11 ـ ئاينىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نىيە ناھىيەسى تەۋەسىدىكى 490 مىڭ مو ئىپتىدائىي توغراقلىق بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ يارقىن پەسىلنى كۈتۈۋالدى. ئالتۇن رەڭلىك توغراقلار قۇياش نۇرىدا كۆزنى قاماشتۇرۇپ، كۆك ئاسمان، قۇملۇق، دەريا ـ ئېقىن ۋە بۇ يەردە دەم ئېلىۋاتقان قۇشلار بىلەن قوشۇلۇپ جۇلالىنىپ، ھەيۋەتلىك كۈز مەنزىرىسىنىڭ يۆگىمە رەسىمىنى سىزىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ساياھەتچىلەرنى داڭقىنى ئاڭلاپ كېلىپ داكا قىلىپ، مەنزىرە تاماشا قىلىشقا جەلپ قىلدى.
ساياھەتچىلەرنىڭ مەنزىرە تاماشا قىلىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، نىيە ناھىيەسى قۇملۇق تاشيولى لىنىيەسى بويىدىكى كۆپلىگەن خاس مەنزىرە نۇقتىلىرىنى رەتلەپ چىقىپلا قالماي، يەنە مەنزىرە تاماشا قىلىش ئاسما يولى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈردى ھەم ئالىي دەرىجىلىك ئائىلىۋى مېھمانخانىلارنى كىرگۈزۈپ، كۈتۈۋېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنى ھەم تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىدىن ھۇزۇرلىنىش، ھەم ئازادىلىك تۇيغۇسىدىن بەھرىمەن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.




(ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: نىيە ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)