شى جىنپىڭ خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى
ئادىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، نوپۇزلۇق سوتسىيالىستىك قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈمىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك قانۇن يۈرگۈزۈش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىككە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش كېرەك
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنى جازالاش، خەلقنى قوغداش، ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ تالاش - تارتىشنى تۈگىتىش، ئادىللىقنى قوغداش فۇنكسىيەسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنى كۈچلۈك قانۇن يۈرگۈزۈش كاپالىتىگە ئىگە قىلدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى مۇساپىدە، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، سوت قىلىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە مۇستەقىل، ئادىل يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈش ھوقۇقىنىڭ يۈرگۈزۈلۈشىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئادىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، نوپۇزلۇق سوتسىيالىستىك قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈمىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش - پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قوشۇننى تاۋلاپ چىقىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك قانۇن يۈرگۈزۈش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىككە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش ئادىللىقى جەھەتتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى تىنچ جۇڭگو، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.
23 - قېتىملىق مەملىكەتلىك سوت مەھكىمىسى خىزمىتى يىغىنى 11 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىن 17 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى يەتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن ۋېنچىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيلىققا، ئىدىيەۋىلىككە، يېتەكچىلىككە ئىگە بولۇپ، يېڭى مۇساپىدە خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتىنىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش، خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈش خەلق ئۈچۈن بولۇشنى دېلو تۇرغۇزۇش، سوت قىلىش، ئىجرا قىلىش، دەۋاغا چېتىشلىق ئەرزىيەتنى بېجىرىش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلاردا گەۋدىلەندۈرۈپ، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ھەقىقىي قوغداپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش ئادىللىقى جەھەتتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ جۈن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.