
8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، قاراماي شەھىرىنىڭ ئورقۇ رايونىدا، قاراماي شەھىرى فۇچېڭ مايلىق قۇم كېنى بايلىقىنى ئېچىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى مايلىق قۇمدىن نېفىت ئېلىش نەق مەيدانىنى چارلاپ تەكشۈرمەكتە.
بۇ شىركەت ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر - سەنئىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، نۆۋەتتە يىلىغا 400 مىڭ توننىلىق مۇستەقىل ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شەكىللەندۈرۈپ، مۇكەممەل بولغان مايلىق قۇمنى قېزىش، پىششىقلاش كەسىپ زەنجىرى بەرپا قىلىپ، ئۇيقۇدا ياتقان قېزىلما بايلىقلارنى قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى ئېنېرگىيە كەسپىگە ئايلاندۇرۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولماقتا. □مىن يۇڭ فوتوسى