شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 8 - يىغىنىنىڭ تەيىنلەش - قالدۇرۇش ئىسىملىكى

2024-01-25 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

​(2024 - يىل 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 8 - يىغىنىدا ماقۇللاندى)

جۇ لىفەننى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلەش قارار قىلىندى.

جۇ لىفەننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

جۇ لىفەن، ئەر، خەنزۇ، 1971 - يىلى 12 - ئايدا تۇغۇلغان، ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپىرانتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى، ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى. ئىلگىرى ناھىيە دەرىجىلىك شەھەرنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر ھۆكۈمەت خىزمەت تارمىقىنىڭ باش مەسئۇلى، ناھىيە دەرىجىلىك شەھەرنىڭ شەھەر باشلىقى، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باجدىن خالىي رايون باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.