
توپ-توپ ھاڭگىرت ۋە يېشىل باش ئۆردەك قار-مۇز ئارىسىدا ئارام ئالماقتا.
تيەن گوجيەن فوتوسى
يېقىندا، قاراماي شەھەر رايونىنىڭ جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدىكى گۇخەي ئېكولوگىيە باغچىسىدا توپ-توپ ھاڭگىرت ۋە يېشىل باش ئۆردەك كۆكتە پەرۋاز قىلدى. 1-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى كىرگەندىن كېيىن، تېمپېراتۇرا تېز تۆۋەنلەپ، نەچچە يۈز ھاڭگىرت ۋە يېشىل باش ئۆردەك قار-مۇز ئارىسىدا ياشاپ، قومۇشلۇقتا ئەركىن ئۈزۈپ، قار-مۇز دۇنياسىغا كىرىپ كەلدى. ھاڭگىرت ۋە يېشىل باش ئۆردەك دۆلەتنىڭ «مۇھىم ئېكولوگىيە، ئىلىم-پەن، جەمئىيەت قىممىتى بار» قوغدىلىدىغان ھايۋىنى ھېسابلىنىدۇ. ئالاقىدار تارماقلار تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ياۋايى قۇشلارنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، بۇ قۇشلارغا ياخشى ياشاش مۇھىتى يارىتىپ بەردى. بۇ يىل قىش كىرگەندىن بۇيان، قاراماي شەھىرىنىڭ جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدا تۇنجى قېتىم ئەڭ كۆپ ساندا ھاڭگىرت ۋە يېشىل باش ئۆردەك پەيدا بولدى.

توپ-توپ ھاڭگىرت ۋە يېشىل باش ئۆردەك قار-مۇز ئارىسىدا ئارام ئالماقتا.
تيەن گوجيەن فوتوسى