شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پاكىستان زۇڭتۇڭى زەردارى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن پاكىستان تاغ - دەريالىرى تۇتاش، تەقدىر - قىسمەتتە بىللە بولىدىغان ياخشى دوست ۋە دائىملىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلار. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 75 يىلدىن بۇيان، خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو - پاكىستان دوستلۇقى باشتىن - ئاخىر ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم، يىمىرىلمەس بولۇپ كەلدى. ئىككى دۆلەت ئۇزاق مەزگىل يۇقىرى سەۋىيەلىك سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئەمەلىي ھەمكارلىق، يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقى، يۇقىرى سەۋىيەلىك خەلقئارا ھەمكارلىشىشنى ساقلاپ، دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەن جۇڭگو - پاكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ زەردارى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىمىزنىڭ 75 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردە تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو - پاكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، جۇڭگو - پاكىستان مۇناسىۋىتىنى ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، رايون تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ قوشۇشنى خالايمەن.
زەردارى مۇنداق بىلدۈردى: پاكىستان - جۇڭگو دائىملىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملىنىپ، رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىدىكى مۇستەھكەم تۈۋرۈككە ئايلاندى. پاكىستان تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان مول، چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە بىر قاتار دۇنياۋى تەشەببۇسنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ پاكىستان - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يېڭى دەۋردە تېخىمۇ زىچ بولغان پاكىستان - جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقا قەتئىي كۈچ چىقارغانلىقىنى يۈكسەك قەدىرلەيدۇ. پاكىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ پاكىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى قەتئىي قوللىغانلىقىغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە جۇڭگو تەرەپنى داۋاملىق قوللاپ، پاكىستان - جۇڭگو دوستلۇقىنى يەنىمۇ يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرىدۇ.
شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ پاكىستان زۇڭلىسى شاھباز بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. لى چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ پاكىستان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىنىڭ «2.0 دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخىسى»نى پائال بەرپا قىلىپ، جۇڭگو - پاكىستان دائىملىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
شاھباز مۇنداق بىلدۈردى: پاكىستان - جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئۆزئارا ئىشىنىش، ئىگىلىك ھوقۇقتا باراۋەر بولۇش ھەم تىنچلىق ۋە تەرەققىياتقا ئورتاق ئىنتىلىشنى ئاساس قىلغان. پاكىستان تەرەپ جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىشقا قەتئىي كۈچ چىقىرىپ، پاكىستان - جۇڭگو ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ساھەسىنى ئۈزلۈكسىز ئاچىدۇ.