首页 > شىنجاڭغا نەزەر > شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى
  • شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئومومىي ئەھۋالى
  •                                                             

         شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قىسقىچە ئاتالغۇسى: شىن. ئاسىيا- ياۋرۇپانىڭ ئوتتۇرا قىسمى ۋە جۇڭگو غەربىي-شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان، ئومومىي كۆلۈمى 1 مىليون 660 مىڭ كۋادىرات كىلومېتر بولۇپ، دۆلىتىمىز ئومومىي كۆلۈمىنىڭ 1\6 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. دۆلىتىمىز ئىچىدە شىزاڭ، چىڭخەي، گەنسۇ قاتارلىق ئۆلكە رايون بىلەن قوشنا. دۆلەت سىرتىدا موڭغۇلىيە، روسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئافغانىستان، پاكىستان، ھىندىستان قاتارلىق 8 دۆلەت بىلەن چېگىرداش. قۇرۇقلۇق چېگىرسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 5600 كىلومېتردىن ئارتۇق بولۇپ دۆلىتىمىز چېگىر ئۇزۇنلۇقىنىڭ 1\4 قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. شىنجاڭ جۇڭگودا كۆلۈمى ئەڭ چوڭ، چېگىرداش دۆلىتى ئەڭ كۆپ، قۇرۇقلۇق چېگىرسى ئەڭ ئۇزۇن ئۆلكە رايونلارنىڭ بىرى.

         شىنجاڭ قەدىمدىن غەربىي دىيار دەپ ئاتىلىدۇ، ۋە قەدىمدىن تارتىپلا دۆلىتىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 138- يىلىدىن بۇرۇنلا خەن سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى جاڭچيەننى غەربىي دىيارغا ئەۋەتىپ،غەربىي خەن سۇلالىسى بىلەن غەربىي دىياردىكى ھەر قايسى شەھەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقان. مىلادى60-يىللاردىن بۇرۇن غەربىي خەن ھاكىمىيىتى ۋولىيىدە(بۈگۈنكى بۈگۈردە) غەربىي دىياردىكى ئىش ئورنىنى تەسىس قىلغان. شۇندىن ئېتىبارەن  غەربى دىيار خەن سۇلالىسىنىڭ خەرىتىسىگە كىرگۈزۈلگەن. چيەنلۇڭنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە غەربىي دىيارنىڭ نامىنى شىنجاڭ دەپ ئۆزگەرتىپ، 1884- يىلى رەسمىي شىنجاڭ ئۆلكىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقتى. ئۆلكىنىڭ مەركىزىي شەھىرىنى دىخۇا (بۈگۈنكى ئۈرۈمچى) دەپ ئاتىدى. 1949- يىلى شىنجاڭ تىنچلىق بىلەن ئازاد قىلىندى، 1955- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون قىلىپ قۇرۇپ چىقتى. ئۈرۈمچى (موڭغۇل تىلىدا گۈزەل يايلاق دەپ ئاتىلىدۇ) نى ئۆلكە مەركىزى قىلىپ بېكىتتى.

         شىنجاڭ كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان رايون بولۇپ، جەمئىي 47 مىللەت بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئەۋلاتمۇ- ئەۋلات ئولتۇراقلاشقانلاردىن ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، خۇيزۇ، قىرغىز، موڭغۇل، تاجىك، شىۋە، مانجۇ، ئۆزبېك، رۇس، داۋۇر ۋە تاتار قاتارلىق 13 مىللەت بار. 2011- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە شىنجاڭنىڭ ئومومىي نوپۇسى 22 مىليون 87 مىڭ 100 ئادەم بولۇپ، ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر تەخمىنەن 60 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. پۈتۈن رايوندا 14 ۋىلايەت شەھەر بولۇپ، 5 ئاپتونوم ئوبلاستى، 7 ۋىلايەت ۋە 2 ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 88 ناھىيە (شەھەر) بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە 32 چىگرا ناھىيە 6 مىللىي ئاپتونوم ناھىيىسى، 5 ناھىيە دەرىجىلىك بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر بار. 857 يېزا-بازار بولۇپ، ئىچىدە 42 مىللىي يېزىسى بار. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇپ،14 شى، 175 دېھقانچىلىق- چارۋىچىلىق تۇەن- مەيداننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئومومىي نوپۇس سانى 2 مىليون 570 مىڭ.

     تەپسىلاتى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇردى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلېكترونلۇق مەمۇرىيەت ئىشخانىسى باشقۇرىدۇ

  نومۇرلۇق - 05001680 ئە ICP ش