شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 6 ـ قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ مۇنداق تەكىتلىدى
ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، راستچىل ـ ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇش كېرەك
لى چياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى قاتناشتى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 8 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 6 ـ قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش يېڭى دەۋردىن بۇيانقى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئاساسىدا ئالغا سىلجىتىلىدۇ، پۇختا ئاساس ۋە پايدىلىق شارائىت ھازىرلاندى. ھازىر بار بولغان ئىسلاھات نەتىجىلىرى ۋە مۇھىم تەجرىبىلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، راستچىل ـ ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇش كېرەك.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى چياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى يىغىنغا قاتناشتى.
يىغىندا «مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ <قارارى>دىكى مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇشتىكى ئىش تەقسىمات لايىھەسى»، «ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر» قاتارلىق ھۆججەتلەر قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، 300 تۈردىن ئارتۇق مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرى بېكىتىلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتقا بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك. ئىسلاھاتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتىسى ۋە ئالدىنقى يۆنىلىشىنى توغرا ئىگىلەپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئىلگىرى ـ كېيىنلىك تەرتىپى، رىتىمى ۋە پەيتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. ئىسلاھاتنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى بىلەن تېخىمۇ زىچ بىرلەشتۈرۈپ، بەلگە خاراكتېرلىك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ تېز ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىسلاھاتنى سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات سىياسەتلىرىنىڭ يۆنىلىشىنىڭ بىردەكلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن باھالاپ، ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتنىڭ بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇھىم مەسىلىلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەرقايسى باشلامچى ئورۇنلار ۋە قاتناشقۇچى ئورۇنلار مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، مۇھىم ئىسلاھاتلارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، دەلىللەشنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتنى تەشكىللەپ يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈشى كېرەك. ئىسلاھاتنى نازارەت قىلىش، باھالاش، ئۈنۈمىنى سۈرۈشتۈرۈش، كۆزىتىش، تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي نەتىجە، ئەمەلىي ئۈنۈم ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى ئارقىلىق ئىسلاھاتنى تەكشۈرۈشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ تەسىس قىلغان 22 ئەركىن سودا سىناق رايونى بەلگە خاراكتېرلىك، يېتەكچى خاراكتېرلىك زور بىر تۈركۈم تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى يارىتىپ، ئىسلاھات ـ ئېچىۋېتىشنىڭ ئۇنىۋېرسال سىناق سۇپىسىلىق رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇردى. پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەركىن سودا سىناق رايونلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش تېخىمۇ كەڭ ساھە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامدا ئىزدىنىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئەركىن سودا سىناق رايونلىرىنىڭ تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىش سەۋىيەسى، سىستېمىلىق ئىسلاھ قىلىش ئۈنۈمى، ئوچۇق ئىقتىساد سۈپىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۆسۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى يېتەكچى، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى يادرو قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناق قىلىشقا ئىلھام بېرىپ، ئىجادىي خاراكتېرلىك، توپلاشتۇرۇش شەكلىدىكى ئىزدىنىشنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىدە يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، تاشقى سودىنىڭ ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سودا، سېلىنما، مەبلەغنىڭ يۆتكىلىشى، قاتناش ـ تىرانسپورت، خادىملار ئالاقىسىنىڭ ئەركىن، قولاي بولۇشى ۋە سانلىق مەلۇماتلارنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك يۆتكىلىشى مۇھىم نۇقتا قىلىنغان سىياسەت سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، قائىدە، تۈزۈم، باشقۇرۇش، ئۆلچەم قاتارلىق تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىپ، خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.