ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ياڭ بىن خەۋەر قىلىدۇ) باش باھار مەزگىلىدە، قەشقەر شەھىرىنىڭ سەمەن يېزىسى باھار پەيزىگە چۆمدى، تۇنجى ئورۇم يۇمران بېدىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلدى، يېڭى بېدە بازارغا سېلىنىپلا، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئەتىيازلىق تاماق ئۈستىلىدىكى ئۆزگىچە مەززىلىك تەمگە ئايلاندى.

3-ئاينىڭ 7-كۈنى، قەشقەر شەھىرىنىڭ سەمەن يېزىسى دۆڭھويلا كەنتىدە، كەنت ئاھالىلىرى بېدە ئۈزمەكتە. تەلەتجان ئابلىمىت فوتوسى
سەمەن يېزىسى دۆڭھويلا كەنتىدىكى تېرىقچىلىق ئائىلىسىنىڭ ئېتىزىدا، ئىلگىرىكى ئېتىزلىقلاردا ئۆسىدىغان ياۋا كۆكتات بۈگۈنكى كۈندە كۆلەملەشتۈرۈپ تېرىلىپ، سۈپىتى، تەمى تېخىمۇ ياخشىلاندى. تۇنجى ئورۇم بېدىنىڭ ھەر كىلوگىرامى 10 يۈەن ئەتراپىدا سېتىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئىنتايىن ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قەشقەر شەھىرى بېدە تېرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، بازارنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدى. بۇنىڭدىن سىرت، شۇ جاي يەنە كۆكلەم سەيلىسى، باھار سەيلىسى قاتارلىق ئىستىراھەت-ھېس قىلىشقا دائىر كەسىپ ھالەتلىرىنى پائال تەرەققىي قىلدۇردى. تۇنجى ئورۇم بېدە يىغىۋېلىنغاندىن كېيىن، لازا، شوخلا قاتارلىق كۆكتاتلار داۋاملىق تېرىلىپ، بىر پەسىلگە بىر پەسىلنى ئۇلاش، پۈتۈن يىلدا ئۈزۈلدۈرمەي تېرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

3-ئاينىڭ 7-كۈنى، قەشقەر شەھىرىنىڭ سەمەن يېزىسى دۆڭھويلا كەنتىدىكى تۇنجى ئورۇم ياپيېشىل يۇمران بېدىلەر. تەلەتجان ئابلىمىت فوتوسى
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى