«ئارمىيەنىڭ ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قوغداش نىزامى» ئېلان قىلىندى

2024-09-10 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بۇيرۇق ئىمزالىدى

«ئارمىيەنىڭ ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قوغداش نىزامى» ئېلان قىلىندى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى تېلېگراممىسىمەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا بۇيرۇق ئىمزالىدى، «ئارمىيەنىڭ ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قوغداش نىزامى» ئېلان قىلىندى. 2024 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

«نىزام»دا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇھاپىزەتنى ئاساس قىلىش، تۈزەش بىلەن باشقۇرۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، بارلىق خادىم تولۇق قاتنىشىش، ئارمىيە بىلەن يەرلىك ھەمكارلىشىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى قايتا يارىتىپ، خىزمەت تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئايلىنىش مېخانىزمىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، يېشىل گازارمىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

«نىزام» جەمئىي ئالتە باب، 50 ماددا، ئىدىيەۋى يېتەكچىلىك گەۋدىلەندۈرۈلگەن، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇلغان، سىستېما لايىھەسىگە ئەھمىيەت بېرىلگەن بولۇپ، ئارمىيەنىڭ ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قوغداشتىكى نىشانى ۋە ۋەزىپىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، دۆلەتنىڭ سىياسەت، قانۇن ـ نىزاملىرىغا جىپسىلاشتۇرۇلدى، مۇھىت تەسىرىنى باھالاش بويىچە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋاقىت چېكى، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھوقۇق چېكى ھەمدە مۇھىت تەسىرىنى باھالاش كۈچى قاتارلىق ئىشلار تەڭشەلدى، ھەربىي پائالىيەت، ھەربىي ئەسلىھە، ھەربىي قورال ـ جابدۇق قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قوغداش تەلىپى ئىنچىكىلەشتۈرۈلۈپ، قىسىمنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى شەكىللەندۈرۈش ۋە ئۆستۈرۈشكە كۈچ قوشۇلۇپ، ئېكولوگىيە ـ مۇھىت ئۈنۈمىنىڭ ھەربىي ئۈنۈم بىلەن ماس، بىردەك بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەندى.