسقۇچ باشلاندى، بۇ يىغىن ئەڭ خەتەرلىك پەيتتە پارتىيەنى قۇتقۇزۇپ قالدى، قىزىل ئارمىيەنى قۇتقۇزۇپ قالدى، جۇڭگو ئىنقىلابىنى قۇتقۇزۇپ قالدى. زۇنيى يىغىنىدىن كېيىن، پارتىيە ۋە قىزىل ئارمىيە يېڭى ھاياتلىققا ئېرىشىپ، يول بويى ئۆتكەللەرنى بۆسۈپ ئۆتۈپ ھەم جاڭ گوتاۋنىڭ بۆلگۈنچىلىكىنى تارمار قىلىپ، ئاخىر ئۇزۇن سەپەرنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى. تارىخ شۇنى قايىل قىلارلىق ئىسپاتلىدىكى، پارتىيەنىڭ توغرا رەھبەرلىكى ۋە يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنىڭ تىكلىنىشى قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپىرىنىڭ غەلىبە قىلىشىدا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە.
− قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپىرىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبە يولى مۇستەھكەم ئىنقىلابىي ئىرادىگە تايىنىپ ئېچىلغان. ئۇزۇن سەپەر مەزگىلىدە، ئادەتتىن تاشقىرى جاپا - مۇشەققەت، ئەگرى - توقايلىقلار ئالدىدا، پارتىيە ۋە قىزىل ئارمىيە ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم ئېتىقاد بىلەن، يامغۇردەك يېغىۋاتقان ئوق ئىچىدە ئۆلۈمدىن قورقماي، ياشاش ئىنتايىن قىيىن بولغان مۈشكۈل ئەھۋالدا ھاياتلىق يولىنى ئېچىپ، ئالغا ئىلگىرىلەپ ئۈزلۈكسىز تاۋلىنىش داۋامىدا قايتا ھاياتلىققا ئېرىشىپ، تىز پۈكمەيدىغان، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىدىغان، ئۆلۈمگە پىسەنت قىلمايدىغان ئالىيجاناب ئىنقىلابىي روھنى نامايان قىلدى. پولاتتەك ئىرادە بىلەن قوراللانغان كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى ۋە قىزىل ئارمىيە كوماندىر - جەڭچىلىرى ئاچ قالسىمۇ، توڭلاپ كەتسىمۇ ئاممىنىڭ بىر تال يىپ - يىڭنىسىنىمۇ ئالماي، يارىلانغان پۇتىنى كېسىۋەتسىمۇ يەنىلا شىمالىي شەنشىگە ئۆمىلەپ بېرىشقا قەسەم قىلىپ، ئارقا - ئارقىدىن جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرىدىغان قەھرىمانلىق زەپەر مارشىنى ياڭراتتى. تارىخ شۇنى قايىل قىلارلىق ئىسپاتلىدىكى، ئىنقىلابىي غايە، ئىنقىلابىي ئېتىقاد جاھىل دۈشمەننى يېڭىدىغان، تاغنى تالقان قىلىدىغان چەكسىز كۈچنى ئۇرغۇتالايدۇ، يۈكسەك غايە ۋە مۇستەھكەم ئېتىقادقا ئىگە قوشۇن يېڭىلمەس قوشۇن.
− قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپىرىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبە يولى مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشكە تايىنىپ ئېچىلغان. ئۇزۇن سەپەر جەريانى يەنە پارتىيەمىزنىڭ ئىنقىلاب يولى ئۈستىدە جاپالىق ئىزدىنىش جەريانى. پارتىيە ئىچىدە بىرمەھەل ساقلانغان ماركسىزمنى دوگمىلاشتۇرۇۋېتىشتەك خاتا خاھىش ئالدىدا، «شياڭجياڭ دەرياسىدىن قان كېچىپ بۆسۈپ ئۆتكەن قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۈچ ئاساسىي قوشۇنى بۈگۈن قەيەرگە بارىدۇ» دېگەن ئېچىنىشلىق ئەھۋال ۋە گاڭگىراش ئالدىدا، پارتىيەمىز قانلىق ساۋاق ئىچىدە جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، دوگمىچىلىقنىڭ ئاسارىتىدىن تەدرىجىي قۇتۇلۇپ، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ئاساسىدا يولنى قەيەرگە مېڭىش، جەڭنى قانداق قىلىش قاتارلىق زور مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا باشلىدى. دەل پارتىيەنىڭ توغرا لۇشيەنىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، قىزىل ئارمىيە ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىشتا ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان، جانلىق، ئەپچىل بىر قاتار ئىستراتېگىيەلىك ئۇرۇش تاكتىكىلىرىنى يولغا قويۇپ، دۈشمەننىڭ قاتمۇقات مۇھاسىرىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى ھاياتلىققا قاراپ ماڭدى، غەلىبىگە قاراپ ماڭدى. تارىخ شۇنى قايىل قىلارلىق ئىسپاتلىدىكى، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرگەندىلا، جۇڭگودىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ، قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچنى نامايان قىلغىلى بولىدۇ.
− قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپىرىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبە يولى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قوللىشىغا تايىنىپ ئېچىلغان. ئۇزۇن سەپەر جەريانىدا، پارتىيە ۋە قىزىل ئارمىيە بارغانلىكى جايدا ئاممىنىڭ قىلچىلىك نەرسىسىگىمۇ تەگمىدى، يول بويى يەرلىك زومىگەرلەرگە زەربە بېرىپ، يەرلەرنى تەقسىم قىلىپ، ئامبارلارنى ئېچىپ ئاشلىق تارقىتىپ، كەمبەغەل پۇقرالارنى قۇتقۇزۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئاممىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشتى، خەلقنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالدى. يول بويى ئامما «قىزىل ئارمىيە ئىشچى - دېھقانلار ئاممىسىنىڭ ئۆز قوشۇنى» ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، بەس - بەستە ھەربىي كىيىم تىكتى، ئاشلىق ۋە پۇل توپلىدى، ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي يارىدارلارنى قۇتقۇزدى، ئاخبارات يەتكۈزدى، نۇرغۇن كىشى ئاكتىپلىق بىلەن ھەربىي سەپكە قاتنىشىپ، ھايات - ماماتتا بىللە بولدى. «قىزىل ئارمىيەنى ئون قېتىم ئۇزاتقان» چاغدىكى كۆزى قىيماسلىق، كېچىدە يۈدۇ دەرياسىدىن قوغداپ ئۆتكۈزۈپ قويۇشتىن، «يېرىم يوتقان»نىڭ ئىللىقلىقى، «يىخەي كۆلى بويىدا ئىتتىپاق تۈزۈش» قەسىمىگىچە، ھەممىسىدە ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ بېلىق بىلەن سۇدەك چوڭقۇر مۇھەببىتى جانلىق ئىزاھلاندى. ئۇزۇن سەپەردە يول بويى پارتىيەنىڭ تەشەببۇسى تەشۋىق قىلىندى، ئىنقىلاب ئوتى چېچىلدى، پارتىيە ۋە قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى، جەڭگىۋارلىقى زور دەرىجىدە ئاشتى. تارىخ شۇنى قايىل قىلارلىق ئىسپاتلىدىكى، خەلق ئاممىسى مەڭگۈ پارتىيە ۋە خەلق ئارمىيەسىنىڭ كۈچ مەنبەسى ۋە كۈچلۈك ئارقا تىرىكى، بىز خەلق ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى باشتىن - ئاخىر ساقلىساقلا، پارتىيە ئىشلىرىدا ھەممىدە غەلىبە قىلالايمىز.
يولداشلار!
قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەردە قالتىس جاھان مۆجىزىلىرىنى يارىتىپ، ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى بارلىققا كەلتۈردى. ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھى − پۈتۈن مەملىكەت خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ئىنقىلابىي غايە ۋە ئېتىقادنى مۇستەھكەملەش، ھەققانىي ئىشلارنىڭ مۇقەررەر غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىش روھى؛ دۆلەتنى قۇتقۇزۇش، خەلقنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ھەرقانداق جاپا - مۇشەققەت ۋە خەۋپ - خەتەر، توسالغۇدىن قورقماسلىق، بارلىق قۇربان بېرىشتىن باش تارتماسلىق روھى؛ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇش، ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىش روھى؛ ئومۇملۇقنى نەزەردە تۇتۇش، ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىش، زىچ ئىتتىپاقلىشىش روھى؛ خەلق ئاممىسىغا زىچ تايىنىپ، خەلق ئاممىسى بىلەن ھايات - ماماتتا بىللە بولۇش، ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش روھى.
روھ كۈچ - قۇۋۋەت مەنبەسى. ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھى ساداقەت كۈچى، ھەقىقەت كۈچى، ھەققانىيەت كۈچى، ئىتتىپاقلىق كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى، ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، زامان ۋە ماكاندىن ھالقىپ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلاندى، ئۇ، مەڭگۈ بىزنى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرىدىغان قىممەتلىك بايلىق ۋە قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ.
يولداشلار!
ئۇزۇن سەپەرنىڭ تارىخى ئەزەلدىن يىراقلاپ كەتمىدى، ئۇزۇن سەپەر يولى ئۈزلۈكسىز ئۇزارماقتا. ئۇزۇن سەپەر غەلىبە قىلغان 90 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنىڭ ھەرقايسى تارىخىي مەزگىلىدە ئارقا - ئارقىدىن ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەرلەرنى قىلىپ، كەينى - كەينىدىن ئۇلۇغ غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىلىق، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، تارىخىي ئۆزگىرىشلەر ھاسىل قىلىندى، بىز يېڭى مۇساپىدە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىۋاتىمىز.
يېڭى مۇساپە شان - شەرەپ ۋە ئارزۇغا تولغان ئۇزۇن سەپەر، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ يېڭى ئۇزۇن سەپىرى. ھازىرغا نەزەر سېلىپ ئىلگىرىكى كۈنلەرنى ئەسلىسەك، كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، بىز ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىشىمىز كېرەك.
− ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىشتا، جەزمەن پارتىيەنىڭ غايە - ئېتىقادى، ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. غايە - ئېتىقاد، ئاساسىي مەقسەت كوممۇنىستلارنىڭ «روھى»، بىزنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىمىزنى باشتىن - ئاخىر كۆرسىتىپ بېرىدۇ. يېڭى مۇساپىدە، بىز يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماركسىزمغا بولغان ئېتىقادنى، سوتسىيالىزم ۋە كوممۇنىزمغا بولغان ئەقىدىنى چىڭىتىپ، يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت تۈپ ئاساسىي مەقسەتتە چىڭ تۇرۇپ، خەلققە زىچ تايىنىپ يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى يارىتىشىمىز كېرەك.
− ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىشتا، جەزمەن قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇشىمىز كېرەك. پارتىيەمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق يىللىق ئۇلۇغۋار ئىشلىرى ئۈچۈن ئىرادە تىكلەشتە، ئالدى بىلەن يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پارتىيەنىڭ بۇرچى، ۋەزىپىسىنى ياخشى ئورۇندىشى كېرەك. يېڭى مۇساپىدە، بىز «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش بىلەن مىقدارىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلەش، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.
− ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىشتا، جەزمەن باتۇرلۇق بىلەن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە نۇرغۇن ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىلىشىمىز كېرەك. غايىگە ئاتلىنىش يولى ئەزەلدىن تۈپتۈز ئەمەس، ئۇلۇغ غەلىبىلەر قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىشقا تايىنىپ قولغا كەلتۈرۈلگەن. يېڭى مۇساپىدە، چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتى ئالدىدا، بىز دادىل كۈرەش قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىرادىسى، جاسارىتى، ئىشەنچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش ئويلىشىپ، بوران - چاپقۇننىڭ، ھەتتا دەھشەتلىك بوران - چاپقۇننىڭ زور سىنىقىدىن ئۆتۈشكە ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى بىلەن قىيىن ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، خەۋپ - خەتەرنى يېڭىپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، جۇڭخۇانى گۈللەندۈرۈش ناملىق غايەت زور پاراخوتنىڭ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.
− ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىشتا، جەزمەن خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىشىمىز كېرەك. خەلق ئارمىيەسى مەڭگۈ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى قوغدايدىغان پولات قورغان. يېڭى مۇساپىدە، بىز يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئارمىيەنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئارمىيەنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇش، پاك خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىپ، ئىنقىلابىي ئەجدادلارغا يۈز كېلەلەيدىغان، يۈز يىللىق ئۇلۇغ ئىشلارغا يۈز كېلەلەيدىغان، يېڭى دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشىمىز كېرەك.
− ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىشتا، جەزمەن پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشىمىز، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىشلىرىمىز تەرەققىياتىنىڭ تۈپ كاپالىتى. يېڭى مۇساپىدە، بىز يېڭى دەۋر پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي رەھبەرلىك كۈچى، ئىدىيەۋى يېتەكچىلىك كۈچى، ئاممىۋى تەشكىللەش كۈچى، جەمئىيەت چاقىرىق كۈچىنى سىجىل كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ باشتىن - ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇدرەتلىك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.
يولداشلار!
تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلىغاندىلا، ئاندىن كەلگۈسىنى ياراتقىلى بولىدۇ. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، جەسۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىنقىلابىي ئەجدادلار ياراتقان ئۇلۇغ ئىشلارنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا جاسارەت بىلەن يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتايلى!
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى)