شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى

2026-05-22 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى.شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شياڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلارسۈن يى، ۋېن شىن) 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ، زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ 25 - قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشى بولۇپ، جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسى ۋە ئالاھىدە خاراكتېرىنى تولۇق نامايان قىلدى. بايا مەن زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن چوڭقۇر ۋە دوستانە، مول نەتىجىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، بىر قاتار مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇردۇق. بىز ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قوشما باياناتنى بىرلىكتە ئىمزالاپ، كۆپ تۈرلۈك مۇھىم ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججىتىنىڭ ھاسىل قىلىنىشىغا گۇۋاھ بولدۇق. ئىككى دۆلەت يەنە دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنى تەشەببۇس قىلىش توغرىسىدا قوشما بايانات ئېلان قىلىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل جۇڭگو - رۇسىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى. 30 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتى بوران - چاپقۇن ۋە جەبىر - جاپالارنى باشتىن كەچۈرۈپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، مۇناسىۋەت ئورۇن بېكىتمىسىنى ئۈزلۈكسىز يۈكسەلدۈردى، يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىپ، يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. بۇ يىل يەنە «جۇڭگو - رۇسىيە ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەمكارلىق شەرتنامىسى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 25 يىللىقى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت بۇ شەرتنامىدە بېكىتىلگەن «ئىتتىپاق تۈزمەسلىك، قارشىلاشماسلىق، 3 - تەرەپكە قاراتماسلىق» پىرىنسىپىغا باشتىن - ئاخىر قەتئىي ئەمەل قىلىپ كەلدى، باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇش، ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئىناۋەتكە ئەھمىيەت بېرىپ ۋەدىگە ئەمەل قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداش، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشۇپ، دۇنيانىڭ يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدىكى ئاچقۇچلۇق تۇراقلىق مىقدارغا ئايلاندى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مەن ۋە زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ ئورتاق ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىغا قەدەم قويدى. ئىككى تەرەپ تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇنلىشىپ، جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

بىرىنچى، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، بىر - بىرىنى ئىستراتېگىيەلىك قوللاشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى، شۇنداقلا «جۇڭگو - رۇسىيە ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەمكارلىق شەرتنامىسى»نىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە تۈپ پىرىنسىپى. مەن ۋە زۇڭتۇڭ پۇتىن بۇ شەرتنامىنىڭ مۇددىتىنى داۋاملىق ئۇزارتىشنى ئورتاق قارار قىلدۇق. ئىككى تەرەپ ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بىر - بىرىنى قەتئىي قوللاپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە ۋە ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىلىكلەر ئالاقىسىنى سىجىل قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىشى كېرەك.

ئىككىنچى، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىغا كۈچ قوشۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئۆز تەرەققىياتىنى ۋە گۈللىنىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئىككى دۆلەت ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا چوڭ قەدەم تاشلاپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، نۇرغۇن ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئىككى تەرەپنىڭ سودا سوممىسى ئۇدا ئۈچ يىل 200 مىليارد دوللاردىن ئاشتى، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى تۆت ئېيىدا ئىككى تەرەپنىڭ سودا سوممىسى20كە يېقىن ئاشتى. ئىككى تەرەپ ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگونىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانى بىلەن رۇسىيەنىڭ 2030 - يىلىدىن بۇرۇنقى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

ئۈچىنچى، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالاقىسى ئۈزلۈكسىز قويۇقلىشىپ، خەلق رايى رىشتىسى بارغانسېرى چىڭىدى. مەن ۋە زۇڭتۇڭ پۇتىن بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى ئىككى يىل ئىككى دۆلەتنىڭ 10 - قېتىملىق دۆلەت دەرىجىلىك باش تېما يىلى − «جۇڭگو - رۇسىيە مائارىپ يىلى»نى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدۇق. ئىككى تەرەپ «مائارىپ يىلى»نى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى دۆلەتكە قوش يۆنىلىشلىك بېرىپ ئوقۇش كۆلىمىنى سىجىل كېڭەيتىپ، ئالىي مەكتەپلەر ھەم پەن تەتقىقات سۇپىلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، بىرلىشىپ پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ كۆپ كۆرگىلى بولىدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ پايدىلىق شارائىت يارىتىشى كېرەك.

تۆتىنچى، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك خەلقئارا ھەمكارلىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. بۈگۈنكى دۇنيا تولىمۇ تىنچ ئەمەس، يەككە تەرەپچىلىك، زومىگەرلىكنىڭ خەۋپى ئېغىر، دۇنيا ئورمان قائىدىسىگە چېكىنىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەتلەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئىككى دۆلەت مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتلىك بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي ئادا قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نوپۇزى ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قەتئىي قوغداپ، بارلىق يەككە تەرەپلىك مۇشتۇمزورلۇق ۋە تارىخ چاقىنى كەينىگە ياندۇرۇش قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرۇشى، بولۇپمۇ 2 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە نەتىجىلىرىنى ئىنكار قىلىدىغان، فاشىزم ۋە مىلىتارىزمنىڭ «دېلوسىنى ئاغدۇرۇپ تىرىلدۈرۈش»تەك بارلىق ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرۇپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا ئورتاق تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

پۇتىن مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى زىيارەت دەل «رۇسىيە - جۇڭگو ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەمكارلىق شەرتنامىسى» ئىمزالانغانلىقىغا 25 يىل بولغان مۇھىم پەيتكە توغرا كەلدى، بۇ شەرتنامە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىغا ئاساس سالدى. ھازىر رۇسىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتى مىسلىسىز يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرماقتا، ئىككى دۆلەت باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، باراۋەر ئاساستا ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئۆزئارا قوللاش روھىغا ئەمەل قىلىپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ سىجىل چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. رۇسىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى قۇدرەتلىك ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقى 3 - تەرەپكە قارىتىلمايدۇ، جۇغراپىيەلىك سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ تەسىرىگىمۇ ئۇچرىمايدۇ. مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن قىزغىن، دوستانە كەيپىياتتا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى كەڭ مۇھىم قارالمىلار توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كەلگۈسى ھەمكارلىق يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇردۇق. رۇسىيە تەرەپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسىگە تولۇق ئىشەنچ بىلەن قارايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ۋە ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ۋە خەلقنىڭ بەخت - سائادىتى ئۈچۈن كۈچ قوشىدۇ. رۇسىيە بىلەن جۇڭگو خەلقئارا سەھنىدە قويۇق ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنى ساقلاپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى، پىرىنسىپىنى ئورتاق قوغدايدۇ، دۇنيانىڭ خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغدايدۇ.

سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ، جاڭ گوچىڭ، شېن يىچىن قاتارلىقلار قاتناشتى.