شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 18 - يىغىنىنىڭ تەيىنلەش - قالدۇرۇش ئىسىملىكى

2025-02-22 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

​(2025 - يىلى 2 - ئاينىڭ 21 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18 - يىغىنىدا ماقۇللاندى)

نيې جۇاڭنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلەش قارار قىلىندى.

نيې جۇاڭنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

نيې جۇاڭ، ئەر، خەنزۇ، 1972 - يىلى 3 - ئايدا تۇغۇلغان، ئىشلەپ تۇرۇپ داشۆدە ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى، ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن 3 - شى پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي.