تۇرپاندا چېچەكلەر ئېچىلىپ، شىنجاڭدىكى تۇنجى باھاردىن دېرەك بەردى. 3-ئاينىڭ 10-كۈنى، مۇخبىر تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونىدا زىيارەت قىلغاندا، دەرەختىكى ياۋا شاپتۇل چېچەكلىرىنىڭ پورەكلەپ ئېچىلغانلىقىنى، كوچىلارنىڭ خۇددى شەپەق نۇرىدەك گۈزەل تۈسكە كىرگۈزۈپ، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسىنى قەدىمىنى توختىتىپ تاماشا قىلىشقا جەلپ قىلغانلىقىنى كۆردى.

3-ئاينىڭ 10-كۈنى، تۇرپاندا ياۋا شاپتۇل چېچەكلىرى ئېچىلدى. تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى شيې دۇڭفېي فوتوسى

ياۋا شاپتۇل چېچەكلىرى پورەكلەپ ئېچىلدى. تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى شيې دۇڭفېي فوتوسى
گېبى مەھەللىسى، يىجۈيۈەن مەھەللىسى قاتارلىق جايلاردىكى ھەربىر تۈپ ياۋا شاپتۇل دەرەخلىرىنىڭ شاخلىرىدا چېچەكلەر ھۈپپىدە ئېچىلغان بولۇپ، ھال رەڭ گۈل بەرگىلىرى قۇياش نۇرىدا ئادەتتىن تاشقىرى چىرايلىق كۆرۈنەتتى. مەيىن شامالدا گۈللەر يېنىك يەلپۈنۈپ، دەرەخ شاخلىرى ئىرغاڭلاپ تۇراتتى، ھاۋانى گۈللەرنىڭ سۇس خۇش ھىدى قاپلىغانىدى. نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى دەرەخ ئاستىدا داكا قىلىپ سۈرەتكە چۈشۈپ، بۇ گۈزەل باھار مەنزىرىسىدىن خاتىرە قالدۇرۇۋاتاتتى. شەھەر ئاھالىسى ۋاڭ شيۇخۇا كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئولتۇراق رايوندىكى شاپتۇل چېچەكلىرىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى كۆرۈپ، كەيپىياتىم بەك ياخشى بولۇپ كەتتى. كۆپچىلىكنىڭ كۈنلىرىنىڭ گۈل كەبى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

شەھەر ئاھالىلىرى قەدىمىنى توختىتىپ چېچەك سەيلىسى قىلماقتا. تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى شيې دۇڭفېي فوتوسى
تېمپېراتۇرىنىڭ سىجىل ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، تۇرپاندىكى ئۆرۈك چېچىكىمۇ پات ئارىدا چېچەكلەش مەزگىلىنى كۈتۈۋالىدۇ. شۇ چاغدا، ھەرقايسى رايون، ناھىيەلەر كۆپ تۈرلۈك مەدەنىيەت-ساياھەت پائالىيەتلىرىنى يولغا قويۇپ، كەڭ شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرگە گۈزەل ئۆرۈك چېچەكلىرى ئارىسىدا تۇرپاننىڭ قىزغىنلىقى ۋە جەلپكارلىقىنى تولۇق ھېس قىلدۇرىدۇ.
(تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى شيې دۇڭفېي)
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى