شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، «بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باھالاش - تەكشۈرۈش چارىسى»گە ئاساسەن، مەركەز بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باھالاش - تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ 10 - گۇرۇپپىسى 6 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىن 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنىگىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قارىتا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باھالاش - تەكشۈرۈش بويىچە ئاشكارا تەكشۈرۈپ يوشۇرۇن زىيارەت قىلىشنى قانات يايدۇردى. يېقىندا، باھالاش - تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ 10 - گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونغا ئاشكارا تەكشۈرۈپ يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش ئەھۋالىنى قايتما ئىنكاس قىلدى. باھالاش - تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ باۋئېن ئاشكارا تەكشۈرۈپ يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ ئىپادە بىلدۈرۈپ سۆز قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى.
ۋاڭ باۋئېن مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، جايلاردىكى پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دەرىجىمۇدەرىجە تۇتۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتلاممۇقاتلام تۇتۇپ، تۈزەش ئەندىزىسىنى ئىشتىن بۇرۇن ئالدىنى ئېلىش تىپىغا ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ماھىيەتتىن تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن زور بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولدى. بۇ قېتىم ئاشكارا تەكشۈرۈپ يوشۇرۇن زىيارەت قىلىشتا، ئاپتونوم رايوندا كارخانىلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش دەل جايىدا بولماسلىق، قىسمەن كەسىپ تارماقلىرىنىڭ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىدە پەرق بولۇش، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىپ يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش سالمىقى يېتەرلىك بولماسلىق، نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەردە بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرى گەۋدىلىك بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ساقلانغانلىقى بايقالدى، ھازىر بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ.
ۋاڭ باۋئېن مۇنداق تەكىتلىدى: بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى پۇختىلاشنى چىڭ كۆزلەپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىپ بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىدىيەۋى تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىش قىلىپ گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قىزىل سىزىقىنى چىڭ ساقلاش كېرەك؛ ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار، ھەرقايسى كارخانىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ ۋە پۇختىلاپ، بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك؛ سىجىل، دەل جايىدا كۈچەپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە ماھىيەتتىن تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، سۈنئىي ئامىللىق «ئاجىز نۇقتا»نى ھەل قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، كارخانىلارنىڭ بىخەتەرلىك باشقۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش پەن - تېخنىكا تىرىكىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ دىققەتنى زور خەۋپ - خەتەرنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى قاتتىق تۇتۇش، ساختىپەزلىك قىلىش قىلمىشىغا قاتتىق زەربە بېرىش، پاش قىلىش يىپ ئۇچىنى قاتتىق، ئەمەلىي تەكشۈرۈش، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىپ تۈزىتىشنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش قاتارلىق جەھەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، خىزمەت سالمىقىنى كۈچەپ زورايتىش كېرەك؛ قاتتىق بولۇش تەلىپىدە چىڭ تۇرۇپ، قانۇننى ياندۇرۇپ تەكشۈرۈشنى چىڭىتىپ، ھەمكارلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىستىل - چىرىكلىكنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.
ۋاڭ باۋئېن مۇنداق كۆرسەتتى: جايلاردىكى پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئۆز رايونىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىدىكى 1 - جاۋابكار، شۇنداقلا مەسىلە يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈزىتىشتىكى 1 - جاۋابكار. ھەقىقىي تۈردە سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، ئاشكارا تەكشۈرۈپ يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش بويىچە قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلە يوشۇرۇن خەۋپلىرىنى تۈزىتىشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، قانۇن - بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارغا قارىتا مەسئۇلىيەت، جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ ھەم قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە جازا ئىجرا قىلىشنى جىپسىلاشتۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، مەسئۇلىيەت، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا قايتما ئىنكاس قىلىپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - توسۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق بىلدۈردى: مەركەز بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باھالاش - تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئاشكارا تەكشۈرۈپ يوشۇرۇن زىيارەت قىلىشنى قانات يايدۇرۇشى شىنجاڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە بولغان بىر قېتىملىق چوڭقۇر سالامەتلىك تەكشۈرۈش ۋە كۈچلۈك يېتەكچىلىك. بىز تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى كۆرسەتكەن مەسىلىلەرگە قارىتا، بىرمۇبىر سېلىشتۇرۇپ تۈزىتىش لايىھەسى تۈزۈپ، پۈتۈن جەريانلىق يېپىق ھالقىلىق مېخانىزم ئورنىتىپ، ۋەزىپىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ۋاقىت چېكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، نىشانلىق جەڭ قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك، ئۈزۈل - كېسىل تۈزىتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەرلىك بويىچە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ماھىيەتلىك بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى سىستېمىلىق ئۆستۈرىمىز. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىخەتەر تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «پارتىيە كومىتېتى بىلەن ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش، بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەت بولۇش، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇش، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش» ۋە «ئۈچنى باشقۇرۇش، ئۈچنى جەزمەن قىلىش»تا چىڭ تۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەر ۋە ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى زور ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى ئومۇميۈزلۈك بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈگىتىپ، كان بىخەتەرلىكىدىكى يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەر بويىچە كەڭ كۆلەمدە بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، كەڭ كۆلەمدە تۈزەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرى يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ۋە جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغدىشى كېرەك. «قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا زەربە بېرىش ۋە قانۇنسىز قىلمىشلارنى تۈزەش»نىڭ يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، جازا ئىجرا قىلىشنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش، چىرىكلىشىش مەسىلىلىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەكشۈرۈپ، تەڭ قەدەمدە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلارنى جەزمەن سۈرۈشتۈرۈش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشتە جەزمەن قاتتىق بولۇش، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى جەزمەن سۈرۈشتۈرۈش كۈچلۈك سىگنالىنى سىجىل قويۇپ بېرىپ، كۈچلۈك چۆچۈتۈش شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
باھالاش - تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى نەق مەيداندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە زور ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ مەسئۇلىيىتى، جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى بېجىرىشكە تاپشۇرۇش تىزىملىكىنى ئۆتكۈزۈپ بەردى. مەخسۇس تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەكشۈرۈپ بايقىغان پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ مەسىلىلىرىگە چېتىلىدىغان يىپ ئۇچى كادىرلارنى باشقۇرۇش ھوقۇق چېكى بويىچە ئالاقىدار ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.
يۈسۈپجان مەمەت، قادېن كەبىن، مەركەز بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باھالاش - تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى 10 - گۇرۇپپىسىنىڭ ئالاقىدار ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىغا ئالاقىدار ئەزا ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.