​ھەمكارلىق ساھەسىنى كېڭەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك

2026-06-29 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئەركىن تۇنىياز بىر قىسىم مەركەز كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن خىزمەت سۆھبىتى ئۆتكۈزدى

ھەمكارلىق ساھەسىنى كېڭەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىلى ياڭخەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە بىر قىسىم مەركەز كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن خىزمەت سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەركەز كارخانىلىرى بىلەن يەرلىكنىڭ ھەمكارلىق ساھەسىنى كېڭەيتىش، چوڭ - چوڭ تۈرلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇش، مەركەز كارخانىلىرى بىلەن يەرلىكنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە غەمخورلۇقىدا، شىنجاڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى چۆرىدەپ، «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. كەڭ مەركەز كارخانىلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى قەلبىگە پۈكۈپ، شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، زامانىۋى كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، ئېكولوگىيەنى قوغداش - ئەسلىگە كەلتۈرۈش، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش قاتارلىق ساھەلەردە، ئومۇمىي خاراكتېرلىك، يېتەكلەش خاراكتېرلىك، بەلگە خاراكتېرلىك بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ تۈرلەرنى يولغا قويۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، بۇ بىزنىڭ خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىزدىكى ئەڭ زور ئىشەنچىمىز. شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات سىياسىتى، جۇغراپىيەلىك رايون ئورنى، بايلىق ئۈستۈنلۈكى قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرى گەۋدىلىك بولۇپ، «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاش، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە مەركەز كارخانىلىرى بىلەن بولغان ئۆزئارا تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك، ھەمكارلىق بوشلۇقى چوڭ. مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ئۆز تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانى بىلەن بولغان بىرىكىش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، تۈر ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە سېلىنما سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، نۇقتىلىق تۈرلەردە بالدۇر ئىش باشلاش، بالدۇر پۈتتۈرۈش، بالدۇر ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شىنجاڭدىكى ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئۆز جايىدا پىششىقلاش، ئايلاندۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، نېفىت - تەبىئىي گاز ئايرىش، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، مۇھىم قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش، يېڭى ئېنېرگىيە جابدۇق ياسىمىچىلىقى، يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق ھىدروگېن ئېلىش، ئېنېرگىيە ساقلاش، ھېسابلاش ئىقتىدارى بىلەن ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى ماسلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە تېخىمۇ كۆپ نۇقتىلىق تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېڭى ئېشىش قۇتۇپىنى بەرپا قىلىش كېرەك. شىنجاڭدىكى پورت توپى، ئېچىۋېتىش سۇپىسىغا تايىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپا بازارلىرىغا يۈزلەنگەن كۆپ مىقدارلىق تاۋار، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىقلارنى ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىش چوڭ يولىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت «شاھمات كۆزى»نى جانلاندۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈر ئورۇنلاشتۇرمىسى، كەسىپ سېلىنمىسىنى جەنۇبىي شىنجاڭغا تېخىمۇ كۆپ مايىللاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇش كېرەك. بىز تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللايمىز.

يىغىندا، جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى دەي خوۋلياڭ، جۇڭگو دېڭىز - ئوكيان نېفىت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى خۇاڭ يۇڭجاڭ، دۆلەت ئېلېكتىر تورى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جاڭ جىگاڭ، جۇڭگو خۇانېڭ گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى ۋېن شۇگاڭ، جۇڭگو داتاڭ گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى لۈ جۈن، جۇڭگو خۇاديەن گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى يې شياڭدۇڭ، دۆلەت ئېلېكتىر ئېنېرگىيە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى شۈ شۇبياۋ، سەنشيا گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى ليۇ ۋېيپىڭ، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى زوۋ لېي سۆز قىلىپ، شىنجاڭ بىلەن بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

جاڭ يىڭچۇن، يۈسۈپجان مەمەت قاتناشتى.