يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسى قانۇنى، ئىستاتىستىكا قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى پەيتىدە دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامى بېرىش توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى خەن جۈننى يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرىلىقىغا تەيىنلەش قارار قىلىندى
شى جىنپىڭ رەئىس بۇيرۇقى ئىمزالىدى
جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11 - يىغىنى 9 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى. يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسى قانۇنى، ئىستاتىستىكا قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى پەيتىدە دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامى بېرىش توغرىسىدىكى قارارى ماقۇللاندى؛ تاڭ رېنجيەننى يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش، خەن جۈننى يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرىلىقىغا تەيىنلەش قارار قىلىندى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا 30 -، 31 -، 32 -، 33 - نومۇرلۇق رەئىس بۇيرۇقى ئىمزالىدى. كومىتېت باشلىقى جاۋ لېجى يېپىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن 164 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، قاتناشقانلار سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.
يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى تەدرىجىي كېچىكتۈرۈشنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.
يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «1993 - يىلى 1 - ئاينىڭ 14 - كۈنى ئىمزالانغان <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ ۋە جىنايى ئىشلار بويىچە قانۇن يۈرگۈزۈش ھەمكارلىقى شەرتنامىسى>گە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى كېلىشىمنامە»نى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارارى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئۇرۇگۋاي شەرقىي قىرغاق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار بويىچە قانۇن يۈرگۈزۈش ھەمكارلىقى شەرتنامىسى»نى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارارى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ۋىيېتنام سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ جازا ھۆكۈم قىلىنغانلارنى باشقۇرۇشقا ئۆتكۈزۈپ بېرىش توغرىسىدىكى شەرتنامىسى»نى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.
يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەر سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.
يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى سايلام كومىتېتى ئەزالىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەشنى تەستىقلاش ئىسىملىكى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.
يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، جىڭ جۈنخەي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت، سەھىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىقىغا تەيىنلەندى.
يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، چېن گوچىڭ ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش تەپتىشلىك، تەپتىش كومىتېتىنىڭ ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى.
يىغىندا يەنە ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ۋەزىپىدىن قالدۇرۇشقا ئالاقىدار باشقا لايىھە ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن لى خۇڭجۇڭ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، شياۋ جيې، جېڭ جيەنباڭ، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، خې ۋېي، ۋۇ ۋېيخۇا، تيې نىڭ، پېڭ چىڭخۇا، جاڭ چىڭۋېي، لوساڭ جياڭسۈن، شۆھرەت زاكىر، باش كاتىپ ليۇ چى يىغىنغا قاتناشتى.
گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ گوجۇڭ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ جۈن، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى يىڭ يۇڭ، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىدىكى مەسئۇل يولداشلار، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىدىكى بىر قىسىم ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بىر قىسىم ۋەكىللىرى، ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.
يېپىلىش يىغىنىدىن كېيىن، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 12 - قېتىملىق مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە ئۆتكۈزدى، كومىتېت باشلىقى جاۋ لېجى رىياسەتچىلىك قىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرى مۇ خۇڭ «پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، <قارار>دا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پۇختا تۈرتكە بولايلى» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى.