ئۈسكۈنىلەرنى ئورنىتىش

2026-08-07 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، قۇرۇلۇش خادىملىرى چىمەن 750 كىلوۋولتلۇق تىرانسفورموتور پونكىتىدا ئۈسكۈنىلەرنى ئورناتماقتا. بۇ تىرانسفورموتور پونكىتى «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش»تىكى ئۈچىنچى ئۆزگىرىشچان توك يولى بولغان چاقىلىق − بۆكەن (خۇاتۇگوۋ شەرقى) 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدىكى ئۆتەڭ پونكىت ھەم يېڭى ئېنېرگىيە تۈرىنى ئۇلايدىغان يادرولۇق تۈگۈن، شۇنداقلا نۆۋەتتە شىنجاڭدا قۇرۇلۇۋاتقان دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى يۇقىرى بولغان تۇنجى 750 كىلوۋولتلۇق تىرانسفورموتور پونكىتى. قۇرۇلۇش ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، چىمەن رايونىنىڭ 3 مىليون كىلوۋاتلىق يېڭى ئېنېرگىيە تۈرىنى ئۇلاش ھەم يەتكۈزۈش ئېھتىياجىنى ئۈنۈملۈك قاندۇرىدۇ.ما يۈەن فوتوسى