كۆركەم شىنجاڭ تاغلىرى | كۈنەستە ئاق زەپە مۇز يېرىپ ئېچىلىپ باھاردىن خەۋەر بەردى

2026-03-18 :ۋاقىت
مەنبە: تىيانشان تورى

   3-ئايدىكى تىيانشاندا قارلار تېخى پۈتۈنلەي ئېرىمىگەنىدى. كۈنەس ناھىيەسىنىڭ تۇرگېن يېزىسىدىكىكۈنگەيتاغ باغرىدا، ئاق زەپە مۇزلارنى يېرىپ بىر-بىرلەپ ئېچىلىپ، ئېگىلمەس-سۇنماس قىياپىتى بىلەن باھار مۇقەددىمىسىنى ياڭرىتىپ، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى باھاردىن ئەڭ بۇرۇن خەۋەر بەرگەنباھار ئەلچىسىگە ئايلاندى.

باش باھاردا تېمپېراتۇرا يەنىلا نۆلدىن تۆۋەن بولۇپ، ئاق زەپە توڭ تۇپراق ۋە ئېرىپ بولالمىغان قالدۇق قارلارنى يېرىپ ئېچىلىپ، تاغ-دالىلارنى قاپلىدى. ئۆسۈملۈك تۈپى نازۇك، ئاق رەڭلىك گۈل بەرگى سېرىق گۈل چېڭىنى ئوراپ تۇرىدىغان بولۇپ، سوغۇق شامالدا زىلۋا قامىتىنى تىك تۇتۇپ تۇرىدۇ، ئاپئاق قارلىق چوققىلار، چەكسىز تاغ-دالىلار بىلەن بىر-بىرىگە ھۆسىن قوشۇپ،مۇز بىلەن گۈل بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتەكئېكولوگىيە مەنزىرىسىنى ھاسىل قىلىدۇ. گۈللەرنىڭ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ، ھەسەل ھەرىلىرىمۇ ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ.

ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى باش باھارنىڭ بەلگىسى بولغانگۈل بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاق زەپەنىڭ چېچەكلەش مەزگىلى يېرىم ئايغا يېقىن بولۇپ، تەبىئەتنىڭ ئويغىنىشىنىڭ روشەن سىگنالى ھېسابلىنىدۇ. راسا چېچەكلەش مەزگىلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، كۈنەسنىڭ باھار مەنزىرىسى رەسمىي گۈزەل تۈسكە كىرىدۇ، ئۆرۈك چېچىكى، تىيانشان زاراڭزىسى، شۆشەنباۋچۇن قاتارلىقلار داۋاملىق ئېچىلىپ، كۈنەسنىڭ نەچچە ئايغا سوزۇلغان گۈل دېڭىزى مەنزىرىسى سىزىلىپ، تىيانشان ئېكولوگىيەسىنىڭ گۈزەللىكى ۋە ھاياتىي كۈچى نامايان قىلىنىدۇ.

ئاق زەپە.

ئاق زەپە.

ئاق زەپە.

ئاق زەپە.

ئاق زەپە.

ئاق زەپە.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى