دىڭ شۆشياڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى
ئەۋزەللىك ۋە خاسلىقنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېڭى قۇۋۋەتنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش كېرەك

6 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن 26 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دىڭ شۆشياڭ شىنجاڭ يېنىك سانائەت كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىدە مىللەتلەر رايونىنىڭ ئالىي مائارىپ تەرەققىياتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلماقتا. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ يې فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر خەن جيې) 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن 26 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، ئەۋزەللىك ۋە خاسلىقنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېڭى قۇۋۋەتنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
دىڭ شۆشياڭ جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (ئۈرۈمچى) يىغىلىش مەركىزىگە كېلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئاسىيا - ياۋروپا خەلقئارا تىرانسپورت يېڭى ئەندىزىسىنى يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا غايەت زور پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. كۆپ شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورتنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، رەقەملەشتۈرۈش ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش ئارقىلىق كۈچ قوشۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. قاتناش كۆلىمى ۋە تۇتىشىش دائىرىسىنى پۇختا قەدەمدە كېڭەيتىپ، تۈرلۈك يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، نۆۋەتچى پويىزنىڭ بىخەتەر، مۇقىم، راۋان يۈرۈشىنى ساقلاش كېرەك.
ياز پەسلىدىكى ئېنېرگىيە ئىشلىتىش يۇقىرى پەللىسى يېقىنلىشىپ قالدى، دىڭ شۆشياڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چوڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزىگە كىرىپ، ئېنېرگىيە تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىنچىكە ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ كۆمۈر، نېفىت - تەبىئىي گاز، شامال - يورۇقلۇق بايلىقى مول، ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش - تەمىنلەشنى ياخشى تۇتۇپ، ئورۇنلاشتۇرۇش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆز جايىنىڭ ئېنېرگىيە ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى ئۈنۈملۈك قاندۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يازدىكى ئېنېرگىيە يۇقىرى پەللە مەزگىلىدىن ئۆتۈشىگە كۈچلۈك تىرەك بولۇش كېرەك. مەملىكەتنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى ئېنېرگىيە تەرەققىياتى ۋە شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش يوللىرىنى ئىلمىي پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، پاكىز ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى راۋان يەتكۈزۈش، تولۇق پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. شىنجاڭ 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر گۇرۇھىدا نۇقتىلىق ساھەلەردە ئېنېرگىيە تېجەش، كاربوننى تۆۋەنلىتىشنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، دىڭ شۆشياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «قوش كاربون» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى، ئىلغار تېخنىكىلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە كېڭەيتىش سالمىقىنى زورايتىپ، كەسىپلەر تەرەققىياتىدا يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
دىڭ شۆشياڭ شىنجاڭ داشۆ، شىنجاڭ يېنىك سانائەت كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىگە بېرىپ، مىللەتلەر رايونىنىڭ ئالىي مائارىپ تەرەققىياتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ نېگىزى ئادەمدە، ئاچقۇچى مائارىپتا، دەپ كۆرسەتتى. قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن روھنى تاۋلاپ، ئادەم تەربىيەلەپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكىگە قويۇپ، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى يۇغۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى قوللاش كېرەك. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈپ چېگرانى مۇستەھكەملەشتىكى مۇھىم كۈچ، ئىشقا ئورۇنلىشىش تەربىيەسى ۋە يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنى شىنجاڭدا يىلتىز تارتىشقا، شىنجاڭغا تۆھپە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى باش تېمىسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا، دىڭ شۆشياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا ھەر تەرەپلىمە ئىلگىرىلەشلەرنى ۋە تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. شىنجاڭنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تىرىشىپ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.