يېقىندا، شىنجاڭنىڭ موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىگە جايلاشقان تىيانشان قار-مۇز شادلىق باغچىسى رەسمىي سىرتقا ئېچىۋېتىلدى، شادلىق باغچىسىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 350 مىڭ كىۋادرات مېتىر، يادرولۇق مەنزىرە رايونى 170 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يېتىدۇ، توققۇز چوڭ باش تېمىلىق مەنزىرە ھەم 20 نەچچە ھەمتۈرتكىلىك داكا نۇقتىسى بار، تۇلپارلارنىڭ قار كېچىشى، 400 مېتىرلىق قار-مۇز تېيىلىش يولى قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك كەسىپ ھالىتى ماس قەدەمدە يولغا قويۇلۇپ، سەنئەتتىن ھۇزۇرلىنىش، ھەمتۈرتكىلىك ھېس قىلىش، تەنھەرىكەت-كۆڭۈل ئېچىش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلۈپ، ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپ مەنبەلىك ئېھتىياجى تولۇق قاندۇرۇلدى.
شادلىق باغچىسىدىكى ئىككى قار-مۇز ھەيكىلى «كۆزىتىش راۋىقى» «تەيجوۋ ناملىق ھەربىي پاراخوت» يارقىن نۇقتىغا ئايلانغان. «كۆزىتىش راۋىقى»نىڭ ئۇزۇنلۇقى 33 مېتىر، كەڭلىكى 30 مېتىر، ئېگىزلىكى 12 مېتىر بولۇپ، مېھىر - شەپقەت كۆۋرۈكى مەنزىرىسى بىلەن ماسلاشتۇرۇلۇپ، جۇڭگوچە قەدىمىي ئىمارەت بىلەن زامانىۋى سەنئەتنىڭ ئۇچرىشىشى ئىشقا ئاشۇرۇلغان. «تەيجوۋ ناملىق ھەربىي پاراخوت» تېكەس دەرياسى بويىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 30 مېتىر، كەڭلىكى ئۈچ مېتىر، ئېگىزلىكى بەش مېتىر كېلىدۇ، قارشى قىرغاقتىكى قىروۋ، قار مەنزىرىسى بىلەن ئىنتايىن ماسلاشقان.
موڭغۇلكۈرە «تىيانشان قار-مۇز ماكانى» دېگەن گۈزەل نامغا ئىگە، قار پەسلى بالدۇر، قار مەزگىلى ئۇزاق، قار سۈپىتى ياخشى بولۇشتەك ئۆزگىچە بايلىقىغا تايىنىپ، 11-تۈركۈمدىكى تەيجوۋنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشى ئاستىدا، ئۇدا ئىككى يىل تۇلپار قار-مۇز ساياھەت پەسلى ئۆتكۈزۈپ، «قار-مۇز +» كۆپ مەنبەلىك كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، «سوغۇق بايلىق»نى «ئىسسىق ئىقتىساد»قا ئايلاندۇرۇشقا كۈچ قوشتى.








«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى