
2-ئاينىڭ 3-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 6-شى بېيتاشەن تېغى چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ شامال ئېنېرگىيەسى-يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا بوشلۇقتىن نەزەر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىڭتۇەن 6-شىسى بايلىق ئەۋزەللىكىنى چوڭقۇر قېزىپ، قاقاس تاغ، يانتۇ يەرلەردىن پايدىلىنىپ شامال ئېنېرگىيەسى-يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسى كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەنى تورلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىدە رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىيلەشتۈرۈش تېخنىكىسىنى قوللىنىشنى تېزلىتىپ، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى. ھازىرغىچە، بېيتاشەن تېغى يېڭى ئېنېرگىيە بازىسىنىڭ ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 1 مىليون 711 مىڭ كىلوۋاتقا يەتتى، 2025-يىلى يىللىق توك تارقىتىش مىقدارى 4 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئېشىپ، 2024-يىلىدىكىدىن %11 ئاشتى. بۇ بازىمۇ پۈتۈن مەملىكەتكە مۇلازىمەت قىلىدىغان «يېشىل ئېنېرگىيە ئاساسىي پونكىتى»غا ئۆستۈرۈلدى.
لى خۇابېي فوتوسى

2-ئاينىڭ 3-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 6-شى بېيتاشەن تېغى چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ شامال ئېنېرگىيەسى-يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا بوشلۇقتىن نەزەر.
لى خۇابېي فوتوسى
«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى