شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالىي مەكتەپلەر بىرلىك سەپ خىزمىتى يىغىنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ئېلزات ئەخمەتجان يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئالىي مەكتەپلەر پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىدىكى مۇھىم ساھە بولۇش سۈپىتى بىلەن، پارتىيە سىرتىدىكى زىيالىيلار خىزمىتىدىكى ئەنئەنىۋى ساھە، شۇنداقلا بىرلىك سەپ خىزمىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم جاي. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 11 -، 12 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئالىي مەكتەپلەر بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئالىي مەكتەپلەردىكى كەڭ بىرلىك سەپ ئەزالىرىنى شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشقا يېتەكلەش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق نۇقتىنى ئىگىلەپ، كۈچەش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، پارتىيە سىرتىدىكى زىيالىيلارغا قارىتىلغان ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنى كۈچەيتىپ، پارتىيە سىرتىدىكى ۋەكىل زاتلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەپ، دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار، چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇۋاتقان ۋە چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتقانلار، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن ۋە مەملىكەت سىرتى بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئالىي مەكتەپلەر بىرلىك سەپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، بىرلىك سەپ ئىدىيەسى، بىرلىك سەپ تەپەككۇرىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، بىرلىك سەپ ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىشقا ماھىر بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئالىي مەكتەپلەر بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى جاسارەت بىلەن يارىتىش كېرەك.
قەيسەر ئابدۇكېرىم يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئالىي مەكتەپلەر بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، شىنجاڭ داشۆ قاتارلىق بەش ئالىي مەكتەپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.