11-ئاينىڭ 9-كۈنى
قۇياش پاتقاندىكى ئالتۇن نۇر ساۋەندىكى چيەنچۈەنخۇ كۆلىگە مۇلايىملىق بىلەن چېچىلىپ بۇ سۇلۇق يەرنى بىر پارچە ھەرىكەتچان ماي بوياق رەسىمگە ئايلاندۇردى
سارغايغان چىملىقلار بىلەن كۆك رەڭلىك كۆل سۈيى شەپەق نۇرى ئاستىدا ئېنىق ئايرىلغان بولسىمۇ يەنىلا بىر-بىرى بىلەن ئىنتايىن ماسلاشقانىدى

چيەنچۈەنخۇ كۆلى.
لى شۈ فوتوسى
قاراڭ! شەپەق نۇرى ئاستىدا
دەريا سۇلىرى نۇردىن ئالاھىدە ئۈنۈمگە ئېرىشكەن لېنتىدەك پۈتكۈل كۆرۈنۈشنى ئىككىگە ئايرىغانىدى
بۇ بەلكىم كۈزدىكى كىشىنى ھەممىدىن ھەيران قالدۇرىدىغان مەنزىرە بولسا كېرەك

دەريا سۈيى سۇلۇق يەرنى ئىككىگە ئايرىدى.
لى شۈ فوتوسى
قوڭۇر رەڭلىك چىملىقتا
قوي پادىلىرى بەئەينى چېچىلىپ كەتكەن مەرۋايىت
قارا ئاتلار مېڭىپ يۈرگەن سىياھ چېكىتلەرگە ئوخشايتتى
يىراقتىكى ياغاچ ئۆيلەر جىمجىت قەد كۆتۈرۈپ
خۇددى ئەمدىلا تاماملانغان سۇ بوياق رەسىمگىلا ئوخشاپ قالغانىدى

قوي پادىلىرى ئوزۇق ئىزدىمەكتە.
لى شۈ فوتوسى
كۈزدىكى چيەنچۈەنخۇ كۆلى
كۈل رەڭ تۇرنىلارنىڭ سەھنىسىدۇر
كۈل رەڭ تۇرنىلار بۇ سۇلۇق يەردە
ئەڭ گۈزەل لاتاپىتىنى نامايان قىلاتتى

كۈل رەڭ تۇرنىلار تېيىز ساھىلدا ئارام ئالماقتا.
لى شۈ فوتوسى
كۈل رەڭ تۇرنىلار تاسادىپىي قانات قاققان پەيتتە
قاناتلىرىنىڭ ئۇچلىرىمۇ شەپەق نۇرىدا بويالغانىدى

كۈل رەڭ تۇرنىلار ئۇچۇشقا تەييارلانماقتا.
لى شۈ فوتوسى
ئۇلار ئۈچ-بەشتىن توپ-توپ بولۇپ تېيىز ساھىلدا قەددىنى تىك تۇتۇپ
ئۇزۇن بوينىنى نەپىس ئەگكەنىدى
قارا، كۈل رەڭلىك پەيلىرى شەپەق نۇرى ئاستىدا مۇلايىم نۇر چاچماقتا ئىدى

كۈل رەڭ تۇرنىلار تېيىز ساھىلدا ئارام ئالماقتا.
لى شۈ فوتوسى
كۈزگە خاس بۇ رەڭلەر
ئۇلارغا تولىمۇ ماسلاشقانىدى

كۈل رەڭ تۇرنىلار تېيىز ساھىلدا ئارام ئالماقتا.
لى شۈ فوتوسى
كۆل يۈزى سۇ قۇشلىرىنىڭ شادلىق باغچىسى
بىرقانچە ياۋا ئۆردەك سۇ يۈزىدە ئەركىن لەيلەپ
بەزىدە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ سۇدىكى يۈسۈنلەرنى ئوزۇق قىلسا
بەزىدە بېشىنى كۆتۈرۈپ سەگەكلىك بىلەن ئەتراپنى كۆزەتمەكتە ئىدى

ياۋا ئۆردەكلەر سۇ يۈزىدە ئەركىن لەيلىمەكتە.
لى شۈ فوتوسى
يايلاقتىن قايتقان كالا پادىلىرى شەپەقنىڭ ئىزىنى بويلاپ مېڭىپ
سۇلۇق يەردە ئاستا-ئاستا كېتىۋاتاتتى
ئۇلارنىڭ كۆلەڭگۈسى ئۇزىراپ
ئالتۇن رەڭلىك چىملىقتا چوڭقۇر ئىزنالارنى قالدۇرۇپ
كۈزدىكى بۇ گۈزەل دەقىقىلەرنى تۇتۇپ قېلىشقا ئۇرۇناتتى

كالا پادىلىرى سۇلۇق يەردە كېتىۋاتماقتا.
لى شۈ فوتوسى
كۆل بويىدىكى سۇلۇق يەردە
پادىچىلارنىڭ ئاتقا مېنىپ كېتىۋاتقاندىكى سىيماسى ئاستا-ئاستا يۆتكەلدى
ئاتلار قۇرۇپ قالغان چىملىقلارنى دەسسەپ ئۆتۈپ، يېنىك ئاۋازلار قۇلاققا ئاڭلىنىپ تۇراتتى

ئاتقا مېنىۋالغان پادىچى.
لى شۈ فوتوسى
پادىچى قامچىسىنى ئاستا ئويناتسا
كالا پادىلىرى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭاتتى
بۇ گۇرۇپپا ھەرىكەت گۇگۇمدا
مىڭ يىللىق چارۋا بېقىش ئەقىل-پاراسىتىگە ۋارىسلىق قىلىشنى نامايان قىلىپ تۇراتتى

پادىچى قامچىسىنى ئاستا ئويناتسا، كالا پادىلىرى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭاتتى.
لى شۈ فوتوسى
قوي پادىلىرىنىڭ سايىسى ئۇزۇنغا سوزۇلغان بولۇپ
بۇنداق گۇگۇمدا
ھەر قانداق كىشىنىڭ قەدىمىنى توختاتقۇسى كېلەتتى

يايلاقتىن قايتقان كالا پادىلىرى.
لى شۈ فوتوسى
كۈزدىكى ئەڭ گۈزەل دەقىقە
بەلكىم مۇشۇنداق بىر مەنزىرە بىلەن تاسادىپىي ئۇچرىشىش بولسا كېرەك
سىزنىڭمۇ بۇ يەردە
ئۆزىڭىزگە خاس جىمجىت ۋاقىتلارنى ئۆتكۈزۈشىڭىزگە تىلەكداشمەن
(ساۋەن شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرلىرى ۋاڭ يىڭ، لى شۈ)
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى