تارىخ ھەمىشە مەلۇم بىر دەقىقىدە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان كۈچ - قۇدرىتىنى نامايان قىلىپ، كېيىنكى مۇساپىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ۋاقىت ئىسترېلكىسى 90 يىلنى بېسىپ ئۆتكەندە، ئۇزۇن سەپەرنى ئەسلىسەك − ئاشۇ ھەيۋەتلىك ئۇرۇش داستانى، تاغنى تالقان قىلىدىغان جاھان مۆجىزىسى يەنىلا قەلبلەرنى لەرزىگە سالىدۇ، كىشىلەرگە ئىلھام بېرىدۇ، كېيىنكىلەرنى رىغبەتلەندۈرىدۇ.
بۇ ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەلبىدە ئالاھىدە سالماقنى ئىگىلەيدۇ.
ئۇ نەقەدەر مەردانە: «ئۇزۇن سەپەرنىڭ ۋاقتى ئۇزاق، كۆلىمى چوڭ، مۇساپىسى يىراق، مۇھىتى خەتەرلىك، جەڭنىڭ ئېچىنىشلىق بولۇشى جۇڭگو تارىخىدا كەمدىن - كەم ئۇچرايدۇ، دۇنيا ئۇرۇش تارىخى، ھەتتا ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تارىخىدىمۇ ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ.»
ئۇ نەقەدەر ئۇلۇغ: «يەر - جاھاننى زىلزىلىگە سالغان بۇ ئىنقىلابىي ئۇلۇغ ئىش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە قىزىل ئارمىيە پۈتۈپ چىققان سەلتەنەتلىك تارىخىي داستان، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش تارىخىي مۇساپىسىدىكى ھەيۋەتلىك ئابىدە.»
كەلگەن يولىمىزنى ئۇنتۇپ قالماي، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىدىغان، ھەقىقەتنى سىنايدىغان، خەلق ئاممىسىنى ئويغىتىدىغان، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىدىغان ئاشۇ ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەرنى قايتا ئەسلەپ، بىز مىسلىسىز مەردانە ئالغا ئىلگىرىلىدۇق.
يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىشتا، بىز چەكسىز ئىشەنچكە تولدۇق: «جۇڭگو خەلقى شۇنىڭغا ئىشىنىدۇكى، تاغ ھەرقانچە ئېگىز بولسىمۇ، يۇقىرىغا ياماشقاندا، ھامان چوققىغا چىققىلى بولىدۇ؛ يول ھەرقانچە ئۇزۇن بولسىمۇ، داۋاملىق ماڭغاندا، چوقۇم يېتىپ بارغىلى بولىدۇ».
(1)
جياڭشى گەنجوۋ، يۈدۇ دەرياسى بويىدا، مەركىزىي قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىش خاتىرە مۇنارى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بولۇپ، خۇددى ئېگىز چىقىرىلغان يەلكەنگە ئوخشايتتى.
2019 - يىلى 5 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ جايغا كەلدى. خاتىرە مۇنارى ئالدىدىكى مەيداندا، مەرمەر تاش ياتقۇزۇلغان يەر ئۈستىگە ئۇزۇن سەپەر يول خەرىتىسى ئويۇلغان بولۇپ، قىزىل، كۆك ئىككى خىل رەڭدىكى ئىسترېلكىلار گىرەلىشىپ، كۈچلۈك دۈشمەندىن قورقمايدىغان، قان كېچىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلغان تۈمەن چاقىرىملىق سەپەر تەسۋىرلەنگەنىدى. باش شۇجى قەدىمىنى توختىتىپ تەپسىلىي كۆرۈپ، چوڭقۇر ئويغا چۆمدى: «گەنشيەن بۇ جايدا» «ئاۋۇ يەر شياڭجياڭ دەرياسى»...
يۈدۇ دەرياسىنىڭ سۈيى توختىماي ئۆركەشلەپ ئېقىپ، خۇددى تارىخنى بايان قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ سەمىمىي ۋە چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ بۇ جايغا كېلىشىم يەنە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمايدىغانلىقىنى، پۈتۈن جۇڭگو خەلقىنىڭمۇ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىقىنى، بىزنىڭ ئىنقىلابىي ئاساسىي مەقسىتىمىزنى، ئىنقىلابىي غايىمىزنى ئۇنتۇماسلىقىنى، بىزنىڭ ئىنقىلابىي ئەجدادلىرىمىزنى، ئىنقىلابىي قۇربانلىرىمىزنى ئۇنتۇماسلىقىنى، بىزنىڭ سوۋېت رايونىمىزدىكى يۇرتداشلارنى ئۇنتۇماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر.»
بەش «ئۇنتۇماسلىق»، مەڭگۈ ئەستە چىڭ ساقلاش، مەڭگۈ ياد ئېتىش. بىپايان زېمىندا قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرىنىڭ زامان - ماكان ھالقىغان ھاياتلىق داستانى قالدى، مەڭگۈ ئۆچمەس مەنىۋى كوردىناتى قالدى.
شىمالىي شەنشى قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپىرىنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى، جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىلىك ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى. 20 - ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىدا، بۇ ھەيۋەتلىك بىپايان زېمىن ئىلگىرى جۇڭگونىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىدە ئايلىنىپ يۈرۈپ جەڭ قىلغان ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى قوشۇنىنى كەڭ قورساقلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ قىزىل ئىنقىلاب ھېكايىسىنى ئورۇنلايدىغان چوڭ سەھنىگە ئايلانغانىدى.
30 نەچچە يىلدىن كېيىن، بۇ زېمىن يەنە بېيجىڭدىن كەلگەن 20 مىڭدىن ئارتۇق زىيالىي ياشنى ئوخشاشلا كەڭ قورساقلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، ئۇلار ھاياتنىڭ تاۋلىشىنى قوبۇل قىلىدىغان جايغا ئايلاندى. ياش شى جىنپىڭ دەل شۇلارنىڭ ئىچىدە ئىدى.
يەتتە يىل، سېرىق تۇپراقتا يىلتىز تارتىپ زىيالىي ياش بولغان يىللار، يولداش شى جىنپىڭغا «نېمىنىڭ ئەمەلىيەت ئىكەنلىكىنى، نېمىنىڭ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ئىكەنلىكىنى، نېمىنىڭ ئامما ئىكەنلىكىنى» چۈشەندۈرۈپ، «شەنشىنىڭ يىلتىز، يەنئەننىڭ روھ» ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى.
غەربىي شىمالدىكى سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكتىن شەرقىي جەنۇبتىكى ھەيۋەتلىك تاغلارغا نەزەر سالغاندا، قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەردە بېسىپ ئۆتكەن يوللار يولداش شى جىنپىڭنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش يولىنى يورۇتتى: «مەن سېرىق تۇپراقتا يىلتىز تارتتىم، بىخ سۈردۈم، قىزىل تۇپراقتا ئۆسۈپ يېتىلدىم، تەرەققىي قىلدىم.»
«قاتمۇقات ئاشۇ ئېگىز تاغلاردىن ھالقىپ، نۇرغۇن دەريالارنى كېچىپ ئۆتۈپ، مەركىزىي قىزىل ئارمىيەمىز شىمالىي شەنشىگە يېتىپ كەلدى...» 1992 - يىلى 1 - ئاۋغۇست ئارمىيە بايرىمىدا، ئەينى چاغدىكى فۇجوۋ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شى جىنپىڭ فۇجوۋدا تۇرۇشلۇق قىسىمغا بېرىپ ئوفىتسېر - ئەسكەرلەردىن ھال سورىغاندا، كىشىلىك ھايات كەچۈرمىشىگە مۇناسىۋەتلىك بۇ ناخشىنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئېيتتى.
فۇجيەندە خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، يولداش شى جىنپىڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 19 قېتىم غەربىي فۇجيەنگە بېرىپ، پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرى ۋە ئىنقىلابىي «بەش پېشقەدەم»لەرنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. 1996 - يىلى، جاڭجوۋ شەھىرى قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش بويىچە مىڭ كىشىلىك ئۇزۇن سەپەر مەشئىلى كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، يولداش شى جىنپىڭ ۋە 82 ياشقا كىرگەن چوڭ ياشلىق پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىسى ۋەكىلى مەشئەلنى كۆتۈرۈپ، باشلامچىلىق بىلەن پەللىدىن چىقتى، «ئېگىز كۆتۈرۈلگەن ئىنقىلاب مەشئىلىنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا يەتكۈزۈش ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىش.»
2006 - يىلى، ئەينى چاغدا جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان شى جىنپىڭ «ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر − جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: ئۇزۇن سەپەر بىر قېتىملىق ئىنسانىيەت روھى ۋە ئىرادىسىنىڭ ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپىرى بولۇپلا قالماي، يەنە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر پەرزەنتلىرىگە رەھبەرلىك قىلىپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈستىدە ئىزدەنگەن ئۇلۇغ مۇساپە.
زامان ۋە ماكان ئۆزگىرىپ تۇرسىمۇ، سادىق قەلب ئۆزگەرمىدى.
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەركىزىي قىزىل ئارمىيە يىغىلىپ ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغان جايدىن، ئەينى يىللاردا ئىسسىق قان بىلەن بويالغان شياڭجياڭ دەرياسى بويىغىچە، ئۇلۇغ بۇرۇلۇشقا گۇۋاھ بولغان زۇنيى يىغىنىنىڭ يىغىن ئورنىدىن جياڭتەيباۋدىكى قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەردە ئۇچرىشىش خاتىرە مۇنارىغىچە، يەنە چىليەنشەن تېغى ئېتىكىدىكى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى خاتىرە سارىيىغىچە... باسقان ھەربىر مۇساپە، ھەر قېتىملىق ئېھتىرام بىلدۈرۈش ئارقىلىق، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەينى يىللاردا قىزىل ئارمىيە بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىنى بويلاپ ئەسلىي مەقسەتنى تاۋلىدى ھەم چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق دېدى: «ھەربىر جاي مېنى چوڭقۇر ئويغا چۆمدۈردى، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچ بىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەر يولىنى ياخشى مېڭىشىمىزدىكى پۈتمەس - تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ.»
بۈگۈنكى جۇڭگونىڭ ئالغا بېسىشى ۋە تەرەققىياتى دەل ئۇزۇن سەپەردىن باشلانغان. «بېسىپ ئۆتكەن يولىنى ئۇنتۇپ قالغان مىللەت چىقىش يولى يوق مىللەت. ئىشلىرىمىز تەرەققىي قىلىپ قايسى باسقۇچقا بېرىشىدىن، مەيلى قانچىلىك زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىزدىن قەتئىينەزەر، بىز ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا داۋاملىق جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.»
2016 - يىلى 10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، خەلق سارىيىنىڭ 10 مىڭ كىشىلىك چوڭ زالىدا، ئەگمە تورۇستا قىزىل يۇلتۇز چاقناپ تۇراتتى، قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپىرى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى −
«ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھى − پۈتۈن مەملىكەت خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ئىنقىلابىي غايە ۋە ئېتىقادنى مۇستەھكەملەش، ھەققانىي ئىشلارنىڭ مۇقەررەر غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىش روھى؛ دۆلەتنى قۇتقۇزۇش، خەلقنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ھەرقانداق جاپا - مۇشەققەت ۋە خەۋپ - خەتەر، توسالغۇدىن قورقماسلىق، بارلىق قۇربان بېرىشتىن باش تارتماسلىق روھى؛ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇش، ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىش روھى؛ ئومۇملۇقنى نەزەردە تۇتۇش، ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىش، زىچ ئىتتىپاقلىشىش روھى؛ خەلق ئاممىسىغا زىچ تايىنىپ، خەلق ئاممىسى بىلەن ھايات - ماماتتا بىللە بولۇپ، ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش روھى.»
مىڭلىغان تاغ - دەريالارنى بېسىپ ئۆتتۇق، يەنە تاغلاردىن ئېشىپ، دەريالارنى كېچىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. ئۇزۇن سەپەرنى بىر پارتىيە، بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ كۈرەش مۇساپىسىگە قويغاندا، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ قايتا شەرەپ قۇچقان ھەيۋەتلىك مۇساپىسىگە قويغاندا، ئاندىن ئۇنىڭ ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلىنىدىغان چوڭقۇر ئەھمىيىتىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ.
يېڭى دەۋردىكى كوممۇنىستلار باشتىن - ئاخىر مۇشۇنداق ئاڭلىقلىق ۋە قەتئىيلىكتە چىڭ تۇردى: «بۈگۈنكى كۈندە، بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئۇزۇن سەپىرى <ئىككى 100 يىل>لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.»
يېڭى ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر يېڭى ئۇلۇغ دەۋردە ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ.
(2)
«گۇاڭشىغا بېرىپ، چۈەنجوۋغا كېلىپ شياڭجياڭ ئۇرۇشى ئىزلىرىنى كۆرۈش مېنىڭ ئارزۇيۇم ئىدى. بۇ جەڭ مېنىڭ كاللامدا ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان، مەنمۇ بۇ ھەقتە ئەڭ كۆپ سۆزلىگەن.»
2021 - يىلى 4 - ئاي، گۇاڭشىنىڭ چۈەنجوۋ ناھىيەسى، قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپىرى شياڭجياڭ ئۇرۇشى خاتىرە سارىيى. بىر پارچە ماي بوياق رەسىمنىڭ ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ قەدىمىنى توختاتتى. رەسىمدە، قىزىل ئارمىيە 34 - شىنىڭ شىجاڭى چېن شۇشياڭ ئېغىر يارىلىنىپ ئەسىرگە چۈشۈپ قالغاندا، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈچىيىنى سۇغىرىپ چىقىپ ئۈزۈۋېتىپ، ئۆلۈم ئالدىدا تىز پۈكمىگەن. «نەقەدەر مەردانىلىك - ھە! چېن شۇشياڭ قۇربان بولغان قەھرىمانلار ئىچىدىكى ئەڭ تىپىك قەھرىمانلارنىڭ بىرى» باش شۇجى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن خۇرسىنغان ھالدا شۇنداق دېدى.
بۇ قەھرىماننى باش شۇجى شى جىنپىڭ دائىم ئەسلەپ تۇردى، بۇ يىللاردا ئۇنىڭ ئىش ئىزلىرىنى كۆپ قېتىم سۆزلىدى، ئۇزۇن سەپەردىكى بۇ قەھرىمانلىق ئۇرۇشنى سۆزلىدى − مەركىزىي قىزىل ئارمىيە يولغا چىققان چاغدىكى 86 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمدىن شياڭجياڭ ئۇرۇشىدىن كېيىن بىراقلا ئازىيىپ 30 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمگە چۈشۈپ قالدى.
«ئەينى ۋاقىتتا نېمىدېگەن خەتەرلىك - ھە!» باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق دېدى: «ئويلاپ باقايلى، ئەگەر باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، پىداكارلىق كۆرسىتىدىغان مۇشۇنداق بىر تۈركۈم قىزىل ئارمىيە كوماندىر - جەڭچىلىرى بولمىسا، قىزىل ئارمىيە قانداقمۇ دۈشمەننىڭ قامال لىنىيەسىدىن بۆسۈپ چىقالىسۇن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۆسۈپ چىقىپ شۇنچە چوڭ قۇربانلارنى بېرىپ، يەنىلا تارقىلىپ كەتمىدى. بۇنىڭدا نېمىگە تاياندى؟ تايانغىنى دەل غايە - ئېتىقادنىڭ كۈچى!»
يېشىل تاغلارغا ساداقەتمەن قەھرىمانلارنىڭ مىيىتى كۆمۈلدى، ئۇلۇغۋار روھ ئارقىلىق ئابىدە تىكلەندى.
2019 - يىلى 8 - ئاي، گەنسۇنىڭ جاڭيې گاۋتەي، چىليەنشەن تېغى ھەيۋەتلىك قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. «مەن غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ تارىخىنى ۋە قۇربان بولغان كوماندىر - جەڭچىلەرنى ئىزچىل قەلبىمگە پۈكۈپ كەلدىم، ۋاقىت چىقىرىپ نەق مەيدانغا بېرىپ ئۇلارنى ياد ئېتىپ، زىيارەت قىلىشنى ئۈمىد قىلغانىدىم. بۈگۈن مەن كەلدىم.» باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ جايغا كېلىپ، جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى خاتىرە مۇنارىغا ۋە ئۇرۇشتا قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ قەبرىسىگە ئېھتىرام بىلدۈردى.
80 نەچچە يىل ئىلگىرى، ئۇزۇن سەپەرنى ئەمدىلا باشتىن كەچۈرگەن 20 مىڭدىن ئارتۇق قىزىل ئارمىيە جەڭچىسى قەھرىتان سوغۇق، قار - شىۋىرغاندا يالاڭ نېپىز كىيىم كىيىپ، قان بىلەن گۆشتىن پۈتۈلگەن جىسمى ئارقىلىق كۈچلۈك دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇپ، ئوق - دورا، ئوزۇق - تۈلۈكى تۈگەپ كەتكەن ئەھۋالدىمۇ، چىليەنشەن تېغىدا قان كېچىپ جەڭ قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «تارىخ مانا مۇشۇنداق پۈتۈلگەن: ئەڭ ئۇلۇغ ئىستەك ئۈچۈن قىلدى مەردلەر جان پىدا! ئۇلار كۆرسەتكەن ھېچكىم ئورنىنى باسالمايدىغان، ئۆچمەس زور تۆھپە تارىخ سەھىپىسىدىن مەڭگۈ ئورۇن ئالىدۇ.»
بىر دەريانىڭ قان بىلەن بويالغان رەڭگى، بىر تاغنىڭ ئاپئاق قارلىرى چەكسىز مەردانىلىقنى نامايان قىلدى، شۇنداقلا بۇ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ جاپا - مۇشەققەتلىك يىللارنى بېسىپ ئۆتۈشىگە تىرەك بولغان − ئىنقىلابىي غايە ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ! دېگەن ئېتىقاد جاۋابىغا مۇجەسسەملەندى.
«ئۇزۇن سەپەر يولىدىكى جاپا - مۇشەققەت، ئەگرى - توقايلىقلار، ئۆلۈم جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ غايە - ئېتىقادىنى سىنىدى، دۇنيا خەلقىگە جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ غايە - ئېتىقادىنىڭ يىمىرىلمەس ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى.»
باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى «ئۇزۇن سەپەر خاتىرىسى» دېگەن خەت ئويۇلغان يېرىم تاسمىنىڭ ھېكايىسى ئۈستىدە توختالغانىدى.
ئۇزۇن سەپەر يولىدا، جەڭچى جوۋ گۇاڭسەي ۋە سەپداشلىرى 3 - قېتىم ئوتلاقتىن ئۆتكەندە، ئوزۇق - تۈلۈكى ئۈزۈلۈپ قېلىپ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانىدى. بىر تاسمىنى يەپ يېرىمى قالغاندا، جوۋ گۇاڭسەي كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا: «يولداشلار، بىز ئۇنى خاتىرە سۈپىتىدە ئېلىپ قىلىپ، يەنئەنگە ئاپىرىپ ماۋ جۇشى بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇنىڭغا كۆرسىتەيلى!» دېگەنىدى.
«ئۇزۇن سەپەر جەريانىدىكى قىزىل ئارمىيە 31 - جۈن 93 - شى 274 - تۇەنىنىڭ <يېرىم تاسما> ھېكايىسى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان.» 2016 - يىلى 1 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەسلىدىكى 13 - جىتۇەنجۈننى كۆزدىن كەچۈرۈپ، چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق دېدى: «مانا بۇ ئېتىقادنىڭ كۈچى، <پولاتتەك ئىرادە بىلەن پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش>نىڭ جانلىق تەسۋىرى.»
ئون مىڭ چاقىرىملىق ئۇزۇن سەپەردە، قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرى قۇربان بېرىشتىن قورقماي، قىلچە ئۆكۈنمەي «ئەگىشىپ ماڭدى»، چۈنكى ئۇلاردا: كوممۇنىستىك پارتىيەگە ئەگەشسەكلا جەڭدە غەلىبە قىلالايمىز! دېگەن قەتئىي ئېتىقاد بار.
«ئۇزۇن سەپەر جەريانىدا ھايات قالغانلار قانچە؟ قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرى نېمىگە تاياندى؟ نېمىنى كۆزلىدى؟»
2019 - يىلى 5 - ئاي، جياڭشى نەنچاڭ، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق دېدى: «ئۇلارنىڭ تايانغىنى مۇستەھكەم ئىنقىلابىي غايە - ئېتىقاد. ئەڭ مۇھىم ئېتىقاد بىرلا، ئۇ بولسىمۇ كوممۇنىستىك پارتىيەگە ئىشىنىش، قىزىل ئارمىيەگە ئىشىنىش، قىزىل ئارمىيەگە ئەگىشىپ ماڭسىلا ئىستىقبال بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىش، كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ جاپاكەش پۇقرالارنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش، كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش.»
يۈكسەك غايە، مۇستەھكەم ئېتىقاد مەڭگۈ جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ سىياسىي روھى. بۇرچ قانچە ئېغىر، خىرىس قانچە مۈشكۈل بولغانسېرى، غايە - ئېتىقادنىڭ مۇھىملىقى شۇنچە گەۋدىلىنىدۇ.
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ قايتا - قايتا مۇنداق تەكىتلىدى: «غايە - ئېتىقاد كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋى <كالتسىي>سى، غايە - ئېتىقاد بولمىسا، غايە - ئېتىقاد چىڭ بولمىسا، مەنىۋى جەھەتتە <كالتسىي كەم> بولۇپ، <سۆڭەك يۇمشاقلىشىش كېسىلى> بولۇپ قالىدۇ.»
«ئېتىقاد، ئەقىدە، ئىشەنچ ھەرقانداق ۋاقىتتا ئىنتايىن مۇھىم.» ماركسىزمغا بولغان ئېتىقاد، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان ئەقىدە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولغان ئىشەنچ جۇڭگو خەلقىنى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىش، قۇدرەت تېپىشقا يېتەكلەيدىغان ۋە تىرەك بولىدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ.
قەلبلەرنى ھاياجانغا سالىدىغان بۇ كۈچ زامان ۋە ماكاندىن ھالقىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلارنى ئۇيۇشتۇردى، شۇنداقلا دۆلەت چېگراسىدىن ھالقىپ، دۇنيادىكى ئوخشاش بولمىغان دۆلەتتىكى كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرمەكتە.
ئېدگار. سىنوۋ مىڭلىغان، تۈمەنلىگەن بۇ ياشلارنىڭ «مەڭگۈ سۇسلاشمايدىغان قىزغىنلىقى، باشتىن - ئاخىر ئۆزگەرمەيدىغان ئۈمىدى، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىنقىلابىي ئۈمىدۋار كەيپىياتى خۇددى بىر يالقۇنغا ئوخشاش بۇلارنىڭ ھەممىسىگە سىڭىپ كەتكەن»لىكىنى كۆردى؛ خاررىسون سولزبۇرى ئۇزۇن سەپەردە «ئىپادىلەنگەن قەھرىمانلىق روھى 1 مىليارد 100 مىليون نوپۇسى بار مىللەتنى رىغبەتلەندۈرۈپ، جۇڭگونى ھېچكىم ئالدىن پەرەز قىلالمايدىغان كەلگۈسىگە قاراپ ئىلگىرىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى» دەپ قارىدى... چەت ئەل كۆزەتكۈچىلىرى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان مۇنداق ئوخشاش يەكۈننى چىقاردى: ئۇزۇن سەپەر بىر پارتىيە، بىر مىللەتنىڭ قايتا يارىتىلىشى ۋە قايتا ھاياتلىققا ئېرىشىشىدىكى مەنىۋى مەنبەگە ئايلاندى.
2023 - يىلى 11 - ئاي، ئامېرىكا سان - فىرانسىسكو. دوستانە زاتلار بىلەن كۆرۈشكەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېدگار. سىنوۋنىڭ ئەۋلادى ئادام فوستېرغا مۇنداق دېدى: «جۇڭگو خەلقى سىنوۋنى ئىزچىل ئېسىدە ساقلاپ كەلدى، ئۇ جۇڭگو قىزىل ئارمىيەسىنى ئەڭ بۇرۇن دۇنياغا تونۇشتۇرغان.»
بۈگۈنكى جۇڭگو، خۇددى «قىزىل يۇلتۇز جۇڭگونى يورۇتتى» ناملىق كىتابتا ئېيتىلغاندەك، نۇرغۇن جاپا - مۇشەققەتنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ تىز پۈكمىدى، تۈمەنلىگەن خەۋپ - خەتەرنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ ئىرادىسىدىن قەتئىي يانمىدى.
«دۈشمەن قانچىلىك كۈچلۈك، يول قانچىلىك جاپالىق، خەتەرلىك، خىرىس قانچىلىك كەسكىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەر ۋاقىت قىلچە قورقمىدى، قەتئىي چېكىنمىدى، بوران - چاپقۇنلارنىڭ ھۇجۇمىغا پىسەنت قىلمايدىغان، قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان پولاتتەك ئىرادە بىلەن پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ئۈزلۈكسىز غەلىبىدىن غەلىبىگە قاراپ ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇردى.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى مەردانە، جاراڭلىق ئىدى.
(3)
گۇيجوۋدىكى زۇنيىنىڭ كونا شەھىرىدە، كۈل رەڭ ۋە ئاق رەڭدە سىرلانغان ئىككى قەۋەتلىك بىر كىچىك بىنا جىمجىت قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. كوچا بويىغا سېلىنغان راۋاقتا «زۇنيى يىغىنىنىڭ يىغىن ئورنى» دېگەن ئالتۇن رەڭلىك چوڭ خەتلەر چاقناپ تۇراتتى، جۇڭگو ئىنقىلابى بۇ جايدا ھايات - ماماتقا مۇناسىۋەتلىك ئۇلۇغ بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرغانىدى.
2015 - يىلى 6 - ئاي، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ جايغا كەلدى. يىغىن زالىغا ئەينى يىللاردىكى كۆرۈنۈش بويىچە ئۈستەل - ئورۇندۇقلار تىزىلغان، تامغا يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ رەڭسىز سۈرىتى ئېسىلغان بولۇپ، باش شۇجى يېقىن بېرىپ، قەدىمىنى توختىتىپ كۆردى.
بۇ شانلىق تارىخنى قايتا ئەسلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «زۇنيى يىغىنى پارتىيەمىز تارىخىدىكى ئۇلۇغ بۇرۇلۇش ئەھمىيىتىگە ئىگە بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن بولۇش سۈپىتى بىلەن، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇش، توغرا سىياسىي لۇشيەن ۋە سىياسەت - تاكتىكىدا قەتئىي چىڭ تۇرۇش، كۈچلۈك، پىشقان مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپى قۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە قىممەتلىك تەجرىبە ۋە مۇھىم ئىلھام قالدۇردى.»
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ھەر قېتىم گۇيجوۋدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ زۇنيى يىغىنى روھى ئۈستىدە توختالدى.
يۆنىلىش يولنى بەلگىلەيدۇ، يول تەقدىرنى بەلگىلەيدۇ. ئۇزۇن سەپەرنىڭ غەلىبىسى يۆنىلىش ۋە يول غەلىبىسى. «تۇڭداۋدا ئەسكەر يۆتكەشتىن لىپىڭ يىغىنىغىچە، خوۋچاڭ يىغىنىدىن زۇنيى يىغىنىغىچە، بۇ، قىزىل ئارمىيەنىڭ ھاياتلىق يولى، كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاياتلىق يولى، بۇ چوغ ساقلىنىپ قالغاچقا، بىزنىڭ بۈگۈنىمىز بار بولدى».
2018 - يىلى 6 - ئايدا، 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 6 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: «قىزىل ئارمىيە ئوتلاقتىن ئۆتكەندە، ئاشپەز يولداش ئورنىدىن تۇرۇپلا، بۈگۈن تاماق ئېتىدىغان گۈرۈچ بار - يوقلۇقىنى سورىماي، ئالدى بىلەن جەنۇبقا ياكى شىمالغا قاراپ مېڭىشنى سورايتتى. بۇ، قىزىل ئارمىيە قوشۇنىدا ئاشپەزلەرنىڭمۇ يۆنىلىش مەسىلىسىنىڭ نېمە يېيىشتىن بەكرەك مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.»
توغرا يولدا ئالدى بىلەن كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشى كېرەك.
يۈەنشۇەي ليۇ بوچېڭ ئەسلىمىسىدە «قاتمۇقات تۇماننى يېرىپ ئۆتتۇق» «قۇياش نۇرىنى كۆردۇق» دېگەن سۆزلەر بىلەن زۇنيى يىغىنىدىن كېيىنكى قىزىل ئارمىيەدىكى ئۆزگىرىشلەرنى سۈپەتلىدى، «زۇنيى يىغىنىدىن كېيىن، ئارمىيەمىز ئىلگىرىكى ئەھۋاللارنىڭ ئەكسىچە، خۇددى تۇيۇقسىز يېڭى ھاياتلىققا ئېرىشكەندەك بولدى».
قانداق قىلىپ قايتا ھاياتلىققا ئېرىشتى؟
زۇنيى يىغىنىدا، ئەمەلىيەتتە يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىدىكى ۋە قىزىل ئارمىيەدىكى رەھبەرلىك ئورنى تىكلەندى، يولداش ماۋ زېدۇڭ ئاساسىي ۋەكىللىكىدىكى ماركسىزملىق توغرا لۇشيەننىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىدىكى رەھبەرلىك ئورنى تىكلىنىشكە باشلىدى، يولداش ماۋ زېدۇڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيەنىڭ 1 - ئەۋلاد مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپى شەكىللىنىشكە باشلىدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر جۈملە سۆز بىلەن مەنىسىنى ئېچىپ بەردى: «بۇ، پارتىيەمىز ۋە ئىنقىلاب ئىشلىرىنىڭ خەتەردىن قۇتۇلۇپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم كاپالىتى».
90 نەچچە يىل ئىلگىرى، زۇنيى يىغىنىنىڭ قارارىدا مۇنداق چاقىرىق چىقىرىلغانىدى: «پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار بىر گەۋدە بولۇپ مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش لۇشيەنى ئۈچۈن ئاداققىچە كۈرەش قىلىشى كېرەك، غەلىبە مۇقەررەر بىزگە مەنسۇپ.»
زۇنيى يىغىنىنىڭ يىغىن ئورنى بولغان كىچىك ئىمارەتنىڭ يېنىدا، بىر تۈپ «V» ھەرپى شەكلىدىكى قېرى تۇخۇمەك دەرىخى بوران - چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، يەنىلا تىك قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، كىشىلەر ئۇنى «غەلىبە دەرىخى» دەپ ئاتايدۇ. ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتتىن، يېڭى دەۋردىن بۇيانقى ئۇلۇغ ئۆزگىرىشكىچە، تارىخ ۋە رېئاللىق غەلىبە شىفىرىنى چوڭقۇر ئېچىپ بەردى − كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى ئىشلارنىڭ گۈللىنىشى ياكى خارابلىشىشى، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىدىكى ئاچقۇچ.
توغرا يولدا جەزمەن مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك.
كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى ۋە توغرا لۇشيەننىڭ يېتەكچىلىكىدە، قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرى چىشۇي دەرياسىدىن تۆت قېتىم ئۆتتى، جىنشاجياڭ دەرياسىدىن ئەپچىللىك بىلەن ئۆتتى، دادۇخې دەرياسىدىن بۆسۈپ ئۆتتى، لۇدىڭچياۋ كۆۋرۈكىنى تېزلىكتە قايتۇرۇۋالدى... ئىنسانىيەتنىڭ ئۇرۇش تارىخىدا مۆجىزە يارىتىلدى.
زۇنيى يىغىنى كۆرگەزمىخانىسىدا، «چىشۇي دەرياسىدىن تۆت قېتىم ئۆتۈش» ناملىق كۆپ ۋاسىتىلىك ئۈلگە كۆرسىتىش فىلىمىنى كۆرۈپ بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەرىپلىدى: «ماۋ جۇشى ئەسكەر ئىشلىتىشكە ماھىر! ھەقىقەتەن ھەرىكەتچان ئۇرۇش قىلىشنىڭ ئۈلگىسى».
ئەسكەر ئىشلىتىشكە ماھىرلىقى قەيەردە؟
1936 - يىلى 12 - ئايدا، قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۈچ چوڭ ئاساسىي كۈچى ئۇچرىشىپ ئۇزاق ئۆتمەي، يولداش ماۋ زېدۇڭ «جۇڭگو ئىنقىلابىي ئۇرۇشىغا ئائىت ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەر» ناملىق ماقالىنى يېزىپ، جۇڭگو ئىنقىلابىي ئۇرۇشىنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرىنى سىستېمىلىق خۇلاسىلەپ، ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتكەن: «جۇڭگو ئىنقىلابىي ئۇرۇشىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چۈشەنمىگەندە، جۇڭگو ئىنقىلابىي ئۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلغىلى بولمايدۇ».
شىمالىي شەنشىدە ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىدە تۇرغان مەزگىلدە، ياش شى جىنپىڭ بۇ تارىخ توغرىسىدىكى ئەسەرلەرنى پىششىق ئوقۇپ چىقتى، بولۇپمۇ «جۇڭگو ئىنقىلابىي ئۇرۇشىغا ئائىت ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەر» قاتارلىق مۇھىم ماقالىلەرنى قايتا - قايتا ئوقۇپ، بۇ ھەقتە ئەتراپلىق چۈشەنچىگە ئىگە بولدى.
2015 - يىلى شۇ قېتىم زۇنيى يىغىنى كۆرگەزمىخانىسىدا باش شۇجى شى جىنپىڭغا چۈشەندۈرگەن چۈشەندۈرگۈچىنىڭ قەلبىدە مۇنداق بىر تەپسىلات چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانىدى: ئۇ چۈشەندۈرۈش جەريانىدا يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ زۇنيى يىغىنىغا بەرگەن − «مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشنى ھەقىقىي چۈشىنىش زۇنيى يىغىنىدىن باشلاندى» دېگەن باھاسىنى نەقىل كەلتۈردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، «مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش» دېگەن سۆزنى تەكرارلىدى، ئۇنىڭ مەنىسى چوڭقۇر.
ئۆز يولىمىزدا مېڭىش، ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىش، بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يۈز يىللىق كۈرىشىدىكى قىممەتلىك تارىخىي تەجرىبە.
2021 - يىلى 2 - ئايدا، گۇيجوۋدا يەنە بىر قېتىم تەكشۈرۈشتە بولغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇنداق كۆرسەتتى: «زۇنيى يىغىنىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى − ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ، خاتالىقنى تۈزىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىنى تىكلەپ، جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلەرنى ئىجادىي تۈزۈش ۋە يولغا قويۇشتىن ئىبارەت. بۇ بۈگۈنكى كۈندىمۇ يەنىلا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئۇزۇن سەپەر قان ۋە ئوت ئىچىدىن يېڭى ھاياتقا، غەلىبىگە يۈرۈش قىلىدىغان ئىنقىلاب يولىنى تېپىپ چىقتى. ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرى مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان يولدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن يېڭى مەنزىرىلەرنى نامايان قىلدى.
(4)
خۇنەن - جياڭشى پاسىلى، لوشياۋنىڭ ئىچكىرىسىدە، «يېرىم يوتقان» ھېكايىسى كىشىلەر ئارىسىدا كەڭ تارقالدى.
1934 - يىلى 11 - ئايدا، خۇنەن ئۆلكىسى رۇچېڭ ناھىيەسىنىڭ شاجوۋ كەنتىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئۈچ ئايال قىزىل ئارمىيە جەڭچىسى ياشانغان شۈ جيېشيۇنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالدى، ماڭىدىغان چاغدا بىردىنبىر يوتقىنىنىڭ يېرىمىنى كېسىپ ئۇنىڭغا قالدۇردى.
2016 - يىلى 10 - ئايدا، قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ ھېكايىنى سۆزلەپ بەردى.
«ئەينى چاغدا سۆزلەۋاتقاندىمۇ چوڭقۇر تەسىرلەنگەنىدىم.» تۆت يىلدىن كېيىنكى كۈز كۈنلىرىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇنەنگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا، تۇنجى بېكەتتە شاجوۋ كەنتىگە باردى. كەنتتىكى مەخسۇس تېمىلىق كۆرگەزمىخانىدا، باش شۇجى «يېرىم يوتقان» ھېكايىسىنى قايتا ئەسلەپ، چوڭقۇر تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «قىزىل ئارمىيەنىڭ يېمەك - ئىچمىكى، كىيىم - كېچىكى ئۆزىگە يېتىشمەيۋاتقان، ھايات - ماماتقا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋالدىمۇ، قەلبىدە يەنىلا پۇقرالارنىڭ ھال - ئەھۋالىنى ئويلىغان. ھەربىر ئىش - ھەرىكەتكە چىن ھېسسىيات سىڭگەن! بىزنىڭ ئارمىيەمىز خەلقنىڭ قوشۇنى، بىز كوممۇنىستلار بىلەن پۇقرالارنىڭ ھېسسىياتى بىر يوتقاننى ئورتاق ئىشلىتىش ھېسسىياتىدۇر.»
قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپەر تارىخى ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ بېلىق بىلەن سۇدەك چوڭقۇر مۇھەببىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان تارىخ.
يۈدۇ دەرياسى بويىدا، پۇقرالار ئىشىكلىرىنى چۇۋۇپ، لەيلىمە كۆۋرۈك سېلىپ، قىزىل ئارمىيەنى دەريادىن ئۆتكۈزۈپ ئۇزىتىپ قويدى؛ شياڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا، شىمالىي گۇاڭشىدىكى ئامما قىزىل ئارمىيەدىكى يارىدار، ئاغرىقلارنى قۇتقۇزدى، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ مېيىتىنى كۆمدى؛ خەتەرلىك ئەھۋاللار كەينى - كەينىدىن يۈزبېرىدىغان سىچۇەن - گۇيجوۋ قەدىمىي يولىدا، ھەر مىللەت ئامما ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي قىزىل ئارمىيەگە يول باشلىدى، ئاشلىق يەتكۈزۈپ بەردى؛ قار - شىۋىرغان قاپلىغان قارلىق تاغ، ئوتلاقلاردا زاڭزۇ قېرىنداشلار ئارپا، قوتاز ئىئانە قىلدى... ئۇزۇن سەپەر يولىدا، خەلق قىزىل ئارمىيە ئالغا ئىلگىرىلەشتە تايىنىدىغان پولات ئىستىھكامنى بەرپا قىلدى.
«قىزىل ئارمىيەنىڭ جەڭدە غەلىبە قىلىشىدا، خەلق يۆلەك بولدى.» ئامما بىلەن ئالاقە باغلىدى، ئاممىغا تەشۋىق قىلدى، ئاممىنى قوراللاندۇردى، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇردى، ئاممىغا تاياندى، كەڭ خەلق ئاممىسى ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنىڭ كۈچ مەنبەسى بولدى.
«ئۇزۇن سەپەرنىڭ غەلىبىسى پارتىيەمىزنىڭ تەشەببۇسىنى تەشۋىق قىلدى، ئىنقىلاب چوغىنى چاچتى، پارتىيە ۋە قىزىل ئارمىيەنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتتى، پارتىيە بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيەنى خەلق ئارىسىدا پۇختا يىلتىز تارتقۇزدى.»
ليۇپەنشەن تېغى قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەردە ھالقىپ ئۆتكەن ئەڭ ئاخىرقى تاغ.
1997 - يىلى 4 - ئايدا، ئەينى چاغدا فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم نىڭشيانىڭ شىخەيگۇ رايونىغا كېلىپ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ليۇپەنشەن تېغىدىكى قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەر خاتىرە راۋىقىدا، يولداش شى جىنپىڭ «چىڭپىڭيۆ . ليۇپەنشەن» ناملىق شېئىر ئابىدىسى ئالدىغا كېلىپ سۈكۈتتە تۇردى ھەم چوڭقۇر ئويغا چۆمدى.
«قولىمىزدا بار ئۈزۈلمەس بىر ئۇزۇن سالما بۈگۈن، ئەمدى باغلايمىز قاچان ئۇ رەزىل شۇمنى تۇتۇپ» شىخەيگۇدا ئۇدا بىرقانچە كۈن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، يولداش شى جىنپىڭ بۇ جايدىكى نامراتلىق ئەھۋالىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، نىشانلىق يار - يۆلەك بولۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا بەل باغلىدى.
ئەسلىي مەقسەتنى ئۆزگەرتمەي، ھەر ۋاقىت قەلبىگە پۈكتى.
2016 - يىلى 7 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ نىڭشياغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا، ئايروپىلاندىن چۈشۈپلا ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ بىر سائەتتىن ئارتۇق يول يۈرۈپ، شىجى ناھىيەسىدىكى جياڭتەيباۋغا كېلىپ، قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپەردە ئۇچرىشىش خاتىرە مۇنارىغا ئېھتىرام بىلدۈردى، قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپەردە ئۇچرىشىش خاتىرە باغچىسى، خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.
بۇ قېتىم تەكشۈرۈشتە بولغان مەزگىلدە ئېچىلغان شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىمنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ھەمكارلىقى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوبرازلىق ئوخشىتىپ مۇنداق دېدى: «بۇ خۇددى ليۇپەنشەن تېغى ئەينى يىلى قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەردە ھالقىيدىغان ئەڭ ئاخىرقى ئېگىز تاغ بولغىنىدەك، پۈتۈن مەملىكەتتە ھازىر بار بولغان 50 مىليوندىن ئارتۇق نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتا جەزمەن ھالقىيدىغان ئەڭ ئاخىرقى ئېگىز تاغ.»
يېڭى دەۋردىن بۇيان، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ زور بىر قېتىملىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى. يېڭى دەۋردىكى كوممۇنىستلار مۇنداق جاراڭلىق قەسەم بەردى: «كونا ئىنقىلابىي رايون خەلقىنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش پارتىيەمىزنىڭ تەنتەنىلىك ۋەدىسى» «كونا ئىنقىلابىي رايونلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشى بولمىسا، بولۇپمۇ كونا ئىنقىلابىي رايونلاردىكى نامرات نوپۇسنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشى بولمىسا، ئۇنداقتا بۇ مۇكەممەل ھاللىق جەمئىيەت بولمايدۇ».
كەنتمۇ كەنت تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. جياڭشىنىڭ يۈدۇدىكى تەنتوۋ كەنتى، گۇيجوۋنىڭ زۇنيىدىكى خۇاماۋ كەنتى، نىڭشيانىڭ گۇيۈەندىكى ياڭلىڭ كەنتى... ھەر قېتىم ئۇزۇن سەپەر بېسىپ ئۆتكەن جايلارغا كەلگەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ كەنتلەرگە بېرىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ قانداق ئۆتۈۋاتقانلىقىنى كۆردى.
ھەر قېتىملىق يىغىندا ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. يەنئەندە، شەنشى - گەنسۇ - نىڭشيا كونا ئىنقىلابىي رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، بېيىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، 24 نەپەر شەھەرلىك، ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى شۇجىسى بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، بېيىتىش پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭەشتى، يىغىن كەچ سائەت سەككىزگىچە داۋاملاشتى؛ جياڭشىدا سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا، سەنشىنىڭ كېلەن، ئەنخۇينىڭ جىنجەي قاتارلىق جايلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى كۆپ قېتىم كۆڭۈل بۆلۈپ سورىدى.
تۈمەن چاقىرىملىق سەپەردە تاۋلانغان چوڭقۇر ھېسسىيات نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك ۋەدىگە، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى داۋاملىق كۈرەش قىلىشقا، ئورتاق بېيىشقا بولغان بوشاشماي ئىنتىلىشكە ئايلىنىپ، مۇنداق بىر مۇستەھكەم مەيداننى مۇجەسسەملىدى: «ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بۈگۈنكى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىشتا، جەزمەن خەلقنى قەلبتە ئەڭ يۈكسەك ئورۇنغا قويۇپ، ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش، ھەممىدە خەلققە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈشى ئۈچۈن قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈرەش قىلىش كېرەك.»
سىچۇەن دالياڭشەن تېغى ئۇزۇن سەپەر جەريانىدا يىخەي كۆلى بويىدا ئىتتىپاق تۈزۈلگەن قىزىل مېھىرلىك تۇپراق. 2018 - يىلى باھار بايرىمى ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ قەھرىتان سوغۇققا قارىماي دالياڭشەن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىگە بېرىپ، يىزۇ ئاممىسى بىلەن ئولتۇرۇپ ئۇزاق پاراڭلىشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدەندى. سەككىز يىل ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، ئىلگىرىكى پاتقاق توپا يوللار ئاسفالت يولغا ئايلاندى، «كېسەك تام، قاراڭغۇ كاھىشلىق ئۆي» كەنت تارىخى سارىيىدىكى ئەسلىمە بولۇپ قالدى، يۇرتداشلار ئايرىم ئاشخانىسى، ھاجەتخانىسى بار يورۇق يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى.
90 نەچچە يىل ئىلگىرى، قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەردە دالياڭشەن تېغىدىن ئۆتكەندە، يىزۇ قېرىنداشلار مەشئەل كۆتۈرۈپ، بۇ خەلق ئارمىيەسىنى قوغداپ تاغ ئىچكىرىسىدىكى قويۇق ئورمانلىقتىن چىقىرىپ قويغانىدى. بۈگۈنكى كۈندە، «چاڭجېڭ» نامى بىلەن ئاتالغان راكېتا بۇ جايدىكى جىرالار ئارىسىدىن بوشلۇققا قايتا - قايتا كۆتۈرۈلۈپ، بىپايان يۇلتۇزلار دېڭىزىغا قاراپ ئاتلاندى.
يىللار ئۈن - تىنسىز ئۆتتى، تاغ - دەريالار گۇۋاھ بولدى. «كوممۇنىستىك پارتىيە پۇقرالارغا بەرگەن ۋەدىسىنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرىدۇ» دېگەن قەسەم كەنت - كەنتلەرنىڭ يېپيېڭى قىياپىتىگە ئايلاندى، پۇقرالار ئاددىي - ساددا سۆزلىرى بىلەن ئەڭ سەمىمىي يۈرەك ساداسىنى بىلدۈردى: «كوممۇنىستىك پارتىيە ۋاجىۋا (بەك ياخشى)، باش شۇجىغا كاشاشا (رەھمەت).»
(5)
دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن چوڭ ئايروپىلانغا نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئارزۇسى مۇجەسسەملەندى.
«جۇڭگو چوڭ ئايروپىلان ئىشلىرىنىڭ تۈمەن چاقىرىملىق ئۇزۇن سەپىرىدە يەنە بىر قەدەم تاشلىدى، بىزنىڭ چوقۇم ئۆزىمىزنىڭ چوڭ ئايروپىلانى بولۇشى كېرەك!» 2014 - يىلى 5 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شاڭخەيدە تەكشۈرۈشتە بولغان مەزگىلدە، C919 چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ كۆرگەزمە ئۆرنەك ئايروپىلانىغا چىقىپ، دۆلىتىمىزنىڭ چوڭ ئايروپىلان ياساش ئىشلىرىغا زور ئۈمىد باغلىدى: «جۇڭگونىڭ ئايروپىلان ياسىمىچىلىق كەسپى بىر مەزگىل جاپالىق، ئوڭۇشسىز، ئەگرى - توقاي مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى، ھازىر ئېگىز تاغلار ئۈستىدىن مەغرۇر ھالقىدۇق، ۋەزىيەت ناھايىتى ياخشى، باشلىنىش ناھايىتى ياخشى...»
2026 - يىلى 8 - ئايدا، C919 چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ تۇنجى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلدى، جۇڭگونىڭ چوڭ ئايروپىلانى تېخىمۇ بىپايان بوشلۇققا قاراپ ئۇچتى.
ئىلگىرى، ئىنقىلابىي ئۇلۇغ ئىش جاھاننى زىلزىلىگە سالغانىدى، بۈگۈنكى كۈندە، چوڭ دۆلەت ئارزۇسى غەيرەت - شىجائەتكە تولدى. بۈگۈنكى جۇڭگو سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىگە قەدەم قويۇپ، چوڭ قەدەم بىلەن تېخىمۇ ھەيۋەتلىك مۇساپىگە ئاتلاندى.
«ئۇزۇن سەپەر مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ». بۇ، تارىخنىڭ ئېنىق كۆرسەتمىسى، شۇنداقلا دەۋرنىڭ مۇقەررەرلىكى.
پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا «يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەر يولىدا جاسارەت بىلەن ياخشى مېڭىش»قا چاقىرىق قىلىنىشتىن، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، «يېڭى مۇساپە شان - شەرەپ ۋە ئارزۇغا تولغان ئۇزۇن سەپەر» دەپ بىلدۈرۈشكىچە... باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، قايتىدىن جابدۇنۇپ يەنە سەپەرگە ئاتلىنىشقا يېتەكلىدى.
2016 - يىلى 4 - ئايدا باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەنخۇينىڭ فېڭياڭدىكى شياۋگاڭ كەنتىگە كېلىپ، ئەينى يىلى 18 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى چوڭ ھۆددىگەرلىك توختامىنى ئىمزالىغاندىكى ئەھۋالنى قايتا ئەسلىگەندە، سۆزلىرى ئىنتايىن قەتئىي بولدى: «دېمىگىن تۆمۈر سېپىلدەك ھەيۋەتلىك تاغ ئۆتكىلى، مانا مەغرۇر ھالقىدۇق بىز ئېگىز تاغلار ئۈستىدىن. بۈگۈن بۇ جايدا ئىسلاھاتنى قايتا ئەسلەشتىكى مەقسەت پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنىدە يۈز يىلغىچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش قەدىمىنى توختاتماي، يېڭى سەھىپىلەرنى داۋاملىق پۈتۈش ئۈچۈندۇر».
شۇ يىلى 10 - ئايدا، قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «بۈگۈنكى ئۇزۇن سەپەرنى ئەينى يىللاردىكى قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشتىن بۇيان بىز بېسىپ ئۆتكەن يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، گەرچە مۇھىت، شارائىت، ۋەزىپە، كۈچ قاتارلىق جەھەتلەردە بەزى پەرقلەر بولسىمۇ، ھەتتا ناھايىتى زور ئوخشىماسلىقلار بولسىمۇ، لېكىن ھەممىسى ئىجادىي، مۈشكۈل، مۇرەككەپ ئىش».
ئۇلۇغ غايىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، تۈپتۈز داغدام يول يوق. يول دېگەن نېمە؟ يول ئەزەلدىن يول يوق جايلاردا مېڭىشتىن شەكىللەنگەن، تىكەن - چاتقاللىق جايلارنى ئېچىشتىن شەكىللەنگەن.
بۇ يىللاردىن بۇيان، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردۇق، نامراتلىققا قارشى جەڭ قىلىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقتۇق، يۇقۇمنى تىزگىنلەپ، ئېغىر ئاپەتكە تاقابىل تۇردۇق، ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە ھازىرلىق كۆرۈپ، كىرىزىسنى تۈگەتتۇق... ھەيۋەتلىك ئۇلۇغ كۈرەش داۋامىدا ئۆتكەللەرنى بۆسۈپ ئۆتتۇق، بۇ دەل «قىيىنچىلىق بار، خەۋپ - خەتەر بار، كىرىزىس بار، ئەگرى - توقايلىقلار بار بولسىمۇ، ھېچقايسىسى قورقۇنچلۇق ئەمەس» «غەلىبە قىلساقلا، قىيىنچىلىقلارنى يېڭەلەيمىز، ئىشلار ياخشى بولۇپ كېتىدۇ، ئىستىقبالىمىز پارلاق بولىدۇ» دېگەن سۆزنى دەلىللىدى.
ھەربىر دەۋر كىشىلىرىنىڭ شۇ دەۋر كىشىلىرىگە خاس ئۇزۇن سەپەر يولى بولىدۇ، ھەربىر دەۋر كىشىلىرى ئۆزىنىڭ ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىشى كېرەك.
يەنە 2016 - يىلى، ياش خۇاڭ ۋېنشيۇ ئاسپىرانتلىقنى پۈتكۈزۈپ، قەتئىيلىك بىلەن ئۆز يۇرتى كونا ئىنقىلابىي رايون گۇاڭشى بەيسېغا قايتىشنى تاللىدى. تەشكىلنىڭ چاقىرىقىغا پائال ئاۋاز قوشۇپ، خۇاڭ ۋېنشيۇ ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجىلىقنى ئۈستىگە ئالدى، بىر يىل ئىچىدە ئاپتوموبىل بىلەن باسقان مۇساپىسى 25 مىڭ كىلومېتىر كۆپەيدى، ئۇ «قەلبىمدىكى ئۇزۇن سەپەر» دېگەن خەتنى يازدى.
2019 - يىلى، خۇاڭ ۋېنشيۇ خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار ۋە ياش يولداشلار يولداش خۇاڭ ۋېنشيۇنى ئۈلگە قىلىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، ئۆزىنى بېغىشلاپ، يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەر يولىدا يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇشى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.
بارلىق ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ھەممىسى بوشاشماي كۈرەش قىلغانلىقنىڭ نەتىجىسى، بارلىق ئۇلۇغ ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئۇدا كۈرەش قىلىش داۋامىدا ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشقا توغرا كېلىدۇ.
جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مىسلى كۆرۈلمىگەن ئۇلۇغ ئىش، ئۇنىڭدا قوللانما قىلغۇدەك ئۆرنەك يوق، يول ھەرگىزمۇ تۈپتۈز ئەمەس، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزدا يەنە «لوۋشەنگۇەن» «لازىكوۋ» بار، يەنە «قارلىق تاغ» «ئوتلاق» بار، پەقەت تاغقا يولۇققاندا يول ئېچىپ، سۇغا يولۇققاندا كۆۋرۈك سېلىپ، سۈرئەتنى تېزلىتىشىمىز كېرەك.
قورقمىدى قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن، مۈشكۈل سەپەردىن ھېچقاچان، قىلچىمۇ توسالمىدى مىڭلارچە دەريا، تاغ - داۋان.
2019 - يىلى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭشىغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا، قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپىرىنىڭ شانلىق تارىخىنى قايتا ئەسلەپ، كەلگەن يولىنى ئەسلەپ، ئالدىدىكى يولغا نەزەر سېلىپ، قەتئىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «كەلگۈسى 70 يىلدا، ئاچقۇچلۇقى كەلگۈسى 30 يىل. بۇ دەل بىز <ئىككى 100 يىل>لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ۋاقىت. پەقەت بىز قەتئىي غايە - ئېتىقاد ۋە كۈچلۈك ئىنقىلابىي ئىرادىنى ساقلىساقلا، قاتمۇقات ئۆتكەللەرنىڭ ھەممىسىدىن ئۆتەلەيمىز، قانداق توزاق، قانداق مۇھاسىرىگە ئېلىپ توسۇش، قانداق قامال لىنىيەسى بولسۇن، ھەممىنى تەلتۆكۈس كەينىمىزگە چۆرۈۋېتەلەيمىز!»
تارىخنىڭ ئۇزاق ئېقىنى توختىماي ئۆركەشلەپ ئاقتى، مەنىۋى مەشئەل ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتى.
ئۇزۇن سەپەر بىزگە قالدۇرغان ئەڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق دەل جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ۋە قىزىل ئارمىيە كوماندىر - جەڭچىلىرى ھاياتى ۋە ئىسسىق قېنى بەدىلىگە ياراتقان ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھى.
ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ قىزىل گېنى ۋە مەنىۋى شەجەرىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تومۇرى ۋە روھىغا چوڭقۇر سىڭىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ مول ئوزۇقىغا ئايلاندى، جۇڭگو خەلقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە، غەلىبىدىن غەلىبىگە قاراپ مېڭىشقا ئىلھاملاندۇرىدىغان ۋە رىغبەتلەندۈرىدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندى.
«بىزنىڭ مۇشۇنداق چوڭ دۆلەتتە ئۇلۇغۋار غايە - جەسۇرانە ئىرادە بولۇشى كېرەك». ئۇزاق ئەسىر مۇساپىسىدە ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇلۇغۋار ئىشلارغا ئىرادە باغلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەردانىلىك بىلەن مۇنداق جاكارلىدى −
«ھازىر، بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇق، بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ ئىشەنچىمىز بار، تېخىمۇ ئىقتىدارىمىز بار. بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەر ئالدىنقىلارنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، بۈگۈنكى كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز، تېخىمۇ مۇھىمى ئەتىكى يولنى ئېچىشىمىز كېرەك.»
دەل مۈشكۈل بولغانلىقتىن ئۇلۇغ؛ دەل مۈشكۈل بولغانلىقتىن تېخىمۇ شەرەپلىك.
(مۇخبىرلار جۇ جىچەي، خۇاڭ يۆ، ۋۇ گۇاڭيۈ، جاڭ يەن، يەن فۇجىڭ، خۇ مېڭشۆ)
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى)