شى جىنپىڭ چاۋشيەننىڭ دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 76 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى جىن جېڭئېنغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2024-09-11 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چاۋشيەننىڭ دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 76 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى جىن جېڭئېنغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 76 يىلدىن بۇيان، چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، چاۋشيەن خەلقى بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يولداش باش شۇجى چاۋشيەن پارتىيەسى ۋە خەلقىنى يېتەكلەپ، چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ 8 - قۇرۇلتىيى ۋە ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قۇرۇلۇش ۋە تەرەققىياتتا بىر قاتار نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئىشىنىمەنكى، يولداش باش شۇجى باشچىلىقىدىكى چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، چاۋشيەن خەلقى چوقۇم چاۋشيەنچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش مۇساپىسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى تېخىمۇ زور غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن ئىككى دۆلەتنىڭ تاغ - دەريالىرى تۇتاش بولۇپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەندى. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى ھەم «جۇڭگو - چاۋشيەن دوستلۇق يىلى». يېڭى دەۋر، يېڭى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق تۈردە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىگە مۇئامىلە قىلىدۇ، چاۋشيەن تەرەپ بىلەن بىللە ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - چاۋشيەن ئەنئەنىۋى دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئورتاق ياخشى قوغداپ، ياخشى مۇستەھكەملەپ، ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت - سائادەت يارىتىش ئۈچۈن، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.