كۆركەم شىنجاڭ تاغلىرى丨غۇلجا ناھىيەسىدىكى ئاق قۇ بۇلىقىدا تاڭ شەپىقى مەنزىرىسى سۈرەتتەك گۈزەل تۈسكە كىردى

2025-12-03 :ۋاقىت
مەنبە: تىيانشان تورى

12-ئاينىڭ 1-كۈنى، تاڭ سۈزۈلگەن چاغدا، تۇنجى تاڭ نۇرى خۇددى يېنىك پەيدەك تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى ئۇيقۇدا ياتقان كەڭ دالىنى سىيپاپ ئۆتتى. غۇلجا ناھىيەسى ئاق قۇ بۇلىقى سۇلۇق يەر باغچىسىدا، بىر مەيدان نۇر بىلەن ھاياتلىقنىڭ سىمفونىيەسى تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن جىمجىت باشلانغانىدى.

بۇلاق يۈزىنى تۇمان قاپلاپ تۇراتتى، بۇ سوغۇق كېچىدە ئۇرغۇپ چىققان ئەڭ ئاخىرقى ئىللىقلىق بولۇپ، بۇ سۇ رايونىغا بىر قەۋەت كۆچمەنېپىز شايى ياپقانىدى. شەپەق نۇرى خۇددى بىر تەمكىن رەسسامغا ئوخشايتتى، ئۇ ئۇپۇقنى رەڭ تەڭشەش تەخسىسى قىلىپ، قىزىلگۈل رەڭگى، سۇس جۈزى رەڭ ۋە توق قىزىل رەڭگە كىرگۈزۈپ، يېنىك بويىغانىدى، شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈلسۇ رايونى بىر پارچە كۆركەم يۆگىمە رەسىمگە ئايلانغانىدى. بۇ چۈش كەبىئاساسىي رەڭدە يىراقتىن كەلگەن 533 مېھمان − گۈزەل سۆگەل بۇرۇن ئاق قۇ بىلەن سالاپەتلىك چوڭ ئاق قۇ بەخىرامان ئۈزۈۋاتاتتى.

12-ئاينىڭ 1-كۈنى، غۇلجا ناھىيەسىئاق قۇ بۇلاق سۇلۇق يەر باغچىسىغا ماكانلاشقان ئاق قۇلار.

12-ئاينىڭ 1-كۈنى، غۇلجا ناھىيەسىئاق قۇ بۇلاق سۇلۇق يەر باغچىسىغا ماكانلاشقان ئاق قۇلار.

12-ئاينىڭ 1-كۈنى، غۇلجا ناھىيەسىئاق قۇ بۇلاق سۇلۇق يەر باغچىسىغا ماكانلاشقان ئاق قۇلار.

12-ئاينىڭ 1-كۈنى، غۇلجا ناھىيەسى ئاق قۇ بۇلاق سۇلۇق يەر باغچىسىغا ماكانلاشقان ئاق قۇلار.

12-ئاينىڭ 1-كۈنى، غۇلجا ناھىيەسىئاق قۇ بۇلاق سۇلۇق يەر باغچىسىغا ماكانلاشقان ئاق قۇلار.

ئالتۇن رەڭگە كىرگەنسەھەردە چېنىقىش

تاڭ شەپىقىدەقانات قېقىپ پەرۋاز قىلىش

ئويناش

تالىشىش

تاڭ نۇرىدائارام ئېلىش

گۈزەل شەپەق نۇرىدىن پەردە ھاسىل بولۇپ، سۇ يۈزىدە ئالتۇن رەڭلىك سەھنە نامايان بولدى.

(غۇلجا ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى چېن يۇڭمېي، ئىختىيارىي مۇخبىر باغدۆۋلېتباتىربېك)

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى