چاغانتوقاي ناھىيەلىك چارۋىچىلىق دوختۇرخانىسى ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ سابىق كاندىدات مۇدىر ۋىراچى
ئوقاس سۈلەيمەن شەرەپ بىلەن «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشتى

سۈرەتتە: «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچى ئوقاس سۈلەيمەن. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى خې فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رايىدە خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەرگە ئوردېن بەردى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «1 - ئىيۇل ئوردېنى»نى ئىككىنچى قېتىم بېرىشى بولۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان جەمئىي سەككىز نەپەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى بۇ شان - شەرەپكە ئېرىشتى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە چاغانتوقاي ناھىيەلىك چارۋىچىلىق دوختۇرخانىسى ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ سابىق كاندىدات مۇدىر ۋىراچى ئوقاس سۈلەيمەن بار.
1955 - يىلى 12 - ئايدا، ئوقاس سۈلەيمەن چاغانتوقاي ناھىيەسىنىڭ ئالتۇن ئېمىل يېزىسى بەيىبشە كەنتىدە بىر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1975 - يىلى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك سەھىيە مەكتىپىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇ ناھىيە بازىرىدا قېلىپ خىزمەت قىلىش پۇرسىتىدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ۋاز كېچىپ، چاغانتوقاي ناھىيەلىك چارۋىچىلىق دوختۇرخانىسى چارۋىچىلىق رايونىدا تەسىس قىلغان داۋالاش نۇقتىسىدا خىزمەت قىلىشنى تاللىدى. چارۋىچىلىق رايونىنىڭ دائىرىسى نەچچە يۈز چاقىرىم كېلىدىغان بولۇپ، چارۋىچىلار سۇ، ئوتلاق قوغلىشىپ ئولتۇراقلاشقانىدى، ئۇ ئاتقا مىنىپ، دورا ساندۇقىنى يۈدۈپ چارۋىچىلار نەدە بولسا شۇ يەرگە باردى، قىش پەسلىدە نۆلدىن تۆۋەن 40 سېلسىيە گىرادۇسلۇق قاتتىق سوغۇققا قارىمىدى، ياز پەسلىدە توپ - توپ پاشىلارنىڭ چېقىشىغا بەرداشلىق بەردى، قەدەم ئىزلىرى چارۋىچىلىق رايونىدىكى ھەربىر كىگىز ئۆيگىچە يېتىپ باردى. ئىش ئورنىدا دوختۇرلۇق قىلغان مەزگىلدە، ئۇ جەمئىي 200 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق يولنى بېسىپ سەييارە كېسەل كۆرۈپ، 100 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ھەر مىللەتتىن بولغان ئاغرىقلارنى دىياگنوز قويۇپ قۇتقۇزدى - داۋالىدى، مىڭدىن ئارتۇق خەتەرلىك، ئېغىر ئاغرىقنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتقۇزدى. ئۇ ئۆز قولى بىلەن 3200دىن ئارتۇق بالىنى دۇنياغا كۆز ئاچقۇزدى، چارۋىچىلار ئۇنى يېقىملىق ھالدا «كىندىك دادا» دەپ ئاتىدى.
2015 - يىلى، پېنسىيەگە چىققان ئوقاس سۈلەيمەن يەنىلا بىكار تۇرمىدى، ئاغرىقلارنى كۆڭلىدىن چىقارمىدى، ئۇ «ئوقاس ساغلاملىق مۇلازىمەت ئۆيى» قۇرۇپ، ھەر ھەپتىدە ئاز دېگەندە ئۈچ كۈن مەھەللىدە خالىس كېسەل كۆرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، سەييارە خالىس كېسەل كۆرۈشنى مۇقىم بازىغا ئىگە قىلدى، 10 يىلدا جەمئىي ئاممىنىڭ كېسىلىنى 65 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق كۆردى. 2021 - يىلى، ئۇ يەنە ئۆز ھويلىسىنى تەشۋىق - تەربىيە بازىسىغا ئۆزگەرتىپ، چېگرا رايوننىڭ داۋالاش - ساقلىق ساقلاش ئىشلىرىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەر ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرىنى سۆزلىدى.
2023 - يىلى، ئوقاس سۈلەيمەن «ئوقاس ساغلاملىق بويىچە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سەپىرى» پىدائىيلار مۇلازىمىتى تۈرىنى يولغا قويدى، ئۇنىڭ تەسىرىدە، پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئەترىتىدىكىلەر تەرەققىي قىلىپ 350 كىشىگە يېتىپ، ساغلاملىق بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش، ئاھالىلەرنىڭ كېسىلىنى كۆرۈش قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا 15 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق مۇلازىمەت قىلدى. ئۇ يەنە يالغۇز تۇرىدىغان 100 ياشانغان كىشىنىڭ ئۆيىگە جىددىي چاقىرىش قۇرۇلمىسى ئورنىتىپ بېرىشنى ماسلاشتۇرۇپ، ياشانغانلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ قوغداشنى ئىشقا ئاشۇردى.
«مەن بىر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى، بىر ئاددىي دوختۇر، بىر ئۆمۈر قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلدىم. چارۋىچىلىق رايونى ئادەمگە ئېھتىياجلىق، شۇڭا مەن باردىم؛ ئاغرىقلار ئۇ يەردە ساقلاپ تۇرىدۇ، شۇڭا مەن باردىم. مانا مۇشۇنداق ئاددىي.» ئوقاس سۈلەيمەن مۇنداق دېدى: «ھازىر پۇتۇم ئاغرىيدۇ، لېكىن ماڭالىساملا بارىمەن، چۈنكى چارۋىچىلار ماڭا ئېھتىياجلىق.»