شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ مېڭمېڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى، جۇڭگو ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ «داڭلىق شەخسلەر ماھارەت ئۆگىتىش» − شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش ئەدەبىيات ـ سەنئەت باشلامچى ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش پىلانى بويىچە مەركەزلىك تەتقىقات خاراكتېرىدىكى بىلىم ئاشۇرۇش پائالىيىتى ئۈرۈمچىدە باشلاندى. جۇڭگو ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس لى يى پائالىيەتكە قاتناشتى ھەم لېكسىيە سۆزلىدى.
بۇ قېتىمقى تەتقىقات خاراكتېرىدىكى بىلىم ئاشۇرۇش پائالىيىتى جۇڭگو ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ «مەملىكەت بويىچە ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى سىستېمىسىدىكى ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئىختىساسلىقلىرى ۋە ئەدەبىيات ـ سەنئەت باشقۇرۇش كادىرلىرىنى تەربىيەلەش يىرىك پىلانى (2023 ـ يىلىدىن 2027 ـ يىلىغىچە)» «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، شىزاڭغا ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئارقىلىق ياردەم بېرىش بويىچە ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش پىلانى»نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە «جۇڭگو ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش بويىچە ئەدەبىيات ـ سەنئەت تايانچ كادىرلىرىنى كەڭ كۆلەمدە تەربىيەلەش قۇرۇلۇشى (2023 ـ يىلىدىن 2025 ـ يىلىغىچە) يىرىك پىلان لايىھەسى»نىڭ كونكرېت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قارارلىق تەتقىقات خاراكتېرىدىكى بىلىم ئاشۇرۇش پائالىيىتى. تەتقىقات خاراكتېرىدىكى بىلىم ئاشۇرۇش پائالىيىتى تور ۋە تور سىرتىنى بىرلەشتۈرۈش شەكلىنى قوللىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئېھتىياجىنى بىرلەشتۈرۈپ، داڭلىق شەخسلەر قوشماقلىشىپ يېتەكچىلىك قىلىش، مەركەزلىك تەربىيەلەش، تۈر ئارقىلىق ياردەم بېرىش، ئىجاد قىلىش ـ تۇرمۇش ئۆگىنىش، كۆرگەزمە ئويۇنى قويۇش، تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، بىر تۈركۈم ئادىمىيەت جەھەتتە ساپاغا، ئىجاد قىلىش سەۋىيەسىگە، مەدەنىيەت جەھەتتە مەسئۇلىيەتچانلىققا، بىرقەدەر زور تەسىر كۈچكە ئىگە بولغان شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش ئەدەبىيات ـ سەنئەت باشلامچى ئىختىساسلىقلىرىنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى، راۋاجلىنىشىغا كۈچ قوشىدۇ. تۇنجى قاراردا شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تىياتىر، مۇزىكا، گۈزەل سەنئەت، ئۇسسۇل، فوتو سۈرەت، سېركتىن ئىبارەت ئالتە سەنئەت تۈرى بويىچە 58 كۇرسانت يېتىشتۈرۈش پىلانىغا تاللاندى.
تەتقىقات خاراكتېرىدىكى بىلىم ئاشۇرۇش پائالىيىتىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدىن كېيىن، لى يى «تارىخىي بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، ئىجادىيەتنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە ئۆرلەپ، شىنجاڭنىڭ ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئورتاق تۈزۈپ چىقايلى» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئەمەلدە كۆرسىتىش ئارقىلىق، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە شىنجاڭنىڭ ئەدەبىيات ـ سەنئەت خىزمەتچىلىرى بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتنى ئاڭلىق زىممىسىگە ئېلىش؛ ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، بىر نىيەتتە قول تۇتۇشۇپ يېڭى دەۋردىكى ئەدەبىيات ـ سەنئەتنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى يارىتىش؛ كەسىپ ئىستىلى، سەنئەت ئەخلاقىنى كۈچەپ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەخلاق ۋە سەنئەتتە قوش كامالەتكە يەتكەن يېڭى دەۋر ئەدەبىيات ـ سەنئەت باشلامچى ئىختىساسلىقلىرىدىن بولۇشتىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتىن كونسۇلتاتسىيە قىلدى.
ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن ياڭ يۇڭ، ليۇ جيەنمىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى جۇڭگو ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، شىنجاڭ ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى قاتارلىقلار بىرلىكتە ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان.