تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

12-ئاينىڭ 25-كۈنى، يالقۇنتاغ كۈمۈش لىباسقا ئورالغان بولۇپ، مۇز ۋە ئوتتىن ئىبارەت ئاجايىپ مەنزىرە ناھايىتى ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى. يالقۇنتاغ تۇرپان ئويمانلىقىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ، تومۇز ئىسسىقتا ئوتتەك ئىسسىق بولىدۇ، قىشتا «كۈمۈش لىباس» كىيگەندىن كېيىنكى مەنزىرىسى كىشىنى ئۆزگىچە مەپتۇن قىلىدۇ. ليۇ جيەن فوتوسى

