شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن بىرلىكتە «جۇڭگو - رۇسىيە مائارىپ يىلى»نىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2026-05-22 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا «جۇڭگو - رۇسىيە مائارىپ يىلى»نىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا بىرلىكتە قاتناشتى.شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلارياڭ يىجۈن، ۋېن شىن) 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن بىرلىكتە بېيجىڭ خەلق سارىيىدا «جۇڭگو - رۇسىيە مائارىپ يىلى»نىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە بىرلىكتە يىغىن مەيدانىغا كىردى.

شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو - رۇسىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى ۋە «جۇڭگو - رۇسىيە ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەمكارلىق شەرتنامىسى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 25 يىللىقى. مۇشۇنداق ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە يىلدا «جۇڭگو - رۇسىيە مائارىپ يىلى»نى باشلاش مەن ۋە زۇڭتۇڭ پۇتىن جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يىراق كەلگۈسى تەرەققىياتىنى كۆزلەپ چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما. مائارىپ دۆلەت بىلەن دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرىدىغان، دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىدىغان مۇھىم كۆۋرۈك، تۆھپىسى ھازىرقىلارغا، پايدىسى كېيىنكىلەرگە بولىدىغان ئالىيجاناب ئىش. ئۇزاقتىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ مائارىپ ھەمكارلىقى سىجىل چوڭقۇرلىشىپ، نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى بېيىتتى. «جۇڭگو - رۇسىيە مائارىپ يىلى»نى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى تەرەپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەمكارلىق ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملىشى، ھەمكارلىق ساھەسىنى كېڭەيتىشى، ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مائارىپ گۈللەنسە دۆلەت گۈللىنىدۇ، مائارىپ كۈچەيسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئىختىساسلىقلار قوشۇنى ۋە دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچىنى ئورتاق يېتىلدۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ ئالدىنقى قاتاردىكى ئىلىم - پەن قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشى كېرەك؛ مەدەنىيلىك جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، مەدەنىيلىككە ۋارىسلىق قىلىش ۋە مائارىپنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، بىرلىكتە خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك؛ ئەنئەنىۋى دوستلۇق رىشتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، مائارىپ ھەمكارلىقى يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ قوزغىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى، ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياش - ئۆسمۈرلەرنى چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇش داۋامىدا دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتىدىغان ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. ئىشىنىمەنكى، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، «جۇڭگو - رۇسىيە مائارىپ يىلى» جەزمەن تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ.

پۇتىن مۇنداق بىلدۈردى: مائارىپ ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم تەركىبىي قىسمى، «رۇسىيە - جۇڭگو مائارىپ يىلى»نى باشلاش ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. رۇسىيە بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەت مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، مائارىپ شەخسنىڭ تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى. «رۇسىيە - جۇڭگو مائارىپ يىلى» پائالىيىتىنىڭ مەزمۇنى مول، كۆلىمى زور. رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە مائارىپ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، ياش ئەۋلادلارنىڭ بىر - بىرىنى چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رۇسىيە - جۇڭگو دوستلۇق ئىشلىرىنى ۋارىسلىق قىلىدىغان ئىزباسارلار بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، رۇسىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە «جۇڭگو - رۇسىيە مائارىپ يىلى» بەلگىسىنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى.

سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ، جاڭ گوچىڭ، شېن يىچىن قاتارلىقلار قاتناشتى.