شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش كۆلىمى ئىلگىرىكى ھەر نۆۋەتتىكىدىن ئېشىپ كەتتى

2024-11-24 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

    شىنجاڭ گېزىتى، سەنيا، 11 - ئاينىڭ 22 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىگو لىڭخەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 22 - كۈنى سائەت 20دە، 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلاندى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 56 مىللەتتىن بولغان 10 مىڭغا يېقىن تەنھەرىكەتچى ۋە ئەزىز مېھمان سەنياغا جەم بولۇپ، بىر مەيدان ئاممىۋى تەنتەربىيە كاتتا مەرىكىسىگە قاتناشتى. باشلىنىش مۇراسىمىدا، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋاقىتلىق تۇرۇپ ئويۇن كۆرسىتىش ئەترىتىنىڭ 30 سېكۇنتلۇق ئېسىل ئويۇنلىرى نەق مەيدان كەيپىياتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى، شىنجاڭ ئامىللىرى تاماشىبىنلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

«ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئارتىسلارنىڭ ئىپادىسى ناھايىتى قالتىس بولدى! بىزنىڭ بىرلىكتە رېپېتىتسىيە قىلىۋاتقىنىمىزغا بەش ئايدىن كۆپرەك بولدى، بۈگۈن تاماشىبىنلار بىلەن بىرلىكتە بۇ نومۇرلارنىڭ مۇكەممەل نامايان قىلىنغانلىقىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھاياجانلاندىم» دېدى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ۋاقىتلىق تۇرۇپ ئويۇن كۆرسىتىش ئەترىتىنىڭ باش رېژىسسورى دىلمۇرات ياسىن.

دارۋازلىق ئەترىتىنى باشلاپ بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئاتلانغان ئادىل ھوشۇر شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بايراقچىسى بولۇپ، ۋاقىتلىق تۇرۇپ ئويۇن كۆرسىتىش ئەترىتى بىلەن بىر ۋاقىتتا سەھنە مەركىزىگە يېتىپ كەلدى. ئۇنىڭ كەينىدىن مېڭىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى تەنھەرىكەتچىلەر ئارقىچىلاپ ئارقان تارتىشىش، ئىلەڭگۈچ، مىللىيچە چېلىشىش، مىللىي چامباشچىلىق، مىللىي ساغلاملىق گىمناستىكىسى، تاختا ئاياغ بىلەن سۈرئەتتە بەسلىشىش، مەرۋايىت توپتىن ئىبارەت يەتتە مۇسابىقە تۈرىگە ۋە مەررە توپ، دارۋازلىق، سارغايدىدىن ئىبارەت ئۈچ ئويۇن كۆرسىتىش تۈرىگە قاتنىشىدۇ. شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش كۆلىمى ئىلگىرىكى ھەر نۆۋەتتىكىدىن ئەڭ كۆپ بولۇپ، جەمئىي 208 ئادەم قاتناشقان، بۇنىڭ ئىچىدە 123 تەنھەرىكەتچى، ئون تىرېنېر، ئون يېتەكچى قاتارلىقلار بار.

باشلىنىش مۇراسىمىنىڭ ئاخىرىدا، 12 مەشئەل يەتكۈزگۈچىنىڭ ئۆزئارا يەتكۈزۈشى ئارقىلىق بۇ قېتىمقى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇقەددەس مەشئىلىگە ئوت تۇتاشتۇرۇلدى. 3 - مەشئەل يەتكۈزگۈچى گۈلمىرە دۆۋلەت جېمىنەي ناھىيەسىنىڭ جېمىنەي بازىرى شارىقتى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولۇپ، بۇ يىل ئۇنىڭغا «مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخس» دېگەن نام بېرىلگەن. «مەشئەلنى تاپشۇرۇۋالغان ئاشۇ دەقىقىدە، ۋۇجۇدۇمدا بىر قۇدرەتلىك كۈچنىڭ ئۇرغۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم، پۈتۈن مەيداندىكى تاماشىبىنلار قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى، مەن تولىمۇ ھاياجانلاندىم» دېدى گۈلمىرە ھاياجانلانغان ھالدا.

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ كوماندىسى 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن ئۈچنى، 2 - دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن 13نى، 3 - دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن ئىككىنى قولغا كەلتۈرگەن. كۈچ سىنىشىش تىپىدىكى تۈرلەر، مەسىلەن، ئارقىچىلاپ ئارقان تارتىشىش، مىللىيچە چېلىشىش يەنىلا شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئۈستۈنلۈككە ئىگە تۈرى ھېسابلىنىدىكەن.

11 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ئەتىگەندە، مىللىيچە چېلىشىش مۇسابىقە تۈرى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىنى كۈتۈۋالىدۇ. «بىزنىڭ 14 تەنھەرىكەتچىمىز مۇسابىقىنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىق قىلىپ بولدى. ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىشەنچىمىز بار.» مىللىيچە چېلىشىش مۇسابىقە تۈرىنىڭ تىرېنېرى قەھرىمان داۋۇت مۇنداق تونۇشتۇردى: مىللىيچە چېلىشىش مۇسابىقىسىدە بەش كىچىك تۈر تەسىس قىلىنغان، تەنھەرىكەتچىلىرىمىز چېلىشىش، تۇتۇشۇش، مۇشتلىشىش، ئېلىشىشتىن ئىبارەت تۆت كىچىك تۈردىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ.

12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 11 - ئاينىڭ 30 - كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ، جەمئىي 18 مۇسابىقە تۈرى ۋە ئۈچ تۈرلۈك ئويۇن كۆرسىتىش تۈرى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئېچىلىش مۇراسىمى، يېپىلىش مۇراسىمى، مىللەتلەر بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش، مەشئەل يەتكۈزۈش، ئويۇن كۆرسىتىش تۈرلىرىنى مۇكاپاتلاش كېچىلىكى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۆزى تۇرۇشلۇق مېھمانخانىدا سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىپ، كۆپچىلىكنى كۈچلۈك بۇرچ، مەسئۇلىيەت، تولۇپ تاشقان روھىي ھالەت، ئاكتىپ ماھارەت كۆرسىتىش ھالىتى بىلەن پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، شىنجاڭ ساداسىنى يەتكۈزۈپ، شىنجاڭ ئوبرازىنى نامايان قىلىپ، تىرىشىپ مۇسابىقىدە ياخشى نەتىجە يارىتىش، ياخشى ئوبرازنى نامايان قىلىش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش نىشان - ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى.