ئەركىن تۇنىياز سانجى ئوبلاستىدا مەركەز ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىشقا ئاساسەن تۈزىتىش خىزمىتىگە ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلدى
يۇقىرى سۈپەتلىك ئېكولوگىيە - مۇھىت ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولۇش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ماناس، 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ سانجى شەھىرى، قۇتۇبى ناھىيەسى، ماناس ناھىيەسىگە بېرىپ، مەركەز ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىشتا كۆرسىتىلگەن مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە نەق مەيداندا ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىش قىلىپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىپ مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئېكولوگىيە - مۇھىت ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولۇش كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز ئالاقىدار كارخانىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، نەق مەيداننى تەپسىلىي كۆزدىن كەچۈردى، ئالاقىدار مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، تۈزىتىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشقا ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلدى. ئۇ كارخانىلاردىن ئۆزىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كەسىپ سىياسىتى ۋە ئېنېرگىيە سەرپىياتى بويىچە مۇھىت قوغداش ئۆلچىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، قالاق قۇرۇلمىلارنى قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە قەتئىي شاللاپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىدە بايلىقنى ئايلاندۇرۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى ھەقىقىي تۆۋەنلىتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: سانجى ئوبلاستى پۈتۈن مۇساپىدە قاتتىق ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، كارخانىلارنىڭ تۈزىتىش لايىھەسىنى چىڭ تۇتۇپ تۈزۈشىگە، ئۈزۈل - كېسىل تۈزىتىشىگە، دەل جايىدا تۈزىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك. تەۋەلىكنىڭ مەسئۇلىيىتى، ساھەلەرنىڭ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى، كارخانىلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ ۋە پۇختىلاپ، مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاش ۋە ھەل قىلىشقا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز يىغىننى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، سانجى ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ نازارەت قىلىشقا ئاساسەن تۈزىتىش، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى، سانجى ئوبلاستىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ناھىيە، شەھەر، رايونلاردىكى مەسئۇل يولداشلار ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار بىلەن سۆھبەتلەشتى، پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: مەركەزنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىشى باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى پىلانلىغان، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلغان، ئۆزى تۈرتكە بولغان مۇھىم تۈزۈلمىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە زور ئىسلاھات تەدبىرى. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش يۈكسەكلىكىدىن نازارەت قىلىشقا ئاساسەن تۈزىتىشنى ياخشى ئىشلەشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. پوزىتسىيەنى توغرىلاپ، تىزىملىك بويىچە تولۇق قوبۇل قىلىپ، دەل جايىدا، ئىلمىي بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قانۇن بويىچە تۈزىتىپ، «بىر ئىشنى بىر قېتىمدىلا بېجىرىش» «بىر كارخانىغا بىر تەدبىر بولۇش» پىرىنسىپى بويىچە، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىش كېرەك. خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ ھەقىقىي ھېس قىلغانلىرىغا مۇناسىۋەتلىك «كىچىك مەسىلىلەر»نى ئېكولوگىيە - مۇھىت ساھەسىدىكى «چوڭ ئىش» سۈپىتىدە ئەمەلىي تۇتۇش، ياخشى ھەل قىلىش، «ئۆتكۈنچى شامال»دىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك. بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىر مەسىلىنى تۈزىتىش ئارقىلىق بىر تۈردىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، تۈزىتىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش كېرەك.
ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىش مەزگىلىدە، ئەركىن تۇنىياز شىنجاڭ نەيئېن ئائىلە توقۇلما بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى، ماناس ناھىيەسى پۇتيەن فېڭچېڭ خەلققە قولاي ساقچى ئىشلىرى پونكىتىغا كېلىپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ساقچى ئىشلىرىنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق كۈچەيتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ بىرتۇتاش ئالدىنى ئېلىپ ۋە تۈگىتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، تىنچ - ئىناق بولغان قۇربان ھېيت كەيپىياتى يارىتىش كېرەك. ۋاقىتنىڭ يېرىمى ئۆتكەندە ۋەزىپىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى تاماملاش نىشانىنى كۆزلەپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئىقتىساد چوڭ ئوبلاستى بولۇشتىن ئىبارەت «ئېغىر ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىش» مەسئۇلىيىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن زىممىگە ئېلىش كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ كۆزىتىش، ئىقتىسادىي تەپتىش، ئىستاتىستىكا قاتارلىقلار بويىچە قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەشنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ئەمەلىي ئىشلەش ئىستىلى ئارقىلىق «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.