باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

2026-05-27 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرىۋاڭ شىڭرۇي،ليۇ يىخەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەنشى چاڭجى شەھىرىنىڭ چىنيۈەن ناھىيەسىدىكى بىر كۆمۈر كاندا يۈزبەرگەن گاز پارتلاش ھادىسىسى توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھادىسىدىن چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، «دائىم غېمىدە بولۇش»تىن ئىبارەت مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش كېرەك. كان بىخەتەرلىكى بويىچە تۈزەشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، تولۇق قاپلاش ۋە تور يېيىش شەكلىدە زور يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەر ۋە يوشۇرۇن ئاپەت پەيدا قىلىدىغان ئامىللارنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، يېپىق ھالقىسىمان تۈزەش ۋە تۈزىتىشكە تۈرتكە بولۇپ، قانۇن - بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارغا قارىتا قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، قاتتىق زەربە بېرىپ، كۈچلۈك چۆچۈتۈش شەكىللەندۈرۈپ، ماھىيەتلىك بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تورىنى زىچ توقۇپ، يول قاتنىشى، مەدەنىيەت - ساياھەت، خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملار، ئوت مۇداپىئەسى، بىناكارلىق - قۇرۇلۇش، ئاممىۋى بىخەتەرلىك قاتارلىق ساھەلەرنى چىڭ كۆزلەپ، باشقۇرۇشنى ھەر تەرەپلىمە، پۈتۈن زەنجىرلىك كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى ۋاقتىدا تۈگىتىپ، ھادىسە يۈزبېرىشنىڭ مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كېرەك. تەبىئىي ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا تۇتۇپ، يەر تەۋرەش، قىيان، ئورمان - ئوتلاق ئوت ئاپىتى قاتارلىق خەۋپ - خەتەرلەرگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، ئاساسىي قاتلامغا بىۋاسىتە ئالدىن سىگنال بېرىش بويىچە «ئىنكاس قايتۇرۇش» ۋە ئىزلاپ قايتما ئىنكاس قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش كۈچلىرىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇش، جىددىي تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ زاپاس ساقلاشنى كۈچەيتىپ، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى پۇختا زىممىگە ئېلىپ، بېسىمنى قاتلاممۇقاتلام يەتكۈزۈپ، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك؛ ھەرقايسى كەسپىي تارماقلار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئۈچنى باشقۇرۇشتا ئۈچ جەزمەن بولۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، «ئۆتۈشمە شەكىل»دىكى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك؛ ھەرقايسى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، بارلىق خادىملارنىڭ بىخەتەرلىك مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇپ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مۇستەھكەم مۇداپىئە لىنىيەسىنى پۇختىلىشى كېرەك.

يىغىندا مەركەزنىڭ كۆزىتىش قايتما ئىنكاس پىكرىگە ئاساسەن تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە دائىر تۈرلۈك ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى پۇختا زىممىگە ئېلىپ، نىشاننى ئۆزگەرتمەسلىك، ئۆلچەمنى تۆۋەنلەتمەسلىك، سالماقنى ئاجىزلاشتۇرماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، مەركەزلىك تۈزىتىش مەزگىلىدىكى نەتىجىلەرنى سىجىل مۇستەھكەملەپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېيىنكى تۈزىتىشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، تەرتىپلىك ياخشى تۇتۇپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا تۈزىتىش نەتىجىلىرىنى جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشتا گەۋدىلەندۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە گەۋدىلەندۈرۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشتا گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. قاتتىق ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، تۈزىتىش سۈپەت ئۆتكىلىنى قاتتىق ئىگىلەپ، «ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىش» پىسخىكىسى، بوشىشىپ كېتىش روھىي ھالىتىنى تۈگىتىپ، قەغەز يۈزىدە تۈزىتىش، ساختا تۈزىتىش، ئەپلەپ - سەپلەپ تۈزىتىشنى قەتئىي توسۇپ، تۈزىتىش ئۈنۈمىنىڭ ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تۈرگە ئايرىپ ئالغا سىلجىتىشنى كۈچەيتىپ، تۈزىتىلگەن مەسىلىلەرنى قەرەللىك «قايتا تەكشۈرۈپ»، ۋاقتىدا يوچۇقلارنى تەكشۈرۈپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، تۈزىتىش ئۈنۈمىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئۆستۈرۈش كېرەك؛ تېخى تاماملانمىغان تۈزىتىش ۋەزىپىسىگە چىڭ قادىلىپ بوشاشتۇرۇپ قويماي، ئاخىرغىچە چىڭ تۇتۇپ، مىخ قېقىش روھى ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك، ئۈزۈل - كېسىل تۈزىتىشنىڭ دەل جايىدا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نەتىجىلەردىن پايدىلىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشنى كۈندىلىك خىزمەتلەرگە سىڭدۈرۈپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا سىڭدۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشقا سىڭدۈرۈپ، رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا سىڭدۈرۈپ، «15 - بەش يىل»لىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پۇختا، كۈچلۈك بولغان تۈزىتىش ئۈنۈمى ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.