تىيانشانغا ياغقان قار بوغدا كۆلىنى سىياھ رەسىمگە ئايلاندۇردى

2025-12-12 :ۋاقىت
مەنبە: تىيانشان تورى

12-ئاينىڭ 9-كۈنى، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى فۇكاڭ شەھىرى تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىدا، قار يېغىپ، بوغدا كۆلى سىياھ رەسىمدەك كۆرۈندى. بۇلۇت-تۇمان قار بىلەن قاپلانغان تاغ تىزمىلىرى ئارىسىدا شايە كەبى تولغىنىپ، بەزىدە يىغىلىپ، بەزىدە تارقىلىپ تۇراتتى. مەزمۇت قەد كۆتۈرۈپ تۇرغاندەل-دەرەخلەر كۈمۈش لىباس كىيىپ، قارا رەڭلىك تاغ-تاشلار ئارىسىدا جىلۋە قىلاتتى، زۇمرەتتەك سۈزۈك سۇ غۇۋا ھالەتتە تېخىمۇ جىمجىتلىققا چۆمگەن بولۇپ، خىيالىي دۇنيالاردەك تۈسكە كىرىپ، سۈزۈك، ئۇزۇن سىياھ يۆگىمە رەسىمىنى شەكىللەندۈرگەنىدى.

(ئاپتور:يى جىشياڭ، يۈەن باۋلۇئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: سانجى شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)