ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىش كېرەك
چېن شياۋجياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، يىغىندا شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۇنى ھەقىقىي تۈردە تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى ئىگىلەش، ئىقتىساد خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا قوللىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، تىرىشىپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش تەلەپ قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.
ئەركىن تۇنىياز، خې جۇڭيوۋ، جاڭ يىڭچۇن، يۈسۈپجان مەمەت پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى. زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، چېن مىڭگو، تيەن شياڭلى، ۋاڭ جيەنشىن، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ۋاڭ لىن، ۋاڭ گاڭ يازما سۆز تاپشۇردى.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كۆزىتىش، ئومۇملۇقنى كۆزلەش، ئەمەلىي ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى ۋە راۋاجلاندۇردى. شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنىڭ سىستېمىسى مۇكەممەل، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول، مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنلۇق بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئومۇملۇقىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار يۆنىلىش خاراكتېرلىك، تۈپ خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيە خاراكتېرلىك مۇھىم مەسىلىلەرگە چوڭقۇر جاۋاب بەردى، بۇ، پارتىيەمىز سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات يولى ئۈستىدە بوشاشماي ئىزدىنىپ شەكىللەندۈرگەن قىممەتلىك ئىدىيە جەۋھىرى بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى ئىلمىي يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى. بىز شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئايلاندۇرۇشقا سىجىل كۈچەپ، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى ۋە مول ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئىگىلەپ، ھەقىقىي تۈردە ئىلمىي نەزەرىيە ئارقىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشىمىز كېرەك.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىش كېرەك. دىققەتنى جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، مۇقىملىقنى تۇتۇش ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتىكى خىزمەتنى بىرتۇتاش پىلانلاش، بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىق ئارقىلىق تەرەققىياتقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، تەرەققىيات ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى چۆرىدەپ، كۆرگىلى، تۇتقىلى بولىدىغان خىزمەتلەر ۋە ئەمەلىي تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى «بەشنى قەلبتىن ئېتراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە يېتەكلەش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىدارى، ئاممىنىڭ ئارزۇسىنى چۆرىدەپ، مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى، كەسىپ ئاساسى ۋە مۇھىتنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارىغا قويۇپ، ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ قەلبلەرنى مۇجەسسەملەشتە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەش، مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى كۈچەپ ياخشى قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت «شاھمات كۆزى»نى گەۋدىلىك جانلاندۇرۇپ، مەركەزنىڭ قوللاش سىياسەتلىرىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، بايلىق ۋە كۈچنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭغا مايىللىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا ئەبەدىي ئەمىنلىككە تېخىمۇ پايدىلىق بولغان تۈپ خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات» بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات يىرىك پىلانى لايىھەسى ۋە ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيەنى قوغداش، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق جەھەتلەردە يۇغۇرۇلۇش سالمىقىنى زورايتىپ، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشتىكى قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، «رەقەمدىكى سىياسىي نەتىجە» «ساختا سىياسىي نەتىجە»نى قەتئىي تۈزىتىپ، تىرىشىپ ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا، ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رەھبىرىي كادىرلارنى ئەمەلىيەت داۋامىدا چېنىقتۇرۇش ۋە كەسپىي جەھەتتە مەشىقلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد خىزمىتىنى تۇتۇش ئىقتىدارى، قابىلىيىتىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، «15 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە قاتناشتى.