شىنجاڭ گېزىتى، غۇلجا، 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، شىنجاڭ كانچىلىق ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش تۈرلىرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى (شىمالىي شىنجاڭ) غۇلجا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز تونۇشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
ئەركىن تۇنىياز مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭنىڭ «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى»نى بېكىتىپ بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك ئىشلىرىدا يېڭى نەتىجە، يېڭى بۆسۈشنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى. شىنجاڭنىڭ قېزىلما بايلىقى مول، 77 خىل تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان بايلىق زاپىسى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىدە تۇرىدۇ، نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر، كۆمۈر قاتلىمى گازى قاتارلىق تۈرلۈك ئېنېرگىيە بايلىقى ئىنتايىن مول. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت مەۋقەنى دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىدارىغا قويۇپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى تولۇق قېزىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك كان ئىزدەش ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، بىر تۈركۈم چوڭ كان، ياخشى كان، جىددىي ئېھتىياجلىق كانلارنى يېڭىدىن بايقاپ، بىر تۈركۈم مۇھىم قېزىلما بايلىق مىقدارىنى يېڭىدىن كۆپەيتىپ، كانچىلىق ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش مىقدارى، پۈتۈشۈش سوممىسى، پايدا يارىتىشتا كەينى - كەينىدىن تارىخىي يېڭى سەۋىيە ياراتتى، قېزىلما بايلىقلارنى چارلاپ تەكشۈرۈش، ئېچىش ئىستىقبالى ئىنتايىن پارلاق. ياخشى رايون ئورنى ئەۋزەللىكى، بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە سىياسەت ئەۋزەللىكىنىڭ پايدىسىدا شىنجاڭنىڭ مەبلەغ سېلىش قىزغىنلىقى سىجىل ئېشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولدى. كەڭ كارخانا، گېئولوگىيەلىك چارلاش ئورۇنلىرى قاتارلىقلارنىڭ شىنجاڭدىكى كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى زورايتىپ، شىنجاڭنىڭ قېزىلما بايلىقىنى چارلاش - ئېچىش ۋە زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ «توققۇز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. شىنجاڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ شىنجاڭدا خاتىرجەم مەبلەغ سېلىپ، كۆڭۈلدىكىدەك تەرەققىي قىلىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللايدۇ.
تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى كانچىلىق ھوقۇقى مەھكىمىسى، جۇڭگو گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار سۆز قىلدى.
جۇڭگو باۋۋۇ پولات - تۆمۈر گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، شەندۇڭ جاۋجىن گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو چىڭخۇا ئېنېرگىيە گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، خۇنەن ۋۇجياڭ پاي كونترول گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو مېتاللۇرگىيە، گېئولوگىيە باش ئىدارىسى، جۇڭسې دىكې قېزىلما بايلىقلارنى چارلاپ تەكشۈرۈش پاي چەكلىك شىركىتى قاتارلىق كانغا ئالاقىدار كارخانىلار ۋە گېئولوگىيەلىك چارلاش ئورۇنلىرىنىڭ ۋەكىللىرى سۆز قىلدى.
يىغىندا تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى، ئاپتونوم رايون ئىككى دەرىجىلىك گۇۋاھنامە تارقىتىش ھوقۇق دائىرىسىدە كانچىلىق ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش تۈرى ۋە بىڭتۇەن كانچىلىق ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش تۈرى ھەمدە يېڭى بىر نۆۋەتلىك كان ئىزدەشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكىتى گېئولوگىيەلىك چارلاپ تەكشۈرۈش تۈرى تونۇشتۇرۇلدى.
ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قومۇل شەھىرى، تۇرپان شەھىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۆز تەۋەلىكىدىكى كانچىلىق ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىدىغان تۈرلەرنى تونۇشتۇردى.
بۇ يىل 6 - ئايدا، شىنجاڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قېزىلما بايلىقلىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، خوتەن ۋىلايىتىدە تۇنجى مەيدان كانچىلىق ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش تۈرلىرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزدى، بىر تۈركۈم ئەلا سۈپەتلىك كانچىلىق ھوقۇقىدا ئوڭۇشلۇق ۋىۋىسكا ئېسىلىپ پۈتۈشۈش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ياخشى بولغان ئىقتىساد، جەمئىيەت ئۈنۈمى قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇ قېتىمقى تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا 182 ئەلا سۈپەتلىك رايون بۆلىكىنى مەركەزلىك تونۇشتۇرۇشقا كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق قىلىندى، بۇ نېفىت - تەبىئىي گاز، كۆمۈر، مىس، ئالتۇن، لىتىي، كالىي تۇزى قاتارلىق 22 خىل ئاساسلىق قېزىلما بايلىققا چېتىلىدۇ، ھەرقايسى رايون بۆلەكلىرى تەپسىلىي دەلىللەش، ئىنچىكە تاللاشتىن ئۆتكەن بولۇپ، بىر قەدەر ياخشى كان ھاسىل بولۇش گېئولوگىيەلىك شارائىتى، كان ئىزدەش ئىستىقبالى ۋە بايلىق يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە.
يىغىندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى يەنە «كانچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە تەدبىر» ۋە كانچىلىق ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش سىياسىتىنى نۇقتىلىق چۈشەندۈردى ۋە نەق مەيداندا مەسلىھەت بەردى.
يۈسۈپجان مەمەت رىياسەتچىلىك قىلدى. با تۇ، لى جېنگو، ياڭ شيۇلى، ئاپتونوم رايون ھەم بىڭتۇەندىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابلىرىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.