3-ئاينىڭ 11-كۈنى، كۈنەس ناھىيەسى نارات مەنزىرە رايونىدا سوغۇق ھاۋا ئېقىمى كۆرۈلۈپ، تېمپېراتۇرا ئۇشتۇمتۇت تۆۋەنلىدى. 3-ئاينىڭ 12-كۈنى ھاۋا ئېچىلىپ، مەنزىرە رايونىدىكى دەل-دەرەخلەرگە مەرۋايىتتەك مۇزلار ئېسىلىپ، ئاز ئۇچرايدىغان باھار پەسلىدىكى قار-مۇز مەنزىرىسى نامايان بولدى.
قۇياش نۇرىدا، دەرەخ شاخلىرىدىكى مۇزلار سۈزۈك ھالەتتە يالتىراپ، خۇددى نەچچە ئون مىڭ دەستە گۈللەر ئورمانلىقنى قاپلىغاندەك چاقناپ تۇراتتى. دەرەخ شاخلىرى مۇز قاتلىمى بىلەن ئورالغان بولۇپ، شەكلى نەپىس ھەم سۈزۈك، قاتلاملىرى ئېنىق ئستېرېئولۇق مەنزىرە شەكىللەنگەنىدى، كىشىلەر تەبىئەتنىڭ بۇ نادىر ئەسىرىدىن ھاياجانلانماي تۇرالمايتتى.
ئىگىلىنىشىچە، نارات تىيانشاننىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان بولۇپ، كىلىماتى ئۆزگىرىشچان، سوغۇق ھاۋا ئېقىمىدىن كېيىن ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى ئاسانلا تۇمان سۆڭگىسى، مۇز مەنزىرىسى شەكىللىنىدىكەن. بۇ قېتىمقى ئاجايىپ مۇز مەنزىرىسى باش باھاردىكى يايلاققا ئۆزگىچە رومانتىك تۈس قوشۇپ، كىشىگە ئىسسىق بىلەن سوغۇقنىڭ ئالمىشىشى، مۇز بىلەن نۇرنىڭ بىرىكىشىدەك ئۆزگىچە جەلپكارلىقنى ھېس قىلدۇرغان.

3-ئاينىڭ 12-كۈنى، نارات مەنزىرە رايونىدىكى دەل-دەرەخلەرگە مۇزلار مەرۋايىتتەك ئېسىلىپ، باھار پەسلىدىكى ئاز كۆرۈلىدىغان قار-مۇز مەنزىرىسى نامايان بولدى.

دەرەخ شاخلىرى مۇز قاتلىمى بىلەن ئورىلىپ، نەپىس ھەم سۈزۈك، قاتلاملىرى ئېنىق ئستېرېئولۇق مەنزىرە شەكىللەنگەنىدى.

قۇياش نۇرىدا، دەرەخ شاخلىرىدىكى سۈزۈك مۇزلار پارقىراپ نۇر چېچىپ تۇراتتى.

(كۈنەس ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى جاڭ ۋېنتىڭ)
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى