«ھەممەيلەن ئۆز يولىمىزدا تىرىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىسەك، ئارىلىق يىراق بولسىمۇ بىر مەقسەت، بىر نىشاندا بولالايمىز»

2026-11-20 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 33 ـ قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىدىغان مېھمانلار ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزگەنلىكى توغرىسىدا خاتىرە

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى شى جىڭنەن، ۋاڭ پېڭ، شۈ جۇاڭ

نەنخەي دېڭىز ساھىلىدا چىراغلار چاقناپ تۇراتتى، پېڭچېڭ − شېنجېن رەڭگارەڭ گۈللەرگە پۈركەنگەنىدى. دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى چوڭ ئائىلىسى يەنە بىر «جۇڭگو پەيتى»نى كۈتۈۋالدى.

11 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن شېنجېن خەلقئارا ئالماشتۇرۇش مەركىزىدە زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 33 ـ قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىدىغان مېھمانلارنى قارشى ئالدى.

ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىدىكى قاتلام دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى، ساھەسى ئەڭ كەڭ، تەسىر كۈچى ئەڭ زور ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مېخانىزمى. بۇ يىل جۇڭگونىڭ 2001 ـ يىلىدىكى شاڭخەي يىغىنى، 2014 ـ يىلىدىكى بېيجىڭ يىغىنىدىن كېيىن، 3 ـ قېتىم ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ساھىبخانىلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى بولۇپ، بۇ، «15 ـ بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلىدىكى جۇڭگونىڭ ئەڭ مۇھىم ئاساسىي مەيدان دىپلوماتىيە پائالىيىتى ھېسابلىنىدۇ.

شياڭمى كۆلى بويىدا، شېنجېن خەلقئارا ئالماشتۇرۇش مەركىزى ئىككى قانىتىنى كەڭ يايغان بولۇپ، خۇددى كۆكتە پەرۋاز قىلىۋاتقان داپېڭغا ئوخشايتتى.

ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ لەرزان مۇزىكا ساداسى ياڭرىدى، مېھمانلار ئارقا ـ ئارقىدىن قىزىل پاياندازغا قەدەم قويدى. شېنجېننىڭ ھەرخىل رەڭدە جۇلالىنىپ تۇرغان غايەت زور كېچىلىك مەنزىرە سۈرىتى ئالدىدا، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن يىغىنغا قاتنىشىدىغان مېھمانلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى، ئۇلار بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، ئۆزئارا ئەھۋال سورىدى ھەم سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

«تاغ ـ دەريالار سۈرەتتەك گۈزەل» ناملىق ھەيۋەتلىك سىمفونىيەگە ئەگىشىپ، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى مېھمانلار بىلەن بىللە زىياپەت زالىغا كىردى.

زالدا مودەنگۈل، لېدۇجۈەن، مۇميەنخۇا گۈلى قاتارلىق نەقىشلەردىن تەركىب تاپقان ئاساسىي كۆرۈنمە ئارقا كۆرۈنۈش «گۈلگە پۈركەنگەن ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى» داغدۇغىلىق، تەنتەنىلىك ئىدى. ئاساسىي تاماق ئۈستىلى «ئېچىۋېتىش دولقۇنى باشلانغان شاڭخەي» «ھەمكارلىق ئورتاق تونۇشى مۇجەسسەملەنگەن بېيجىڭ» «ئېچىۋېتىش ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇغان شېنجېن» ئېلېمېنتلىرى بىلەن بېزەلگەن بولۇپ، «گۈللەنگەن قولتۇق رايونى ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىنى تۇتاشتۇرۇش»تەك جۇشقۇن مەنزىرىنى نامايان قىلغانىدى.

سائەت 19دىن 20 مىنۇتلار ئۆتكەندە، زىياپەت باشلاندى. رەئىس شى جىنپىڭ مەزمۇت قەدەم بىلەن مۇنبەرگە چىقىپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن قەدەھ سۆزى قىلدى.

«شېنجېن چوڭ ھېكايە بار جاي.» رەئىس شى جىنپىڭ چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «1978 ـ يىلى، مەن تۇنجى قېتىم شېنجېنغا كەلگەندە، يەنىلا بىر كىچىك بېلىقچىلىق كەنتىنى كۆرگەنىدىم. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە 40 نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى، بۈگۈنكى كۈندە بۇ جايدا ئېگىز بىنالار قەد كۆتۈردى، قاينام ـ تاشقىنلىق نامايان بولدى، زور ئۆزگىرىشلەرنى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش دېيىشكە بولىدۇ.»

شېنجېننىڭ ھېكايىسى جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى. جۇڭگونىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش كۆزنىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يارقىن نام كارتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، «جۇڭگونىڭ 50 يىللىق تەرەققىياتىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز شېنجېنغا كەلسىڭىز بولىدۇ».

شېنجېننىڭ ھېكايىسى يەنە ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۈلگىسى. «ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئىقتىسادىي گەۋدىلەر دىلىلىق چەكلىمە ۋە كۆز قاراش پەرقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، رايون ھەمكارلىقى چوڭ سەھنىسىگە پائال ئاتلىنىپ، ئىقتىساد تېز تەرەققىي قىلغان <ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان مۆجىزىسى>نى ياراتتى».

رەئىس شى جىنپىڭ ئىلگىرىكىنى ئەسلەپ، مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، شېنجېننىڭ قالتىس كېپىنەكسىمان ئۆزگىرىشىنىڭ چوڭقۇر ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى كۆرسىتىپ بەردى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى تەرەققىياتى ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئورتاق كېڭىشىش، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ گۈزەل ئەتىسىنى بىرلىكتە يارىتىش ئورتاق يۈرەك ساداسىنى ئىپادىلىدى.

«مولىخۇا گۈلى» «شىڭشىڭسو» «ئالىلاڭ» «دۇنيا بىر ئائىلە كىشىلىرى» قاتارلىق ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا 21 ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ كىلاسسىك مۇزىكىلىرى نەق مەيداندا ياڭرىدى. رەئىس شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى مېھمانلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. مېھمان ۋە ساھىبخانا خۇشال جەم بولۇپ، توختىماي ھەمتۈرتكە بولۇپ، چوڭقۇر دوستلۇق ئۈچۈن قەدەھ كۆتۈردى، ھەمكارلىق مول نەتىجىلىرى ئۈچۈن ئالقىش ياڭراتتى، گۈزەل ئارزۇ ئۈچۈن تىلەكلىرىنى بىلدۈردى.

زىياپەتتىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى مېھمانلار بىلەن بىللە ئەدەبىيات ـ سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆردى.

تاغ ـ دەريالارنى قەلبكە پۈكۈپ، ئېچىۋېتىش كەڭ قورساقلىقىنى نامايان قىلىش −

«كۈچلۈك شامالغا تايىنىپ بىرلىكتە يىراققا ئاتلىنىش» ناملىق ئۇسسۇل بىلەن ئويۇن باشلاندى، شەرقنىڭ گۈزەللىك مەزمۇنىغا باي ياپيېشىل تاغ ـ دەريالار ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان بولۇپ، خۇافۇ كىيىمى كىيگەن ئارتىسلار ئۇسسۇل ئارقىلىق جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى قائىدە ـ يوسۇنلىرىنى ئىپادىلەپ، قوشنىلار ئىناق ـ دوستانە چىقىشىپ ئۆتۈش يولىنى نامايان قىلدى. شىچۈ تىياتىرى «مەڭگۈلۈك شىچۈ مېلودىيەسى»دە «ھەيۋەتلىك تاغ ـ دەريالار تولىمۇ گۈزەل» بولغان جاھاننىڭ تىنچ ۋە خاتىرجەملىكى مەدھىيەلەندى، «قول تۇتۇشۇپ تۈمەن چاقىرىملىق مۇساپىگە ئورتاق ئاتلىنىش»تىن ئىبارەت ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى ئىناقلىق مېلودىيەسى ياڭرىدى.

«ئېچىۋېتىش − شېنجېننىڭ ئەزەلدىن بار بولغان گېنى.» سودا ئالاقىسى تەرەپ ـ تەرەپكە تۇتاشتى، سودىگەرلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، شېنجېن چېگرا رايوندىكى كىچىك بازاردىن ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكى بولۇپ قەد كۆتۈردى. كېچە ـ كۈندۈز نامايان بولۇپ تۇرىدىغان ئالدىراش مەنزىرە دەل ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئېچىۋېتىش، يۇغۇرۇلۇشىنىڭ جانلىق ئىزاھاتى.

ئېچىۋېتىش − ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىنىڭ جان تومۇرى. 30 نەچچە يىلدىن بۇيان جاپا ـ مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ كەلگەن ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەرقايسى ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئېچىۋېتىش ـ ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش، ھەرقايسىسى ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇشقا تايىنىپ، دۇنيادىكى ئەڭ ھاياتىي كۈچ ۋە يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە ئىقتىساد بۆلىكى بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلدى.

«ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، بىز تاغ ـ دېڭىزدىن ھالقىپ بىر يەرگە كەلدۇق.» 11 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنىدىن 18 ـ كۈنىگىچە، رەئىس شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتنىشىدىغان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن سەككىز مەيدان كۆرۈشۈش ئۆتكۈزدى، 2026 ـ يىللىق ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا ـ سانائەت رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى. بۇ مەزگىلدە، «ئېچىۋېتىش» كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىنغان ئاچقۇچلۇق سۆز بولۇپ قالدى. ھەربىر قېتىم دوستلۇق ئۈستىدە ئورتاق سۆھبەتلىشىشتە، ھەربىر قېتىم ھەمكارلىق ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىشتە، جۇڭگو باشتىن ـ ئاخىر ئېچىۋېتىش داۋامىدا پۇرسەتتىن ھەمبەھرىلىنىش، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇردى.

قولتۇق رايونىدا دولقۇن كۆتۈرۈلۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش −

«مۆجىزە توقۇپ چىقىش» ناملىق ئۇسسۇلدا، ئۇچىسىغا شياڭيۈنشا يىپەك توقۇلما كىيىملىرىنى كىيگەن ئارتىسلار بارماقلىرىدا يىپەك يىپلارنى تارتقىنىچە، دېڭىزغا يۈزلىنىپ ياشاش ئارزۇسىنى «توقۇماقتا ئىدى»؛ چوڭ ئېكراندا، نەنخەي دېڭىزى ساھىلىدىن جۇڭگو زېمىنىغىچە، كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقان تەرەققىيات مەنزىرىسى تەدرىجىي نامايان بولدى.

«يېڭىلىق يارىتىش − شېنجېننىڭ ھاياتىي كۈچى.» ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاشتىن ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئېچىشقىچە، «دۇنيا زاۋۇتى»دىن يېڭىلىق يارىتىش شەھىرىگىچە، بۈگۈنكى شېنجېن جۇڭگونىڭ توپلاشتۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش ئالدىنقى سېپىگە ئايلاندى. بۇ جايدا، كىشىلەر كەلگۈسىنىڭ تومۇر سوقۇشىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى.

سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، رەقەملىك ئىقتىساد بۇ يىللىق ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ «جۇڭگو يىلى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىدە ھەرقايسى تەرەپلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا. ئادەمسىمان ماشىنا ئادەم، 3Dلىق بېسىپ چىقىرىش، يېڭى تىپتىكى ئادەمسىز ئۇچقۇ... قارشى ئېلىش زىياپىتىدىن بۇرۇن، ئەزىز مېھمانلار تۈرلۈك پەن ـ تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى زور قىزىقىش بىلەن سىناپ كۆردى، ئىجادىي تەرەققىياتنىڭ ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىگە ئېلىپ كەلگەن چەكسىز پۇرسىتىنى ھېس قىلدى.

شېنجېندىن پۈتكۈل جۇڭگوغا نەزەر سالساق، ئىسلاھات چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز قۇۋۋەت توپلاندى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئۇلۇغۋار مۇساپىسى ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئورتاق گۈللىنىشىگە ئۇزاق مەزگىللىك قۇۋۋەت قوشتى.

جاپا ـ مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، ھەمكارلىق يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈش −

دېڭىز ـ ئوكيان كۆز يەتكۈسىز بىپايان، ئاي كۆتۈرۈلۈپ دولقۇن مەۋج ئۇردى. «دېڭىزدا كۆتۈرۈلدى نۇرلۇق ئاي» ناملىق كوللېكتىپ مۇزىكىدىن گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىش يېقىملىق سىمفونىيەسى ياڭرىدى. «ئورمان ئۇسسۇلى» ناملىق ئۇسسۇلدا زۇمرەتتەك سۇ، كۆپكۆك ئاسمان ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئېكولوگىيە گۈزەل مەنزىرىسى تەسۋىرلىنىپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى ئورتاق گەۋدىسىدىكى بارلىق شەيئىلەر ئىناق بىللە ئۆتۈشتەك تەسىرلىك مەنزىرە نامايان قىلىندى.

«دۇنيانى ئاڭلىدىم، سىزنى ئاڭلىدىم، تىنچلىق ساداسىنى ئاڭلىدىم...» سىمفونىيە ئۆمىكى بىلەن بالىلار خور ئۆمىكى بىر سەھنىدە ناخشا ئېيتتى، ئېكراندا ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەرقايسى ئەزالىرىنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك مەنزىرىسى بىر ـ بىرلەپ نامايان بولدى. ناخشا ئەۋجىگە چىققاندا، زىياپەت باشلىنىشتىن بۇرۇن سىنغا ئېلىنغان يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلارنىڭ «كوللېكتىپ سۈرەت»ى ئېكراندا نامايان بولدى، تاشقىن كەبى ئالقىش سادالىرى ئۇزاققىچە توختىمىدى.

ھەمكارلىق − كۈچ مەنبەسى. بۇ قېتىمقى يىغىن «ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش، ئورتاق گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش»نى باش تېما قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىدا داۋاملىق يېڭى سەھىپە پۈتۈشكە تۈرتكە بولۇشتىكى مەسئۇلىيىتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقى، دۇنيا بىلەن تەرەققىيات يېڭى پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشتىكى سەمىمىيىتى ۋە ئىشەنچىنى نامايان قىلدى.

رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىش، ھەمكارلىشىش ئىزچىل ئۇنىڭ روشەن بەلگىسى بولۇپ كەلدى.» سېئاتىلدىكى تۇنجى قېتىملىق قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشتىن يەنچى كۆلىدىكى تارىخىي تەنتەنىلىك يىغىنغىچە، ماۋۋۇ نىشانىدىكى تەنتەنىلىك ۋەدىدىن ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى ئورتاق گەۋدىسى ئۇلۇغۋار ئارزۇسىغىچە، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشتىن ـ ئاخىر دەۋر تومۇرىنى ئىگىلەپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىدىكى ئەڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە رايون ۋە مۇھىم ئىقتىساد ئېشىش موتورىغا ئايلىنىشىغا كۈچ قوشتى.

ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ھەمكارلىق ئارقىلىق كۆپنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، زور ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىۋاتقان شېنجېن ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان جۇڭگو ئىدىيەسىنى جۇلالاندۇرۇپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش گۈزەل مەنزىرىسىنى سۈرەتلەپ بەردى.

«ھەممەيلەن ئۆز يولىمىزدا تىرىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىسەك، ئارىلىق يىراق بولسىمۇ بىر مەقسەت، بىر نىشاندا بولالايمىز.»

رەئىس شى جىنپىڭ قەدەھ سۆزىدە، ئۆزئارا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش تەدبىرىنى مۇزاكىرە قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىق پۇرسىتىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشنى مۇراجىئەت قىلدى. «مەن كۆپچىلىك بىلەن ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىق ئۇلۇغۋار پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تەرەققىيات ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.»

زىياپەت زالىدا، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى «جۇڭگو يىلى» يىغىن لوزۇنكىسى كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇراتتى، گىرەلىشىپ كەتكەن 21 قانات ئېگىز قانات قېقىپ پەرۋاز قىلىۋاتقان داپېڭ ھالىتىنى بىرلىكتە ھاسىل قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا «ئومۇمىي ۋەزىيەتكە تايىنىپ، ئورتاق يۈكسىلىش»تىن ئىبارەت سەمىمىي ئۈمىد مۇجەسسەملىگەنىدى.

كېچىدە، شېنجېن قولتۇقىدا ھېلىھەم چىراغلار چاقناپ تۇراتتى. يىراققا نەزەر سالساق، بىپايان ئوكيان ھەيۋەتلىك نامايان بولۇپ تۇراتتى.

تىنچ ئوكياندا دولقۇن كۆتۈرۈلۈپ، كۈچلۈك شامالدا يەنە يەلكەن چىقىرىلدى. ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى ئورتاق گەۋدىسى نىشانىغا قاراپ ئاتلىنىپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ پاراخوت ئورتاق گۈللىنىدىغان گۈزەل كەلگۈسىگە قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شېنجېن، 11 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)