ما شىڭرۇي تەبرىك سۆزى قىلدى ئىسمائىل تىلىۋالدى قاتناشتى
ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى
9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، شىنجاڭ داشۆ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى شىنجاڭ داشۆ خۇڭخۇ مەكتەپ رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 100 يىل قاينام - تاشقىنلىققا تولغان يىللار بولدى، ئەسىر مەشئىلى ئەۋلادمۇئەۋلاد يەتكۈزۈلدى. 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ داشۆ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى شىنجاڭ داشۆ خۇڭخۇ مەكتەپ رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم تەبرىك سۆزى قىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل تىلىۋالدى قاتناشتى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ قاتناشتى.
ما شىڭرۇي تەبرىك سۆزىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش ۋە بىڭتۇەنگە ۋاكالىتەن شىنجاڭ داشۆنىڭ 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، شىنجاڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە شىنجاڭ داشۆ قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەن، قوللىغان مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى، ھەرقايسى ئالاقىدار ئورۇنلار، نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئالىي مەكتەپلەر ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: 100 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ داشۆ باشتىن - ئاخىر ئەسلىي مەقسىتىنى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم قىلىپ، سەمىمىي - ساداقەتمەنلىك بىلەن ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ئادەم تەربىيەلەپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش - چېگرا رايوننى مۇستەھكەملەش، باشتىن - ئاخىر غەيرەت - شىجائەتكە تولۇپ، قالتىس بولۇشقا ئىنتىلىپ، شىنجاڭ، ھەتتا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشتى. ھازىر شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئىختىساسلىقلارغا تارىختىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك ئېھتىياجلىق. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە شىنجاڭ داشۆگە بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، ئالىي مائارىپنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مائارىپ كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: مائارىپ قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۇلى. شىنجاڭ داشۆنىڭ پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى چىڭ ساقلاپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «قوش بىرىنچى قاتار» قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، ھەر مىللەت مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى تېخىمۇ كۆپ يېتىشتۈرۈپ، تىرىشىپ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى روشەن خاسلىققا ئىگە ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك تەتقىقات تىپىدىكى داشۆ قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەرقايسى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائارىپچىلار روھى، ئالىملار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق روھنى تاۋلاپ ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش، ئىش قىلىش، ئادەم بولۇشىدىكى چوڭ ئۇستازلاردىن بولۇشىنى، دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئېھتىياجىغا قويۇپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، جاسارەت بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، مائارىپ ئوقۇتۇش ئىقتىدارى ۋە ئادەم تەربىيەلەش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەرقايسى ساۋاقداشلارنىڭ ياشلىق باھارىغا يۈز كېلىپ، گۈزەل ياشلىقىغا يۈز كېلىپ، دەۋرگە يۈز كېلىپ، ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قابىلىيەت يېتىلدۈرۈپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى گۈللەندۈرۈش، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى ياراملىق ئىختىساسلىقلاردىن، تايانچ ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت شىنجاڭ داشۆنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللاپ، كەڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار، مەكتەپداشلار ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئىختىساسلىقلارنىڭ تالانتىنى نامايان قىلىشىغا كەڭ سەھنە ھازىرلاپ، شىنجاڭ داشۆنىڭ يېڭى 100 يىللىق شانلىق سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىدۇ.
چىڭخۇا داشۆ پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چيۇ يۇڭ تەبرىك سۆزى قىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ۋاكالىتەن شىنجاڭ داشۆدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى مەكتەپداشلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: غەربىي قىسىم ئالىي مائارىپىنى گۈللەندۈرۈش غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ ئۇزاق كەلگۈسى تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا مۇناسىۋەتلىك، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك. كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، چىڭخۇا داشۆ شىنجاڭ داشۆگە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت ئىدىيەسىنى يېڭىلاش، ئەندىزىدە يېڭىلىق يارىتىش، سۇپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەكتەپ بىلەن يەرلىكنىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىدۇ. چىڭخۇا داشۆ شىنجاڭ داشۆ ھەم ھەرقايسى قېرىنداش ئالىي مەكتەپلەر بىلەن بىرلىكتە مەسئۇلىيەتنى ئورتاق زىممىگە ئېلىپ، سەمىمىي ھەمكارلىشىپ، غەربىي قىسىم ئالىي مائارىپىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى نىشانىنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.
شىنجاڭ داشۆ پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى دەي بىن، قىرغىزىستان بىشكەك دۆلەتلىك داشۆنىڭ مەكتەپ مۇدىرى مۇسايېف ئابدىلدا، شىنجاڭ داشۆ مەكتەپداشلار ۋەكىلى ۋاڭ جېن ئايرىم - ئايرىم تەبرىك سۆزى قىلدى.
شىنجاڭ داشۆنىڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى كوللېكتىپ تەبرىك سۆز قىلدى.
تيەن شياڭلى، ۋاڭ جيەنشىن، قادېن كەبىن، شۈ شيەنيى، ئاپتونوم رايوندىكى دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان ئالاقىدار پېشقەدەم يولداشلار، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، شىنجاڭ داشۆدىكى ئالاقىدار خادىملار ھەم ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
مائارىپ مىنىستىرلىقىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، تۇڭجى داشۆ پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى فاڭ شوۋئېن، داليەن تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسىنىڭ مۇدىرى جيا جېنيۈەن، شىنجاڭ داشۆگە نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئالىي مەكتەپلەر، قېرىنداش ئالىي مەكتەپلەر ۋە پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، چەت ئەللەردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ۋەكىللىرى ۋە مەكتەپداشلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.