تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش مۇھاكىمە قىلىندى، «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 2026 - يىللىق مۇھىم مەمۇرىي تەدبىر بەلگىلەش ئىش تۈرلىرى مۇندەرىجىسى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈش باھاسىنى باشقۇرۇش چارىسى <ئۆزگەرتىلگەن لايىھەسى>» قاتارلىقلار قاراپ چىقىلدى.
يىغىن ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونىدىكى نەنمېن، ئالتاي ۋىلايىتى بۇرچىن ناھىيەسىدىكى كونا پىرىستان كوچا رايونىنى ئاپتونوم رايوننىڭ تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونى قىلىپ تەسىس قىلىشنى مۇھاكىمە قىلدى ۋە ئۇنىڭغا قوشۇلدى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونى شەھەر - يېزىلارنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ياخشى تۇتۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى سۆزلىتىپ، تارىخنى سۆزلىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»ىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. تۈزۈم، مېخانىزم، سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش بىلەن شەھەر قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا، ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونلىرىنى قوغداش يىرىك پىلانىنى تۈزۈش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋە يولغا قويۇش، باشقۇرۇش خىزمىتىنى قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە ياخشى ئىشلەش كېرەك. شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشنى چۆرىدەپ، تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونلىرى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بەلگىسىنى تاۋلاپ، يەكۈنلەپ، يادرولۇق قىياپىتىنى ئۆزگەرتمەي ساقلاپ قېلىش ئالدىنقى شەرتىدە، مۇۋاپىق كەسىپ ھالىتىنى پائال كىرگۈزۈپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ياخشىلاپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى ۋە تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۈندىلىك چارلاپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونلىرىنى ئۈنۈملۈك قوغداش داۋامىدا يېڭى ھاياتىي كۈچى ۋە جۇشقۇنلۇقىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك.
يىغىندا «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 2026 - يىللىق مۇھىم مەمۇرىي تەدبىر بەلگىلەش ئىش تۈرلىرى مۇندەرىجىسى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: تەدبىر بەلگىلەش ئىشلىرىنى ئۈستىگە ئالغان ھەرقايسى ئورۇنلار مۇھىم مەمۇرىي تەدبىر بەلگىلەش تەرتىپىدىكى تەلەپلەرگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، قانۇنغا ئۇيغۇنلۇقلۇقىنى تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىشى كېرەك. ئامما قاتنىشىش ۋە مۇتەخەسسىسلەر دەلىللەشنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىدىكى رولىنى ھەقىقىي ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، خەلق رايىغا ھۆرمەت قىلىش، خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى توپلاش، خەلقنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى مەمۇرىي تەدبىر بەلگىلەشكە باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈشى كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇش ئۈنۈمىنى سىجىل ئىزلاپ باھالاپ، مۇھىم مەمۇرىي تەدبىرلەرنىڭ ئىلمىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشى، خەلققە بەخت يارىتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
يىغىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈش باھاسىنى باشقۇرۇش چارىسى <ئۆزگەرتىلگەن لايىھەسى>» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار قۇرۇلۇشنىڭ پۈتۈش باھاسىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قۇرۇلۇشنىڭ باھاسىنى ھېسابلاش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، قۇرۇلۇشنىڭ سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، تۈزۈمنىڭ قاتتىقلىقى ئارقىلىق قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. قۇرۇلۇشنىڭ پۈتۈش باھاسىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش شەكلىنى ئەلالاشتۇرۇپ، قۇرۇلۇشنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: قۇربان ھېيت يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، جەمئىيەت مۇقىملىقى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، يول قاتنىشى، ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھە، كەسىپلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى تۈرلۈك تەييارلىقلارنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. نۆۋەتچىلىك - دىجورنىلىق قىلىش ۋە ئۇچۇر يوللاشنى كۈچەيتىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىدىن ھال سوراش ۋە ئۇلارغا يار - يۆلەك بولۇشنى ياخشى ئىشلەپ، ياخشى بايرام كەيپىياتى يارىتىش كېرەك.
يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.