تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر ياڭ شياۋچيەن، جاڭ ۋېنتىڭ، فېڭ جىنپو، ليۇ چۈنشياڭ خەۋىرى، فوتوسى) 2022-يىل 4-ئاينىڭ 23-كۈنى، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەسى ئالمىلىق بازىرى يېگولىن مەھەللىسى ئىلى ئۆسۈملۈك باغچىسىدىكى ياۋا ئالمىلىقتا ياۋا ئالما دەرەخلىرى ھۈپپىدە چېچەكلەپ، ئالمىلىق سېھىرلىك گۈزەل مەنزىرىگە ئوخشاپ قالدى.
4-ئاينىڭ ئاخىرىدا، كۈنەس ناھىيەسى تەۋەسىدىكى 100 مىڭ مو ياۋا ئالمىلىقتا ياۋا ئالما دەرەخلىرى ئارقا-ئارقىدىن چېچەكلىدى، يېشىل گىلەم سېلىنغاندەك تاغ باغرىدا ئاق رەڭلىك، ھال رەڭلىك، قىزىل رەڭلىك چېچەكلەر بەرق ئۇرۇپ ئېچىلىپ، ئەتراپقا خۇش پۇراق چېچىپ، ساياھەتچىلەرنى كېلىپ كۆكلەم سەيلىسى قىلىپ، مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلىشقا جەلپ قىلدى.