باش شۇجى يەنە بىر قېتىم سۈن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ قىممەتلىك روھىدىن ئۆگىنىش، قىممەتلىك روھىغا ۋارىسلىق قىلىش، قىممەتلىك روھىنى جارى قىلدۇرۇشنى تەكىتلىدى

2026-11-18 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى سۈن شاۋلۇڭ، مېڭ يىڭرۇ، شيۇڭ جيايى

11 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جۇڭشەن شەھىرىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، نەنلاڭ كوچىسىدىكى سۈن جۇڭشەن ئەسلىي تۇرالغۇسى خاتىرە سارىيىغا كېلىپ، سۈن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ مىس ھەيكىلىگە گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلدى، «جۇڭگو دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ ئۇلۇغ باشلامچىسى − سۈن جۇڭشەن» تېمىسىدىكى كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، ئەسلىي تۇرالغۇنى قوغداش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم خاتىرە سارايدىكى خىزمەتچى خادىملار، سۈن جۇڭشەننىڭ ھاياتى ۋە ئىدىيەسى تەتقىقات خادىملىرى ۋەكىللىرى قاتارلىقلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى.

بۇ يىل سۈن جۇڭشەن ئەپەندى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 160 يىللىقى. 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، سۈن جۇڭشەن ئەپەندى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 160 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۈگۈن، سۈن جۇڭشەن ئەپەندىنى ئەڭ ياخشى خاتىرىلىگىنىمىز − ئۇنىڭ قىممەتلىك روھىدىن ئۆگىنىپ، قىممەتلىك روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، قىممەتلىك روھىنى جارى قىلدۇرۇش، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشتۇر.

ئارىدىن تۆت كۈن ئۆتۈپ، سۈن جۇڭشەننىڭ يۇرتىغا كېلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى مۇساپىدە، ئۇنىڭ قىممەتلىك روھىدىن ئۆگىنىپ، قىممەتلىك روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، قىممەتلىك روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

ئادەمدە روھ بولمىسا پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، دۆلەتتە روھ بولمىسا قۇدرەت تاپالمايدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئاساسنى پۇختىلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە كىردى. «15 - بەش يىل» «16 - بەش يىل»دا بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، 2035 - يىلىغا بارغاندا، دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

تارىخ چاقى ئايلىنىپ يەنە بىر ئاچقۇچلۇق تۈگۈنگە يېتىپ كەلگەندە، ۋەزىيەت ۋە خىرىس، بۇرچ ۋە ۋەزىپىنىڭ ھەممىسى بىزدىن تارىختىن ئۈزلۈكسىز قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

بۇ، «پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن كۈرەش قىلىپ دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرىمەن»دىن ئىبارەت ۋەتەننى سۆيۈش، دۆلەتنى قۇتقۇزۇش روھى، سۈن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ قىممەتلىك روھىدىن ئۆگىنىش، قىممەتلىك روھىغا ۋارىسلىق قىلىش، قىممەتلىك روھىنى جارى قىلدۇرۇشتا، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى يۈكسەك دەرىجىدە ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋەتەننى گۈللەندۈرۈش، قۇدرەت تاپتۇرۇشنى جاسارەت بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك؛

بۇ، «خەلق تۇرمۇشى بەختىنى كۆزلەيمىز» دەپ قەسەم بېرىپ خەلققە رىشتە باغلاش روھى، سۈن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ قىممەتلىك روھىدىن ئۆگىنىش، قىممەتلىك روھىغا ۋارىسلىق قىلىش، قىممەتلىك روھىنى جارى قىلدۇرۇشتا، باشتىن - ئاخىر خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىمىز كېرەك؛

بۇ، «دۇنيانىڭ ئېقىمىغا ماسلىشىش، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىش»تىن ئىبارەت ھەقىقەتكە ئىنتىلىش روھى، سۈن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ قىممەتلىك روھىدىن ئۆگىنىش، قىممەتلىك روھىغا ۋارىسلىق قىلىش، قىممەتلىك روھىنى جارى قىلدۇرۇشتا، «ئىككى بىلەن بىرلەشتۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەت ئاساسىدىكى نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك؛

بۇ، «مەن ئارزۇ نىشانىمغا قاراپ توختىماي ئالغا ئىلگىرىلىدىم، ھەرقانچە چوڭ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىساممۇ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەيمەن»دىن ئىبارەت ئىرادىدىن يانمايدىغان روھ، سۈن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ قىممەتلىك روھىدىن ئۆگىنىش، قىممەتلىك روھىغا ۋارىسلىق قىلىش، قىممەتلىك روھىنى جارى قىلدۇرۇشتا، باتۇرلۇق بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشىمىز، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىشقا تايىنىپ ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى مەنزىل ئېچىشىمىز كېرەك؛

بۇ، «تەڭ قەدەم ئېلىپ، دۆلەتنىڭ يۈز يىللىق ئۇلۇغۋار پىلانىنى مۇھىم بىلىپ، تىرىشىپ كۈرەش قىلىش»تىن ئىبارەت ئىتتىپاقلىقنى تەشەببۇس قىلىش روھى، سۈن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ قىممەتلىك روھىدىن ئۆگىنىش، قىممەتلىك روھىغا ۋارىسلىق قىلىش، قىممەتلىك روھىنى جارى قىلدۇرۇشتا، بىرلىك سەپتە چىڭ تۇرۇپ، بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى سىجىل مۇستەھكەملىشىمىز ۋە راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك؛

بۇ، «دۇنيا خەلققە مەنسۇپ» بولۇشنى «ئىنسانلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىنىڭ مەقسىتى»، «ئىنسانلارنىڭ ئۈمىدى» دەپ قارايدىغان جاھاننى قەلبىگە پۈكۈش روھى، سۈن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ قىممەتلىك روھىدىن ئۆگىنىش، قىممەتلىك روھىغا ۋارىسلىق قىلىش، قىممەتلىك روھىنى جارى قىلدۇرۇشتا، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان قىممەتنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا پائال تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

سۈن جۇڭشەن ئەپەندى باشتىن - ئاخىر دۆلەتنىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغدىدى، دۆلەتنى پارچىلايدىغان، مىللەتنى پارچىلايدىغان بارلىق سۆز ۋە قىلمىشلارغا قەتئىي قارشى تۇردى. ئۇ ئىلگىرى: «<بىرلىككە كېلىش> جۇڭگودىكى بارلىق خەلقنىڭ ئۈمىدى» دەپ چاقىرىق قىلغانىدى. سۈن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە بولغان كۈچلۈك ئارزۇسى ۋە قەتئىي ئىرادىسى ئىزچىل بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنى ئىلھاملاندۇرۇپ، تەربىيەلەپ ۋە رىغبەتلەندۈرۈپ كەلمەكتە.

باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ قېتىم تەكشۈرۈشتە بولغاندا، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەلەپ قىلدى: سۈن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ ھاياتى ۋە ئىدىيەسىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، سۈن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ ئىنقىلابىي ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى، بولۇپمۇ ياش - ئۆسمۈرلەرنى ئۇلۇغ زاتنىڭ خىسلىتىدىن ئۆگىنىشكە، قەتئىي ئىرادە بىلەن ۋەتەننى سۆيۈپ، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك.

سۈن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسىغا كىرگەندە، سۈن جۇڭشەن ئەپەندى ئەينى يىلى ئۆز قولى بىلەن تىككەن سۈەنزى دەرىخى گەرچە تەيفېڭ بورىنىدا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا قەيسەرلىك بىلەن ئۆسۈۋاتاتتى، بۈگۈنكى كۈندە يەنىلا شاخ ۋە يوپۇرماقلىرى قويۇق ئۆسكەن، بۈك - باراقسان ۋە ياپيېشىل بولۇپ، بىر ئەۋلاد ئۇلۇغ زاتنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئىزىغا گۇۋاھ بولدى، شۇنداقلا سۈن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ قىممەتلىك روھىنىڭ جۇڭخۇا زېمىنىدا يىلتىز تارتىپ بىخ سۈرگەنلىكى، كەڭ ئەۋج ئالغانلىقىغا گۇۋاھ بولدى.

بۈگۈن، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرى جەزمەن تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىپ، يېقىنقى زاماندىن بۇيان دۆلىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق تىرىشىپ ئىزدىنىۋاتقان ئۇلۇغ ئارزۇنى ئۈزلۈكسىز تۈردە گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى)