ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىمىي يىغىن ئاچتى

2026-07-01 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسى ئۆگىنىلدى، ئۆزلەشتۈرۈلدى


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىلى ياڭخەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسى ئۆگىنىلدى، ئۆزلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش مۇھاكىمە قىلىندى، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <15 - بەش يىل>لىق خەلق ئىشلىرى تەرەققىيات يىرىك پىلانى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كارىزنى قوغداش نىزامى (ئۆزگەرتىلگەن لايىھە)» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ساياھەت ئائىلىۋى مېھمانخانىلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش نىزامى (لايىھە)» قاتارلىقلار قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش تەلىماتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم ئىجادىي تۆھپە قوشتى، بۇ، پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتا مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ۋە ئۇزاق يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىلمىي ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، ئەسلىي قانۇنىيەتنى ئۆزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما ياقتۇرىدىغان ئۇسۇللار ئارقىلىق كۆپ خىللاشقان تەشۋىقاتنى قانات يايدۇرۇپ، كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەقىقىي ئۆگىنىش، ھەقىقىي ئىشىنىش، ھەقىقىي قوللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش زامانىۋىلىشىشقا ئاتلىنىشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر قەدەم. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار دائىملىق دەل جايىدا يار - يۆلەك بولۇش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىش كۆرۈلمەسلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلىشى كېرەك. دائىملىق ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىش - ئۆلچەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈش، ئىلمىي باشقۇرۇش، كۆزىتىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كىرگۈزۈش، يار - يۆلەك بولۇشقا تېگىشلىكلىرىگە تولۇق يار - يۆلەك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يار - يۆلەك بولۇش كەسىپلىرىنىڭ دېھقانلار بىلەن ئالاقە باغلاش، دېھقانلارنى يېتەكلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسەت تەشۋىقاتى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمنى مۇقىم ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار ساھەلەردىكى تۈر، مەبلەغ، كىرېدىت باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىش، دەل جايىدا ئىشلىتىش، پاك ئىشلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <15 - بەش يىل>لىق خەلق ئىشلىرى تەرەققىيات يىرىك پىلانى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: ئومۇمىي مەنپەئەتدار، كۆپ خىل بولغان ياشانغانلارغا مۇلازىمەت قىلىش سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، قاتلامغا - تۈرگە ئايرىلغان ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، بالىلار پاراۋانلىقى خىزمىتىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، مېيىپلەر ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى ۋە ئۇلارغا كۆيۈنۈش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن خەلق ئىشلىرى تۆھپىسىنى قوشۇش كېرەك.

يىغىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كارىزنى قوغداش نىزامى(ئۆزگەرتىلگەن لايىھە)» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: ئۈنۈملۈك قوغداش، ئىلمىي باشقۇرۇش، بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇش، مۇۋاپىق پايدىلىنىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، كارىز ئەتراپىدىكى سۇ مەنبەسىنى قوغداش، قۇدۇق قېزىپ سۇ ئېلىش، قۇرۇلۇش قىلىش، ساياھەت تىجارىتى قاتارلىقلارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. يىغىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ساياھەت ئائىلىۋى مېھمانخانىلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش نىزامى (لايىھە)» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: ساياھەت ئائىلىۋى مېھمانخانا ئىجازىتىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، ئەنگە ئېلىپ باشقۇرۇش، كۈندىلىك مۇلازىمەت قاتارلىق خىزمەت تەرتىپلىرىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، ساياھەت ئائىلىۋى مېھمانخانىلىرىنى توپلاشتۇرۇش، خاسلاشتۇرۇش، ماركىلاشتۇرۇش، ئاقىللاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، «ئائىلىۋى مېھمانخانا +» يۇغۇرما تەرەققىيات ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش كېرەك.

يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ 2026 - يىلى ھۆكۈمەت ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇشقا كۆرسىتىلگەن نامزاتلار مۇھاكىمە قىلىندى ۋە ماقۇللاندى، ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: مۇلازىمەت كاپالىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياخشى مۇھىت يارىتىپ، تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىپ، ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.