«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ
پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ 2 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا قىلىنغان سۆز
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 18 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ 2 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا قىلىنغان سۆز» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.
ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: ئومۇمىي يىغىندا ماقۇللانغان «قارار»دا ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەجرىبىلىرى خۇلاسىلىنىپ ۋە قوللىنىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى تەلەپلەر چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئەقىل - پاراسىتى مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ئىلمىي پىلانلاندى، بۇ، يېڭى مۇساپىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. بىرىنچى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باش تېمىسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئىگىلەش كېرەك. يېڭى مۇساپىدە، بىز نېمىگە تايىنىپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەيمىز؟ بۇنىڭدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تايىنىش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى جەزمەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ باش تېمىنى زىچ چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم پىرىنسىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئىگىلەش كېرەك. «قارار»دا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك «ئالتىدە چىڭ تۇرۇش» پىرىنسىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلەرنىڭ ئىلمىي يەكۈنى، پارتىيەمىزنىڭ ئىسلاھاتقا بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقىنىڭ زور نەتىجىسى بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئىلمىيلىكى، ئالدىن كۆرەرلىكى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۈچىنچى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىرلەرنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئىگىلەش كېرەك. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار بۇ مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئىستراتېگىيە ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ تونۇپ ۋە ئىگىلەپ، ئىسلاھات مەقسىتىنى ياخشى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات يۆنىلىشىنى توغرا ئىگىلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. تۆتىنچى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئىگىلەش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى جەزمەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە ئېلىپ بېرىپ، ئىسلاھاتنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى بويلاپ ئىلگىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: «قارار»دىكى ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇش كېرەك. بىرىنچى، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ - ماسلاشتۇرۇپ، ئىسلاھات ۋەزىپەنامىسى، ۋاقىت جەدۋىلى، ئالدىن يولغا قويۇش تەرتىپىنى ئىلمىي تۈزۈپ، تۈرلۈك ئىسلاھاتنى يولغا قويۇشتىكى ئاساسىي گەۋدە ۋە مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى، ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئاۋۋال يېڭىنى تۇرغۇزۇپ، ئاندىن كونىنى قالدۇرۇش، يېڭىنى تۇرغۇزمىغۇچە كونىنى قالدۇرماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتىسىنى توغرا ئىگىلەپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئىلگىرى - كېيىنلىك تەرتىپى، رىتىمى ۋە پەيتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ماسلاشتۇرۇش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات يۆنىلىشىنىڭ بىردەكلىكىنى كۈچەيتىپ، تار مەھكىمىچىلىكنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، خىزمەتنىڭ ئىزچىللىقىنى ساقلاش كېرەك. ئۈچىنچى، ئىزدىنىش، يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن پىرىنسىپ، ئايدىڭلاشتۇرغان تەدبىر، ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلەرنى كەم - كوتسىز ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆزى دۇچ كەلگەن ئاساسىي زىددىيەت ۋە زىددىيەتنىڭ ئاساسلىق تەرىپىنى توغرا تېپىپ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان كونكرېت ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى تۈزۈشى كېرەك. يېڭى ساھە، يېڭى ئەمەلىيەت داۋامىدا يولۇققان يېڭى مەسىلىلەردە ئاساسىي قاتلام ۋە ئاممىنىڭ تۇنجى ئىجادكارلىق روھىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك. تۆتىنچى، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشنى كۆزلەش كېرەك. مەسئۇلىيەت ئېنىق، زەنجىر مۇكەممەل، ھەممە ھالقىلار بىر - بىرىگە باغلانغان ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات لايىھەسىنى لايىھەلەشتىن تارتىپ ئىسلاھاتنى تەشكىللەپ يولغا قويۇشقىچە ھەممىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشقا پايدىلىق قىلىش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا پايدىلىق قىلىش، ھۆججەت تۈزۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ھۆججەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە سەل قاراش قاتارلىق ناچار خاھىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: كېيىنكى يېرىم يىللىق خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. بىرىنچى، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات نىشانىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ماكرولۇق سىياسەتنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىچكى ئېھتىياجنى پائال كېڭەيتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، تاشقى سودا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى تېز يېتىلدۈرۈپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش كېرەك. ئىككىنچى، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاش كېرەك. نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشكە دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەبىئىي ئاپەت، بولۇپمۇ كەلكۈن ئاپىتىنى كۆزىتىش - ئۆلچەش، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەت بىخەتەرلىكى خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تورىنى زىچ توقۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك. تاشقى خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسقا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن پايدىلىق تاشقى مۇھىت يارىتىش كېرەك. ئۈچىنچى، «بەش يىللىق يىرىك پىلان»نى خۇلاسىلەش، باھالاش ۋە پىلانلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى خۇلاسىلەپ، باھالاپ، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق پىلانلاش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش كېرەك. تۆتىنچى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى ياخشى تۇتۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىستىلنى ياخشىلاپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن ئىبارەت جاھىل كېسەلنى تۈگىتىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.