ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسى ۋە مەملىكەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە قىلىندى
چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 6 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسى ۋە مەملىكەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى پەيتىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، ھازىرقى زامان جۇڭگو ماركسىزمى، 21 - ئەسىر ماركسىزمىنى بېيىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى نەزەرىيە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسى مول ۋە چوڭقۇر، ماھىيەتلىك مەزمۇنغا باي، ئىدىيەۋىلىكى چوڭقۇر، سىستېمىسى پۇختا، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە شەكىللەنگەن ئىلمىي نەزەرىيە بولۇپ، ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش تەلىماتىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشنى تۈپ قوللانما ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى. شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىدىكى «14 تە چىڭ تۇرۇش»نىڭ ئىلمىي ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئەڭ ئالىي پىرىنسىپى، ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنى، قىممەت ئىنتىلىشى، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئۇسۇلى ۋە يولىنى پۇختا ئىگىلەپ، سىياسىي جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ئىدىيە جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، نەزەرىيە جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ھېسسىيات جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇپ، ئۆگىنىش، تەربىيەلەشكە كۈچ سەرپ قىلىشقا كۈچەپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، قانۇنىيىتىنى ئۆزلەشتۈرۈشكە تەشكىللەپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. تەشۋىق قىلىش، لېكسىيە سۆزلەش ۋە نەزەرىيە جەھەتتىن بايان قىلىپ چۈشەندۈرۈشنى ھەرىكەتتە نامايان قىلىپ، تەشۋىق قىلىش، خەۋەر قىلىشنى ھەر تەرەپلىمە، كۆپ نۇقتىدىن ياخشى ئىشلەپ، سىستېمىلىق، ئىلمىي تەتقىق قىلىش ۋە بايان قىلىپ چۈشەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنىڭ قەلبلەردىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئايلاندۇرۇشتا ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى ئاڭلىق تەتبىقلاپ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى پىلانلاپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەندۇڭ دېجوۋدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى بەرپا قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، كەڭ دېھقانلار ئاممىسىنى ئەمگىكى ۋە ئەقىل - پاراسىتى ئارقىلىق تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشقا يېتەكلەش كېرەك. ئاشلىق بىخەتەرلىكى جەھەتتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى پۇختا زىممىگە ئېلىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا دائىر تۈرلۈك قوللاش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يازنىڭ ئۈچ ئىشى» ئىشلەپچىقىرىشىنى ياخشى تۇتۇپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش تېخنىكىسىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە سۈپىتى، ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، پۈتۈن يىلدا يېزا ئىگىلىكىدىن مول ھوسۇل ئېلىشقا ئاساس سېلىش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئەۋزەل كەسىپلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھەلەردىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئىناق - گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خىزمەتكار بولۇش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پۇقرالار ئۈچۈن كۆپرەك ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش، كۆپرەك ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، قىيىن ئىشلارنى كۆپرەك ھەل قىلىپ بېرىشكە يېتەكلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىم ھەمكارلىقى خىزمىتىنى دائىملىق ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، شەرقىي، ئوتتۇرا قىسىمدىكى كەسىپلەرنىڭ يۆتكىلىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، فۇجيەن - نىڭشيا ھەمكارلىقى قاتارلىق پايدىلىق تەجرىبىلەرنى ئۆگىنىپ ۋە ئۇنىڭدىن ئۆرنەك ئېلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە شەرقىي، ئوتتۇرا قىسىم رايونلار بىلەن بولغان كەسىپلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش، خادىملار ھەمتۈرتكە بولۇش، تېخنىكىنى ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش، ئىستىلدا ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەۋزەل كەسىپلەرنى ماسلاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، قوش يۆنىلىشلىك كۈچ قوشۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. رايون ئىچىدىكى دائىملىق ماسلىشىپ يار - يۆلەك بولۇشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىش كۆرۈلمەسلىك تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاش كېرەك، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، رايونلار تەرەققىياتىنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك.
يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.