كۇچا ئاق ئۆرۈكى پىشىپ بازارغا سېلىندى

2026-06-06 :ۋاقىت
مەنبە: تىيانشان تورى

  ​6-ئاينىڭ 3-كۈنى، مۇخبىر كۇچا شەھىرىنىڭ ياقا بازىرىدىكى ئۆرۈكلۈك باغقا كىرىپ، دانە-دانە ئۆرۈكلەرنىڭ مەرۋايىتتەك پارقىراپ تۇرغانلىقىنى كۆردى. ياقا بازىرى كۇچا ئۆرۈكى ئەڭ بالدۇر پىشىدىغان جاي بولۇپ، بۇ يىل كۇچا ئۆرۈكىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىياخشى بولدى، كەنت ئاھالىلىرى ياخشى ھوسۇل ئالدى.

كەنت ئاھالىلىرى بۇ يىل ئۈزگەن ئاق ئۆرۈكنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرمەكتە. بو دېڭپېڭ فوتوسى

كۇچا ئاق ئۆرۈكى پوستى نېپىز، ئېتى قېلىن، رەڭگى سېرىق، تەملىك، تاتلىقلىق دەرىجىسى مۇۋاپىق بولۇش بىلەن داڭ چىقارغان بولۇپ، «ئۆرۈكلەر ئىچىدىكى ئاقسۆڭەك» دەپ تەرىپلىنىدۇ. ئۇنىڭدىكى شېكەر تەركىبى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن°23قا يېتىدىغان بولۇپ، تاتلىق لېكىن كۆڭۈلگە تەگمەيدۇ، مېۋىسىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ ئالاھىدە ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن.

كۇچا شەھىرىنىڭ ياقا بازىرىدىكى ئۆرۈكلۈك باغدا، كەنت ئاھالىلىرىكۇچا ئاق ئۆرۈكى ئۈزمەكتە. بو دېڭپېڭ فوتوسى

كەنت ئاھالىلىرى مۇخبىرغا ئۈزگەن ئاق ئۆرۈكنى كۆرسەتمەكتە.بو دېڭپېڭ فوتوسى

(كۇچا شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىمۇخبىرى بو دېڭپېڭ)

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى